كۆرۈش: 368|ئىنكاس: 4

مۇئەمما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                                                   
               
                                  مۇئەمما                                 


                             ھەسەن ھۈسەن ئىپتىخار
  
   


                                   
  ئاسماندا بار،پەلەكتە يوق،ئاۋازدا بار،يۈرەكتە يوق،
  ئارماندا بار،ئۈمىدتە توق،ئارزۇدا بار،ئىستەكتە يوق.
  ئاھۇدا بار،جەرەندە يوق،مارالدا بار،مۆلۈندە يوق،
  ئاغزىمدا بار، تىلىمدا يوق،لاچىندا بار ،كەكلىكتە يوق.
  قارامدا بار،توڭگۇزدا يوق،قارامدا بار،قوڭغۇزدا يوق،
  ئالتۇندا بار ،زەرگەردە يوق،ئالماستا بار،ئەمگەكتە يوق.
  ئاجىزدا بار،كۈچلۈكتە يوق،ئاقساقتا بار،توكۇردا يوق،
  دۇتاردا بار،تەمبۇردا يوق،ساتاردا بار،غىجەكتە يوق.
  ئازنىدا بار،جۈمەدە يوق،چارشەنبىدە بار،شەنبىدە يوق،
  پىيازدا بار،زەدەكتە يوق،ئاشلىقتا بار،مەدەكتە يوق.
  لازىمدا بار،كىرەكتە يوق،لازىدا بار، تىرەكتە يوق،
  كىتاپتا بار،مەكتەپتە يوق،قارلىقتا بار،مەشرەپتە يوق.
  ئالقاندا بار،مۇشتەكتە يوق،دۇنايدا بار،دۈمچەكتە يوق،
  ئايالدا بار،خوتۇندا يوق،ئوغلاقتا بار،ئوتۇندا يوق.
  دانادا بار،ھېكمەتتە يوق،ئاقىلدا بار،زېرەكتە يوق،
  ساپادا بار،سۈپەتتە يوق،شارىپتا بار،كۆيۈكتە يوق.
  گۈلخاندا بار،ئاتەشتە يوق،سامادا بار،كۆكلەردە يوق،
  ئاناردا بار،ئۈرۈكتە يوق،باھاردا بار،ئۈششۈكتە يوق.
  بارماقتا بار،ئۈزۈكتە يوق،ياپراقتا بار،چىچەكتە يوق،
  غاپىلدا بار،غەپلەتتە يوق،ھىجراندا بار،كۈلپەتتە يوق.
  ئاشىقتا بار،مەشۇقتا يوق،يالغاندا بار،ئۆسەكتە يوق.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-29 11:15:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا ھا... تازا بىر كۈلىۋالدىم بۇنى ئوقۇپ.  ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتىمۇ يا؟  ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتى بولسا قەلەم كۈچىڭىزگە قايىلمەن،ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ بولمىسا ئۆتكۈر كۆزىڭىزگە قايىلمەن.
ۋاقتى: 2013-11-30 00:27:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىكى بارنىڭ ھەممىسى «ئا»ھەرىپى ئىكەنغۇ!
ۋاقتى: 2013-11-30 14:04:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى شىئىركەن .
ۋاقتى: 2013-11-30 21:58:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇپ ئۇقۇپ ئۈچەي باغرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيدىدى بەك ياخشى يېزىپىسىزجۇما!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش