بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-27 19:12
ئۇيغۇرنىڭ بىر بايلىقى كەتتى
مۇھەممەتجان راشىدىن
يالغان دىسەك راست بولۇپ چىقتى، ھېسام ئاكا كۆز يۇمغىنىڭىز. بۇ دۇنيادا تۈنۈگۈنكى تۈن، ئەڭ ئاخىرقى بىر قونغىنىڭىز.
بۈگۈن مانا سىز يەرلەنگەن كۈن، يىغلاپ تۇردى ئېلى ئاسمىنى. كەلكۈن بولۇپ ئالدى ئىلكىگە، كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياش مېنى.
تۈن تەڭ بولدى شۇ كېچە مانا، تولغىنىمەن يۈرەك باغرىم قان. جۇدالىقنىڭ بۇ ئازابىدا، چىقمايدىكەن ھېلىمۇ بۇ جان. سۇغاق يەرگە تەگدى باغرىمىز، مېنىڭمۇ تەڭ بولدۇم تەگكەندەك. بولۇپ قالدىم ئەجەل مېنىڭمۇ شاخلىرىمنى كېلىپ ئەگكەندەك.
|