كۆرۈش: 450|ئىنكاس: 8

ئىدىئوملارغا ئىزاھات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  1.   بېشى قايغان تەرەپكە ماڭماق

       بۇ پىلانسىز، نىشانسىز ئىش قىلىدىغان، يول يۈرۈشتە ئېنىق مەنزىلى بولمىغان، ئەقىل ئىشلەتمەيدىغان دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

  2 .  قىن-قىنىغا پاتماي قېلىش

     بۇ خوشاللىقىدىن ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن نورمال ھالىتىنى يوقۇتۇپ، ئۆزىنى باشقۇرالمىغان دەرىجىدە ئېشىۋىلىش،خۇشال بولۇپ كېتىش دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

  3.ئىشنىڭ تېگى
    بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتى، خاراكتېرى، مەقسىتى دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

  4. ئىچى ئاداپ كېتىش
    بۇ ھەسەتخورلۇق تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ نەتىجىسىگە نىسبەتەن چىدىماي قېلىش، كۆرەلمەسلىك دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
  5.ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماق
    بۇ باشقىلارنىڭ خاپىلىقى ياكى قايغۇ-ئەلەملىرىگە تەسەللى بەرمەستىن ، بەلكى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئازابىنى كۈچەيتىشدىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

   6. سوكال قۇيرۇق
       بۇ سىرتقى قىياپىتىدىن تەمكىنى يوق، ئالدىراقسان، تەنتەك كۆرۈنىدىغان، باشقىلارغا ياخشى تەسىر بىرەلمەيدىغانكىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

   7. ئاغزىنى تۇۋاقلىماق
       بۇ بىر قىسىم ئۆزىنىڭ گېپىنىلا راست قىلىپ باشقىلارغا گەپ بەرمەي سۆزلەيدىغان كىشىلەرگە قايىل قىلارلىق توغرا ۋە دەل جايىدا رەددىيە بېرىپ، توختىماي قىلىۋاتقان سۆزىنى توختۇتۇپ قويۇش دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

   8. قۇلىقى ئۇزۇن
       بۇ ئۇچۇرغا باي، خەۋەرگە ماھىر دىگەن مەنىگە ئىگە.

   9. بىر ياقىدىن باش چىقارماق،
       بىر يەڭدىن قول چىقارماق.

      بۇ ئىتىپاقلاشماق، بىرلەشمەك، ئۇيۇشماق دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

     10. ئۆپكىسى يوق.
           بۇ ئالدىراڭغۇ، تەنتەك، ئاچچىقى كەلسە كۆزىگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيدىغاندىگەن مەنىلەرگە ئىگە.

     11. چۈجىنى كۈزدە ساناڭ.
            بۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە قاراپ، ئالدىراپ يەكۈن چىقارماڭ دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

      12. تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش.
             بۇ رايىنى سىناپ بېقىش، كۆڭلىنى بىلىپ بېقىش، خاراكتېر ئالاھىدىلىگىنى ئىگىلەپ بېقىش دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

        13. ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىماق.
               بۇ ئەمەلگە ئېشىش مۈمكىنچىلىگى ناتايىن بولغان ئىشقا نىسبەتەن ئۈمىد باغلىماق، خام خىيال قىلماق دىگەن مەنىدە.

          14. پىشانىسىنى سىلاپ باقماق.

             بۇ ئۆزىدىمۇ شۇ خىل ئىللەتنىڭ بارلىقىنى بىلىش كىرەك دىگەن مەنىدە.

        15. قولى قىسقا.
             بۇ كەمبەغەل، نامرات، پۇلى يوق دىگەن مەنىدە.

         16. چاي ئىچۈرمەك.
              قىزنى ئوغۇلغا پۈتۈشۈپ، رەسمىيەت ئۆتۈمەك دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
   
     
   

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-8-15 12:01:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن ياخشى ماتىرىيال ئىكەن .  داۋامىغا تەشنامىز
ۋاقتى: 2013-8-15 13:16:32يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلنىش قىممىتى يوقۇرى تېما يوللاپسىز . رەھمەت سىزگە
来自: Android客户端
ۋاقتى: 2013-8-15 14:43:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز رەخمەت سىزگە،داۋامىنى داۋاملىق يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن
ۋاقتى: 2013-8-15 15:41:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قۇيۇپ پايدىلانساق بولغۇدەك رەھمەت .
ۋاقتى: 2013-8-15 16:22:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ خاراكتىر -ئالاھىدىلىكىگە باھا بېرىشتە قوللىنىلدىغان مول مەزمۇنلۇق ئىدىئوملار ئىكەن ،مەنىسى تولىمۇ ئاممىباپ ،چۈشنۈشلۈك بوپتۇ ،رەھمەت سىزگە .....
ۋاقتى: 2013-8-15 17:43:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن ئەپەندىم سىز تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى ئانا تىلىمىز ‹‹ئۇيغۇر تىلى››بىلەن پىكىرلىشىۋاتقان،تەپەككۇر قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن مول،مەزمۇنلۇق ئىدىئوملارنى تەقدىم ئېتىپسىز،رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2013-8-15 22:36:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تىما ئىكەن رەخمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2013-8-17 02:30:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچى نېمە دېگەن چوڭقۇر ھە؟! قىممەتلىك سوۋغىڭىزغا تەشەككۈر!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش