| دانا جاۋاپ ئوقۇتقۇچى :تاۋۇزنى قايسى ۋاقىتتا ئۈزگەن ياخشى؟ ئوقۇغۇچى :تاۋۇزلۇققا قارىغۇچى ئۇخلاپ قالغاندا.
بوۋاينىڭ ئاچچىقلىنىشى
ئۆي قۇشلىرى دۇكىنى تېخى ئېچىلمىغان بولۇپ،ئىشىك ئالدىدا بىرمۇنچە كىشى قاتار تىزىلىپ تۇرغانىكەن.بىر ئازدىن كېيىن،بىر بوۋاي قىستىلىپ يۈرۈپ سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپتۇ. كىشىلەر ئۇنى ئىتتىرىپ سەپنىڭ ئاخىرىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ.بوۋاي نىيىتىدىن يانماي، مىڭ تەسلىكتە يەنە سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپتۇ. بۇ قېتىم بىر ئادەم بوۋايغا قوپال گەپ قىپتۇ-دە،بوۋاينى سۆرەپ يولنىڭ ئوتتۇرسىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاي ئاچچىقلاپ،ئۈنلۈك ئاۋازدا:‹‹يەنە شۇنداق بولىدىكەن،دۇكاننى ئاچمايمەن!›› دەپ ۋاقىراپتۇ.
خىيالىغا كەلتۈرمەسلىك
بىر مۇتىھەم ئاشپۇزۇلدا غىزالىنىپ بولغاندا،خوجايىن پۇلنى تۆلىۋىتىشنى ئېيتىپتۇ. مۇتىھەم: -مەندىكى پۇلنى پارچىلىيالمايسىز، كېلەر قېتىم بېرەي،-دەپتۇ.خوجايىن: -ھەرقانچە پۇل بولسىمۇ پارچىلىيالايمەن،ئەگەر پارچىلىيالمىسام سىزدىن پۇل ئالمايمەن،-دەپتۇ. مۇتىھەم خوجايىننىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ،يانچۇقىدىن بىر پۇڭلۇق تەڭگىنى ئېلىپ خوجايىنغا تەڭلەپتۇ.
ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى
_بارمىقىڭىزغا يىپ چېگىۋېلىپ نىمە قىلىسىز؟ _ئايالىم مېنى ئۇتۇغاقلىق كېسىلىڭ بار دەيدۇ.ئۇ مېنى بىر پارچە خەت سېلىۋېتىشنى بۇيرۇغانىدى.ئۇ:بارمىقىڭىزدىكى يىپنى كۆرگەن ۋاختىڭىزدا خەت سالىدىغانلىقىڭىز ئېسىڭىزگە كېلىدۇ، دەيدۇ. _ئۇنداختا،ئۇنىڭ خېتىنى سېلىۋەتتىڭىزمۇ؟ _ياق تېخى،ئايالىم خەتنى ماڭا بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ.
تاماق يەيدۇ
ئوغلى:دادا سائەتنىڭ ئىسترېلكىلىرى نىمە ئۈچۈن ئىلگىرى -كېيىن ماڭىدۇ؟ دادىسى:چۈنكى،ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. ئوغلى:ئۇنداختا،سائەت 12 دە ھەممىسى بىر يەرگە كېلىۋالىدىكەنغۇ؟ دادىسى:چۈنكى،ئۇلار بۇ چاغدا تاماق يەيدۇ.
يۈرەك رېتىمىنىڭ نورمالسىزلىقى
سېستىرا:دوختۇر سىز خۇاڭ ئەپەندىنى ھەممە جەھەتتىن نورماللاشتى دەۋاتاتتىڭىز،نىمىشقا مەن ھەر قېتىم تەشۈرگەندە ئۇنىڭ يۈرەك رېتىمى نورمال چىقمايدۇ. سىز مەيدىڭىزنىڭ تۈگمىسىنى ئېتىۋالسىڭىز نورمال چىقىدۇ.
ئوبرازلىق ئوخشۇتۇش
_دادا، مىلتىق بىلەن پىلىموتنىڭ نىمە پەرقى بار؟ _بالام،بۇ خۇددى داداڭ بىر ئېغىز گەپ قىلسا،ئاناڭ توختىماي كوتۇلداپ كەتكەنگە ئوخشاش.
ئائىلە ھەققىدە پاراڭ
بىر كۈنى ئىككى دوست ئائىلە مەسىلىسى ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدى. بىرى يەنە بىرىگە دىدى: _ئاداش،مەن توي قىلغاندىن كېيىن ئايالىمغا ‹‹ئائىلىدە تىجەشلىك بولۇشتىن مىڭ مىسال›› دىگەن كىتاپنى تەقدىم قىلدىم. _ئاداش،ئۇنىڭ نەتىجىسى بولدىمۇ؟ _دەپ سورىدى دوستى. _بولدى ئاداش،بولدى،شۇ كۈندىن باشلاپ مەن تاماكا تاشلىدىم.
سىز ئەمەسمىدىڭىز
يىگىت:ئېسىت،ئاخشام رېستوراندىكى چىراغلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قېلىشىنى ئادىن بىلگەن بولسام،بىللە تانسا ئويناپ،سىزنى سۆيۈۋالاركەنمەن. قىز: ۋاي ئاتام!نىمە دەۋاتىسىز،ئاخشام مېنى سۆيگەن سىز ئەمەسما؟.... |
|