كۆرۈش: 321|ئىنكاس: 3

تاماكا توغۇرىسىدا ئويلىغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                    تاماكا توغۇرىسىدا ئويلىغانلىرىم
     پۈتۈن دۇنيادا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانىنى ئىنىق بىلگىلى بولمىسىمۇ ، بىراق بۇنى مۆلچەرلەشكە  بولىدۇ . دۇنيادا 7مىليارىد نوپوس بار دىسەك ، بۇنىڭ %50 تى ئەر كىشى دېسەك ، 3 مىليارىد 500 مىليون ئەر كىشى بار  دېگەن گەپ ، بۇنىڭ %50 تىنى تاماكا چەكمەيدىغانلار دىسەك ، ئۇ چاغدا 1مىليارد 750 مىليون ئەر كىشى تاماكا چېكىدۇ دىگەن گەپ .
     تاماكىنىڭ ، ئازىنى 5.00 يۈەنلىكتىن، قىمىتى  1000 نەچچە يۈز يۈەنلىكلىرى بار . بىز  ھەر بىر ئادەم كۈنىگە ئەڭ ئازان بولغان 5.00 يۈەنلىك تاماكىدىن بىر قاپ چېكىدۇ دەپ ھىساپلىساق ، ئۇ چاغدا بىر ئادەم بىر ئايدا (بىر ئاينى 30 كۈن دەپ ھىساپلىساق ) 150.00 يۈەنلىك ، بىر يىلدا 1800.00 يۈەنلىك تاماكا چېكىپ بولىدۇ دېگەن گەپ. بۇ پۇلغا پەچەت بىر دانە كىرئالغۇ سېتىۋىلىپ جاپاكەش ئاياللارنىڭ كىر يۇيۇش قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ . ھەر بىر تال تاماكىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى 10 سانتمتىر كېلىدۇ دىسەك ، بىر ئادەم كۈنىگە 2 مىتىر  ئۇزۇنلىقتتا ، بىر يىلدا 720 مىتىر تاماكا چېكىپ بولىدۇ .
     دۇنيادىكى  1مىليارد 750 مىليون ئادەم بىر كۈندە  8750000000= 5X1750000000 يەنى 8مىليارد 750مىليون يۈەنلىك تاماكا چېكىپ بولىدۇ دېگەن گەپ .  بۇ پۇلغا 100 مىڭ يۈەنلىك ماشىنىدىن ،87 مىڭ 500 نى سېتىۋالغىلى بولىدۇ . يەنە يۇقارقىدەك بىر تال تاماكىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى 10 سانتىمتىر  دېسەك دۇنيادىكى 1 مىليارد 750 مىليون ئادەم بىر كۈندە 3 مىليارد 500 مىليون مېتىر تاماكا چېكىپ بولىدۇ . ھەر بىر ئائىلىدە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 4 تىن ئادەم بار دېيىلسە ، 1750000000X4=7000000000 يەنى 7 مىليارد ئادەمنى زەھەرلەپ بولىدۇ .
     قىسقىسى پۈتۈن دۇنيادىكى بەڭگىلەرنىڭ بىر كۈندە چەككەن تاماكىسىنىڭ پۇلى بىلەن ئاچارچىلىق تارتىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنى قۇتقۇزىۋالغىلى ، ئېقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان ۋە ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇيالمايۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقىلى ، ئېقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى دوختۇرخانىدا داۋالىنالمايۋاتقان كىسەللەرنى داۋالىغىلى .....ئىش قىلىپ نۇرغۇن، نۇرغۇن ياخشى  ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ .
                             مەنبە: ئۆزۈم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-20 22:34:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامەت تەھلىل بولاپتۇ . قانداق قىلسام تاشلارمەن بۇ تاماكىنى ؟

باھا سۆز

تاماكىنى تاشلىيالمىسىڭىز ، بىرگە ئېلىپلا كەتمەمسىز . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-21 02:09
ۋاقتى: 2014-12-20 22:42:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى  1مىليارد 750 مىليون ئادەم بىر كۈندە  8750000000= 5X1750000000 يەنى 8مىليارد 750مىليون يۈەنلىك تاماكا چېكىپ بولىدۇ دېگەن گەپ .  بۇ پۇلغا 100 مىڭ يۈەنلىك ماشىنىدىن ،87 مىڭ 500 نى سېتىۋالغىلى بولىدۇ . يەنە يۇقارقىدەك بىر تال تاماكىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى 10 سانتىمتىر  دېسەك دۇنيادىكى 1 مىليارد 750 مىليون ئادەم بىر كۈندە 3 مىليارد 500 مىليون مېتىر تاماكا چېكىپ بولىدۇ . ھەر بىر ئائىلىدە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 4 تىن ئادەم بار دېيىلسە ، 1750000000X4=7000000000 يەنى 7 مىليارد ئادەمنى زەھەرلەپ بولىدۇ .

قورقۇنچلىق  سان-سىفىرلار  ئىكەن.
ئەھمىيەتلىك تېمىنى يوللاپتىلا. ئەجرىللىرىگە  رەھمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-21 02:09:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
艾力.吾麦尔 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 22:34
كارامەت تەھلىل بولاپتۇ . قانداق قىلسام تاشلارمەن بۇ تا ...

   تاماكىنى  تاشلىيالمىسىڭىز ، بىرگە ئېلىپلا كەتمەمسىز .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش