بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-13 22:01
پارچىلار
ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ مەيدەڭنى كېرىپ ، جىدەل تېرىپ ھەر يەردە قاپاقنى يېرىپ . جاۋاپكار دەپ بەزىدە تۆرمىگە كىرىپ ، ئۆتمىسۇن بۇ باھارىڭ ياش تۇرۇپ قېرىپ . * * ئەمەلنىڭ كويىدا كۆتېرىپ چاپان ، كىچە –يۇ ،كۈندىزى يالايسەن تاپان . گەر باشلىق بويرىسا شەرەپ دەپ بىلىپ ، ھەتتاكى كالا بوپ سۆرەمسەن ساپان ؟ * * بىلىمنى دوست تۇتساڭ بۇ دۇنيا سېنىڭ ، ھەم ئۇنى بىلىشكە چىڭ بولسا بېلىڭ . ئەگەرچەن بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ ، سەن ھايات بولساڭمۇ ئەمما ئۆلگېنىڭ . * * ئادەمدە بولمىسا ۋىژدان ۋە غورۇر ، ھايۋاندىن ھىچقانچە پەرقى يوق بولۇر . ھايۋاندىن پەرقى يوق ئۇنداق ئادەمنىڭ ، قانداقمۇ ئىناۋەت ،ھۈرمېتى بولۇر ؟
مەنبە:ئۆزۈم |