| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 02:44
كەلدۇق بىز دۇنياغا ئوخشاش ھەممىمىز
كەلدۇق بىز دۇنياغا ئوخشاش ھەممىمىز ، كەم ئەمەس ھىچكىمدىن بىزنىڭ ئەقلىمىز. تىرىشماي ،تەر تۆكمەي ،ئۇيقۇدا ياتساق، كېرەكسىز ئەخلەتتەك ، يوقتۇر نەرقىمىز .
كەلدۇق بىز دۇنياغا شۇڭا ياشايمىز ، ۋە لېكىن ياشىساق ،قانداق ياشايمىز ؟ كېلىپلا ،كەتمەكنى مەقسەت قىلامدۇق ؟ ئويلايلى دوستلىرىم بۇنى ھەممىمىز.
كەلدۇق بىز دۇنياغا يەنە كېتىمىز ، ۋە لېكىن بىلمەيمىز قاچان كېتىمىز . مەيلى بىز قاچانلا كەتسەك كېتەيلى، تارىختا ، ئەۋلادقا قالسۇن ئىزىمىز .
مەنبە :ئۆز قەلېمىم
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|