| 15.دوپپا رىۋايىتى مەزمۇنى: بۇ بىر رىۋايەت بولۇپ، بۇ رىۋايەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ بىرى بولغان دوپپىنىڭ دۇنياغا كىلىش جەريانى قىزىقارلىق رىۋايەت شەكلىدە بايان قىلىنغان. ۋاقتى: ئىككى سائەت كۆرسەتمە: ئىكران، كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتالى، دوپپا 1-سائەتلىك ئۆگىنىش نىشانى: 1.تېكىسنى توغرا، راۋا، ھېسياتلىق ئوقۇش. 2.تېكىستتە ئۇچرىغان يېڭى سۆزلەر مەنىلىرىنى چۈشىنىۋىلىش. ھەم ئەمىلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش. 3.دوپپىنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىلىۋىلىش. مۇھىم نۇقتا: 1.تېكسىتنى توغرا، راۋا، ھېسياتلىق ئوقۇش. 2.كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى دۇدۇقلىماي راۋان ئوقۇش. قېيىن نۇقتا: يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسنى چۈشىنىۋىلىش ئوقۇتۇش جەريانى: ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى: ساۋاقداشلار، سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كېيىم-كېچەك مەدە نىيىتىدىن نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟ ئىكراندىن ئەتلەس كۆينەك، كانۋا كۆينەي، دوپپا… قاتارلىق رەسىملەر چىقىدۇ. بۈگۈنكى دەرسىمىزدە بىز مانا مۇشۇ دوپپىنىڭ مەيدانغا كىلىش تارىخى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى. تېما دوسكىغا يېزىلىدۇ. تېكىست مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن تېكىستنى ئىختىيارى ئوقۇپ چىقساق قانداق؟ 1.ھېسياتلىق ئوقۇش 2.چۈشىنىكسىز سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىش.
ئوقۇغۇچى پائالىيىتى:
ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ
ئەتلەس كۆينەك، كانۋا كۆينەي، دوپپا، كۆرگىنىگە ئاساسەن سۆزلەيدۇ.
تېمىنى كۆپچىلىك ئوقۇيدۇ.
تەلەپ بويىچە ئوقۇپ، يېڭى سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىدۇ.تەلەپ بويىچە بىر قانچە ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. قېنى كىم ئوقۇپ باقىدۇ؟ مەن باھالايمەن. مەن تېكىستنى ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئۇچراتتىم، بىرلىكتە ئوقۇشنى خالامسىلەر؟ سىلەر تېكىست ئوقۇش جەريانىدا يېڭى سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزدىڭلارمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار مۇنازىرىلىشىپ بولغاندىن كېيىن مەن خۇلاسىلەيمەن. يېڭى سۆزلەر مەنىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تېكستنى گۇرۇپپىلار بويىچە كوللىكتىپ ئوقۇيدۇ.
ئۆز-ئۆزىنى، پارتىدىشىنى باھالايدۇ
ئىكراندىن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر كۆرسىتىلىدۇ.شەخىسلەر، كوللىكتىپ ئوقۇيدۇ. يېڭى سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كۈنسىرى-كۈندىن-كۈنگە بوي تارتىش-ئۆسۈش شادلىق-خۇشاللىق خازان بولۇش-قۇرۇپ قىلىش ھىدى-پۇرىقى ھەۋىسى-زوقى
خالىغان سۆزلەرگە جۈملە تۈزىدۇ. سىنىپ دەپتىرىگە يازىدۇ.
تاپشۇرۇق: 1.ئۆيىدە دوپپا بولسا، سىنىپقا كىيىپ كىلىش. 2.دوپپىلار قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ؟ ماتىرىيال توپلاپ كىلىش. دەرسكە دائىر مەشىقلەر قارشى مەنىسىنى يازالايمەن گۈزەل- ، غەمكىن- روھلۇق- قامەتلىك- ئەتىگەن- مەنىسىنى بىلىۋالاي پەرۋىش قىلىش- ھەۋەسلىنىش- ئۆتۈنۈش- ھىدى- گۈلتاجى- بوستانلىق- تۆۋەندىكى سۆزلەرگە تىنىش بەلگىسى قويۇڭ ئەر خوتۇن يۇرت يۇرت يېراق يېراق گۈل گىياھ جۈملە تۈزىيەلەيمەن خىلمۇخىل- شادلىققا چۆمۈش- كۆڭلى يېرىم بولۇش- ئىككىنچى سائەت 2-سائەتلىك ئۆگىنىش نىشانى 1.تېكىستنى ئەسلەش تەرىقىسىدە توغرا، راۋان، ھېسياتلىق ئوقۇش. 2.سوئاللار تەرىقىسىدە تېكىست مەزمۇنىنى ئىگىلەش 3.دوپپىنىڭ تۈرلىرىنى بىلىش رىۋايەتنى ئاغزاكى بايان قىلالايدىغان بولۇش. مۇھىم نۇقتا: 1. سوئاللار تەرىقىسىدە تېكىست مەزمۇنىنى ئىگىلەش 2. دوپپىنىڭ تۈرلىرىنى بىلىش قېيىن نۇقتا: تېكىستنى ئاغزاكى بايان قىلىش ئوقۇتۇش جەريانى:
ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى: ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ھەممىسى دوپپا كىيىپ دەرسخانىغا كىرىدۇ. شېئىر ئوقۇش ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىش. چىمەن دوپپام بار مېنىڭ، بېشىمدىكى تاجىم ئۇ. ئۇندا چىمەن نۇسخىسى، بۈك باراقسان بېغىم ئۇ. ساۋاقداشلار، بۈگۈن سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن چىرايلىق دوپپا كىيىۋاپسىلەر، بۇ دوپپىلار سىلەرگە بەكمۇ يارىشىپتۇ.
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى:
چىمەن دوپپام بار مېنىڭ، مومام تىككەن كېچىلەپ. كېيسەم ئۇنى بېشىمغا، كېتەر كۆڭلۈم چېچەكلەپ.
سىلەر مۇشۇ بېشىڭلاردىكى دوپپىلارنىڭ نامىنى بىلەمسىلەر؟ سىزنىڭ بېشىڭىزدىكى بۇ دوپپىنى نېمە ئۈچۈن دوپپا دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن بادام دوپپا دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ يۇقىرىقى سوئال تەرىقىسىدە بىرنەچچە ئوقۇغۇچىدىن سوئال سورىلىدۇ. توغرا دىيەلىگەنلەر رىغبەتلەندۈرىلىدۇ. بىلمىگەنلەرگە بىز بۈگۈنكى دەرسىمىزدە مۇشۇ مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلايلى. تېما دوسكىغا يېزىلىدۇ. قايسى ساۋاقداش بىزگە تېكىست مەزمۇنىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ. ئابزاسلار بويىچە ئالتە ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. 1-ئابزاسنى ئوقۇپ نېمىنى چۈشەندىڭىز؟
ئىختىيارى تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىكى دوپپىلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ بىلىدىغانلىرى بويىچە سۆزلەيدۇ.
بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەيدۇ.
باھالاش ئېلىپ بارىدۇ.
1-ئابزاسنى ئۆز ئالدىغا ئوقۇپ ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ.
ھازىرقى بىز بۇنداق ئىسىملارنى ئاڭلىغانمۇ؟ بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى. ئۇنداقتا بۇلار قانداق جايدا ياشايدىكەن؟ ئىكراندىن گۈزەل بوستانلىقنىڭ رەسىمى كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر سىز مۇشۇنداق گۈزەل جايدا ياشىغان بولسىڭىز نېمە ئىشلارنى قىلغان بولاتتىڭىز؟ كۈنتۇغدىمۇ سىلەرگە ئوخشاش گۈلگە ئامراق ئىكەن. بۇنى سىلەر قايسى سۆز-جۈملىلەردىن بىلدىڭلار؟ ئىكراندىن تۆۋەندىكى جۈملە كۆرسىتىلىدۇ. ئىللىق شامال گۈللەرنىڭ پۇرىقىنى يېراق-يېراقلارغا تارقىتىپتۇ. ياز پەسلى كېتىپ قىش پەسلى كەلدى، ئەمدى ئۇلار قانداق قىلغاندۇ؟ كۈز،قىش پەسىللىرىدە قانداق قىلار؟ بىز ئۇلارغا ئەقىل كۆرسەتسەك قانداق بولار؟ قايسى ئەقىللىق ئوقۇغۇچى تەدبىر كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟
تەسەۋۋۇر قىلىپ سۆزلەيدۇ.
كىتاپتىن تىپىپ ئوقۇيدۇ.
تېكىستتىن تىپىپ ئوقۇيدۇ. ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. گۈلدىن ئايرىلغان قىزنىڭ كۆڭلى چوقۇم يېرىم بولدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاپىسى قىزنى قانداق ئۇسۇلدا خۇشال قىلدى؟ كىم كىتاپتىن تىپىپ ئوقۇپ بېرىدۇ؟ ئۇنداقتا ئاپىسى قىزى بىلەن توغرۇلغا ئوخشاش دوپپا تىكىپ بەردىمۇ؟ قانداق پەرقلىنىدۇ؟ بۇ چاغدا باشقىلارنىڭ بېشىدا بۇنداق دوپپا بارمىتى؟ كۈنتۇغدىنىڭ يۇرتىدىكىلەرمۇ ئانىلىرىغا دەپ تىكتۈرۈپ كىيىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوپپىنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىشكە باشلاپدۇ. تېكىستتىن شۇ جۈملىلەرنى تىپىپ ئوقۇپ باقايلى. بۇ دەرسنى ئۆگىنىش ئارقىلىق نېمىلەرنى بىلىۋالدىڭىز؟
كىتاپتىن ئوقۇيدۇ
كوللىكتىپ ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ.
كىچىك گۇرۇپپىلار مۇزاكىرە قىلىدۇ.
بىز يۇقىرىدا ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ قانداق دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ھەم تۈرلىرىنى بىلىۋالدۇق. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا باش كىيىمى بولىدۇ. سىز تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراپ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئايرىيالامسىز؟ دوپپا ھەققىدىكى بۇ رىۋايەتتە سۆزلەنگەن ۋەقە سىزچە راستمىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
دەرس مەزمۇنىنى خۇلاسىلەيمەن.
ئىكراندىكى رەسىمگە قاراپ جاۋاپ بېرىدۇ. خاتا بولسا كوللىكتىپ توغۇرلايدۇ.
پارتىداشلار تەھلىل قىلىپ، كوللىكتىپ توغۇرلىنىدۇ.
دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ تاپشۇرۇق: 1.«ئۇيغۇر دوپپىلىرى» نامىدا قوليازما گېزىت ئىشلەپ كىلىش. 2.رىۋايەتنى ئاتا-ئانىسىغا بايان قىلىپ بېرىش دوسكا لاھىيىسى 15.دوپپا رىۋايىتى توغرۇل، ئايتۇغدى، كۈنتۇغدى=گۈلخۇمار، گۈزەللكنى سۆيىدۇ. دەرسكە دائىر مەشىق بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. تارىم دەرياسى بويىدىكى ( )بىر جۈپ( ) ئۆتكەنىكەن. ئەرنىڭ ئىسمى ( ) ئايالىنىڭ ( )ئىكەن. ئۇلارنىڭ ( ) بىر قىزى بار ئىكەن. كۈنتۇغدى( )ئامراق ئىكەن. كۈنتۇغدى ھەركۈنى ئەتىگەندە ( )قىپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندە( ) ئېچىلىپ، ھويلا ( ) ئايلىنىپتۇ. كۈز كەپتۇ. ھويلىدىكى گۈللەر ( ) بوپتۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ( )، دوپپا ( )تاراپتۇ. يەنە تېخى ئۇلارنىڭ ( ) كۆپىيىپ، ( ) ( ) ( ) ( ) دېگەندەك ناملاردا ( ) يىنىپتۇ. دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش. بۇ سائەتلىك دەرسىمىزنىڭ تىلى چۈشىنىشلىك، ۋەقەلىكى قىزىقارلىق بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر بايان قىلىشى، ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ئىپادىلەپ كۆرىشى ياخشى بولغان. ئەمما مەن رىۋايەتتە بايان قىلىنغىنى ئەينەن تارىخ ئوبىيكتىپ جەريان بولماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ شۇھەقتىكى رېئاللىقنى ئاساس قىلغان تەسەۋۋۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەي قاپتىمەن.
|
|