ماقالە قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
«مائارىپ ۋە كەسىپ» ژۇرنىلى ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپ ئەسلىھە كەسپى جەمئىيتى قارمىغىدىكى كەسپىي ژۇرنال بولۇپ، مەزكۇر ژۇرنال نەشر قىلىنىشقا باشلىغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېن –سىياسەتلىرىگە سادىق بولۇپ ،ژۇرنال چىقىرىش ۋە باشقۇرۇشتا ئاپتونۇم رايونلۇق ئاخبارات -نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەتقىقاتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىگە كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن مەخسۇس ساھەدىكى ئۇنىۋېرسال ژۇرنال. «مائارىپ ۋە كەسىپ» ژۇرنىلى پارتيەنىڭ مائارىپ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ،ئۇقۇتۇش تەتقىقاتى، ئىدىيەۋىي -ئەخلاق ،سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ،بالىلار تەربىيەسى ،مۇھاكىمەۋە تەتقىقات، تەجىرىبە مەشغۇلاتى ،ئۇقۇتقۇچىلار مۇنبىرى ، تەنتەربىيە ۋە گىگېنا قاتارلىق سەھىپىلىرى بويىچە ئېلان قىلىنىدىغان ماقالە–ئەسەرلىرى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ كېلىۋاتقان ، مەزكۇر ژۇرنال يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋاقىتلىق نەشر قىلىنالمىغاندى. «مائارىپ ۋە كەسىپ» ژۇرنىلى مائارىپ سېپىمىزدە ئىشلۋاتقان كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش –تەتقىقات، مۇھاكىمە –مۇلاھىزە ،باشقۇرۇش ۋە ئۈگىنىش جەھەتتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بولغان تەتقىقات سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە ئىلگىرىدىكى نوقۇل مائارىپقا دائىر ماقالىلارنىلائېلان قىلىدىغان تار دائىرىدىكى چەكلىمىلىكنى بۇزۇپ تاشلاپ ، ئېلان قىلىنىدىغان ماقالىلاردائىرىسىنى مائارىپتىن جەمئىيىتىمىزدىكى مەدەنىيەت،سەھىيە، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق باشقا كەسپىي ساھەلەرگە قەدەر كېڭەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەرگەدائىر ماقالىلارنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ژۇرنال ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلارشتۇرۇپ، كەسپىيخادىملارنىڭ ماقالە ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتېرىشۋە كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى ئېلىشىغا بەلگىلىكدەرىجىدە شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ،يىپ-يېڭى قىياپەت بىلەن قايتىدىن نەشر قىلىنماقچى. شۇڭا ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۈن-تۈنسىز ئىشلەپ، ئۆز كەسپىدە يەكۈنلىگەنتەجرىبە-ساۋاقلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇش ئارقىلىق كەسىپداشلار بىلەنئورتاقلىشىشنى ئويلىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى ماقالە-ئەسەرلىرىنى مەزكۇر ژۇرنالغايوللاپ تۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. كامالىي ئېھتىرام بىلەن : «مائارىپ ۋە كەسىپ» ژۇرنىلى
ئالاقىلشىش تېلېفون نومۇرلىرى : 13565835350 13899149668
|