كۆرۈش: 225|ئىنكاس: 2

مەكتەپلارنىڭ «ئوقۇتۇش سۈپەت مۇكاپاتى»نىڭ بەلگىلىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلارنىڭ «ئوقۇتۇش سۈپەت مۇكاپاتى»نىڭ بەلگىلىمىسى
بىرىنچى: ئوقۇتۇش رايونى ئوقۇتۇش سۈپەت مۇكاپاتى.
1.دەرىجە مۇكاپاتى
« ئوتتۇرچە ئىلمىي نەتىجە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچىلار دەرىجىگە تۇرغۇزۇلۇپ،ئالدىدىكى %50 ئوقۇتقۇچىغا 30يۈن مۇكاپات قوشۇپ بېرىلىدۇ.
2.مەكتەپ ئومۇمىي ئوتتۇرچە نومۇر مۇكاپاتى
        ھەر مەۋسۈمدە، ناھىيە بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلار باشلىنىشتىن بۇرۇن، تۇيۇق يېزا مائارىپ باش ياچېيكىسى سېلىشتۇرۇپ باھالىنىدىغان يىللىق ۋە پەن تۈرلېرىنى بېكىتىدۇ ھەمدە مەخسوس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىدۇ.
يۇقۇرقى يىللىق ۋە پەنلەرنىڭ نەتىجىسى شۇ مەكتەپنىڭ بىر پۈتۈن ئوقۇتۇش نەتىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ نەتىجىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك مۇكاپات تەسىس قىلىنىدۇ.
1) باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرىجە مۇكاپاتى
ئالتە مەكتەپ بۇيىچە « ئوتتۇرچە نومۇر مۇكاپاتى» بېرىلىدۇ. 1-دەرىجە 3000يۈەن، 2-دەرىجە 2000يۈەن بويىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ.
ھىسابلاش ئۇسولى:
مەكتەپ ئوتتۇرچە نومۇرى= باھالاش دائىرىسىدىكى پەنلەرنىڭ ئومومىي نومۇرى÷ بارلىق ئىمتىھانلارغا قاتناشقان ئومومىي ئوقۇغۇچى سانى  
مەبلەغ مەنبەسى: ئومۇمىي ئوتتۇرچە نومۇردا ئارقىدىن سانىغاندا 1-دەرىجە بولغان مەكتەپكە 3000يۈن،  2-دەرىجە بولغان مەكتەپكە 2000يۈن جەرىمانە قويۇلۇپ ئالدىنقى ئورۇندىكى مەكتەپلەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ.
2) تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر دەرىجە مۇكاپاتى
تۆت مەكتەپ بۇيىچە « ئوتتۇرچە نومۇر مۇكاپاتى» بېرىلىدۇ. 1-دەرىجە بولغان مەكتەپكە 3000يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.
ھىسابلاش ئۇسولى:
مەكتەپ ئوتتۇرچە نومۇرى= باھالاش دائىرىسىدىكى پەنلەرنىڭ ئومومىي نومۇرى÷ بارلىق ئىمتىھانلارغا قاتناشقان ئومومىي ئوقۇغۇچى سانى
مەبلەغ مەنبەسى: ئومۇمىي ئوتتۇرچە نومۇردا ئارقىدىن سانىغاندا 1-دەرىجە بولغان مەكتەپكە 3000يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ ئالدىنقى ئورۇندىكى مەكتەپكە مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ.
3. ئىچكىرى تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇكاپاتى
(1)ئىچكىرى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلېرىغا ئۆتكەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن، ھەر بىر پەن ئوقۇتقۇچىسىغا 200يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ، سىنىپ مۇدىرىغا 100يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.
(2) ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپلېرىغا ئۆتكەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن، ھەر بىر پەن ئوقۇتقۇچىسىغا 400يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ، سىنىپ مۇدىرىغا 100يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.
4. مۇسابىقە خاراكتىردىكى پائالىيەتلەردە، يېزا بويىچە1-، 2-، 3-بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100، 80، 50يۈەن بىلەن؛ ناھىيە بويىچە 1-، 2-، 3-بولسا 200، 150، 100يۈەن بىلەن، ۋىلايەت بويىچە 1-، 2-، 3-بولسا 300، 250، 200يۈەن بىلەن؛ ئاپتۇنۇم رايون بويىچە 1-، 2-، 3-بولسا 500، 450، 400 يۈەن بىلەن؛ ئاپتۇنۇم رايوندىن يۇقۇرى دەرىجىلىك شەرەپلەرگە ئېرىشسە، بىردەك 600يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئەمما بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەخىسنىڭ ئۆزى بىۋاستە مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇشى كېرەك، يېتەكلىگەن ئوقۇغۇچى ياكى ئەسەر قاتناشتۇرۇش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
5. كوللىكتىپ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈرگەن كوماندا يېتەكچىلېرىگە، يۇقۇرقى 4-تۈردە بەلگىلەنگەن ماس مۇكاپات سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ.
-----------مەكتەپ

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-4 19:02:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن ... مۇشۇ تۈزۈمنى ئويلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئوت يۈرەكلەرگە سالامەتلىك تىلەيمەن ... ياشاپ كىتىڭلار ...
ۋاقتى: 2016-1-7 14:15:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەملىيلەشمىگى   بەك تەس .     قۇرۇق گەپ بەك كۆپ ،ئەملى ئىش ئاز .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش