| ئوقۇتۇش ئۈنۈم مۇكاپاتى ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قۇزغىتىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىشىغا سەھنە ھازىرلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مۇكاپاتلاش مىخانىزىمىنى تۈزۈپ چىقتۇق. 1.ئوتتۇرچە نەتىجە نىشان مۇكاپاتى (1) مەكتەپلەر ئالدىنقى مەۋسۈمدىكى، ناھىيە بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنغان پەنلەرنىڭ ئىلمىي نەتىجىگە ئاساسەن، بۇ ئوقۇش مەۋسۈمىدە ھەرقايسى پەنلەرگە ئوتتۇرىچە نەتىجە نىشان كۆرسەتكۈچ بەلگىلەيدۇ. (2) ئوتتۇرىچە نەتىجە 60تىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، بەلگىلەنگەن نىشان كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرغان ھەر 1 نومۇر ئۈچۈن 10يۈەن مۇكاپات پۇلى ھىسابلىنىدۇ، ئوتتۇرچە نەتىجىنىڭ 60تىن ئاشقان ھەر بىر نومۇر ئۈچۈن 20يۈەن مۇكاپات ھىسابلىنىدۇ، (3) 95تىن يۇقىرى نومۇر ئالغان ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن، شۇ دەرس ئوقۇتقۇچىسىغا، باشلانغۇچ 1-،2-،3-،4-يىللىقلار ئۈچۈن 30يۈەن، 5-،6-يىللىقلار ئۈچۈن 40يۈەن، تولۇقسىزلار ئۈچۈن 60يۈەندىن مۇكاپات ھىسابلىنىدۇ. (4) ھەممە پەنلەردىن 95تىن يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچى چىقسا، يۇقۇرقى 3-تۈردە بەلگىلەنگەن مۇكاپات سوممىسى بىر قاتلىنىپ ھىسابلىنىدۇ. شۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرىغىمۇ بىر كىشىلىك مۇكاپات قوشۇپ ھىسابلىنىدۇ. 2. مۇنەۋۋەرلىك نىسبىتى نەتىجە مۇكاپاتى (1)ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ مۇنەۋەر تاللاش نومۇر چىكى تۆۋەندىكىچە: 1-،2-يىللىقلارنىڭ 95نومۇرغا تەڭ ياكى يوقۇرى، 3-،4-يىللىقلارنىڭ 90نومۇرغا تەڭ ياكى يوقۇرى، 5-،6-، 7-، 8-، 9-يىللىقلارنىڭ 85نومۇرغا تەڭ ياكى يوقۇرى بولۇشى كېرەك. (2) مۇنەۋەر بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومومىي ئوقۇغۇچى ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى، %10 ئىچىدە بولسا ھەر بىر پىرسەنتى ئۈچۈن 10يۈەن، %10تىن يۇقىرى بولسا، ھەر بىر پىرسەنتى ئۈچۈن 20يۈەن مۇكاپات ھىسابلىنىدۇ. 3.تەييارلىق سىنىپلارنىڭ نەتىجىلىرى ئالدىنقى مەۋسۈملۈك نەتىجىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاشقان ھەر بىر پىرسەنت ئۈچۈن 5 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ. 4. رەسىم،مۇزىكا، تەنتەربىيە، ئۇچۇر، ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت، يەرلىك دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ %30 تىگە، باھالاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مۇكاپات سوممىسى بويىچە مۇكاپات پۇلى بېرىلىدۇ.
Xxxxx مەكتەپ
|
|