ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرۈش تۈزۈمى 1-ئىمتىھان قەغىزىنى چوقۇم بەلگىلىگەن ئورۇن ۋە بەلگىلىگەن ۋاقىتتا قايتا تەكشۈرۈپ ،بەلگىلىگەن مۆھلەت ئىچىدە بايقالغان مەسىلىلەرنى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا دوكلات قىلىش كېرەك. 2- ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرگەن ۋاقىتتا يېزىش،سىزىش،ئۆچۈرۈش قۇراللېرىنى ئىشلىتىشكە يول قۇيۇلمايدۇ. 3-ئەگەر كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ تۈرى ۋە مەزمون شەكلى بەك كۆپ بولۇپ تۈرلەرگە ئايرىپ خۇلاسىلاش مۇمكىن بولمىغاندا مەسئول خادىمنىڭ روخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن سۇئال قەغىزىدىكى ئەسلىدىكى ئوچۇرلارنى ئۆزگەرتمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ يېزىش،ئوقۇتقۇچىلار سۇئال تەكشۈرۈشتە قوللانمىغان قەلەم تۈرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا بولىدۇ. 4-ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرگەن ۋاقىتتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ خۇلاسىلاپ بولغاندىن كېيىن ،مەسئول خادىمغا دوكلات قىلىپ،نومۇر قۇشۇش جەدۋېلىنى تولدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. 5-مەكتەپ بەلگىلىگەن مەسئول خادىملار نومۇر قۇشۇش جەدۋېلىنى مەزمون ۋە ئىزاھات تەلىۋى بويىچە ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئۆز قولى بىلەن ئەستايىدىل تولدۇرۇشى كېرەك.تولۇق تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىلمىي مۇدىرغا بەلگىلىگەن مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەسئول بولىدۇ. مەسئولىيەتسىزلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. 6-نومۇر قوشۇش جەدۋېلىدىكى ھەر قايسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرلېرىنى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپ ئىچىدىكى باھالىنىش نومىرىغا قوشۇپ بېرىشكە شۇ پەن ئوقۇتقۇچىسى ئۆزى مەسئول بولىدۇ.ئەگەر مەسئولىيەتسىزلىك قىلىنىپ ئوقۇغۇچى ئادىللىققا ئېرىشەلمىگەن ئەھۋال بايقالسا ،سىنىپنىڭ شۇ پەنگە قوشۇلغان ئومومى نومۇر ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ. 7- جەدۋەلدىكى ھەر قايسى گىراپىلار تەلەپ بويىچە ئەستايىدىل تولدۇرۇلغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرسىدا ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىمزاسى قويۇلسا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ... 8-بۇ تۈزۈملەرگە رىئايە قىلماسلىق سەۋەبىدىن خىزمەتلەر تۇسالغۇغا ئۇچۇرسا مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ مەسئولىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ،مىقتارلىق باھالاش نومىرىدىن 1-3كىچە نومۇر تارتىلىدۇ .
مەكتەپ ئىمتىھانغا رەھپەرلىك قىلىش گورۇپىسى 2015-يىل6-ئاينىڭ 4-كۈنى |