كۆرۈش: 165|ئىنكاس: 1

ئىمتىھان ئېلىش قائىدە تۈزۈملەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەكتەپنىڭ ئىمتىھان ئىلىش قائىدە تۈزۈملىرى

مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى، ئىلمىي بۈلۈم،ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى خادىملار مەكتىپىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىمتىھانلېرىنىڭ ساغلام ئېلىنىپ, ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشى شۇنداقلا ئىمتىھان مەيدانىنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇ تۈزۈمنى تۈزۈپ چىقتى.
1-ئىمتىھان مەزگىلىدە ئالاھىدە پەۋقۇلىئاددە ئەھۋاللار كۆرۈلمىسىلا پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەرقانداق ئوقۇتقۇچىغا روخسەت بېرىلمەيدۇ.ئەگەر جىددىي ئىش بولسا بىر كۈن بۇرۇن ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئول خادىمدىن رۇخسەت سورىشى كېرەك. ھەممە ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان مەزگىلىدىكى ئالاھىدە خىزمەت ۋاقتىغا تولۇق كېپىللىك قىلىشى لازىم. ھەرقانداق باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئۆز مەيلىچە خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشقا  بولمايدۇ.
2-ئېمتىھان مەزگىلىدە ئالاھىدە پىرىنسىپال مەسىلە كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تۈرلۈك باينا سەۋەپلەرنى كەلتۈرۈپ،ئىمتىھان ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىشى چىقىپ،ئېمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا،جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلىپ،ئېمتىھانلارنىڭ نورمال ئېلىنىشىغا تەسىر كۆرسۈتۈشكە يول قويۇلمايدۇ.
3-ئىمتىھان سۇئاللىرىنى تەييارلاشتا كالىندار پىلانىنى ئاساس قىلىش كېرەك.ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئۆتىۋاتقان پەن تۈرلىرى بويىچە ئۆلچەملىك سۇئال تەييارلاپ، ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى بەلگىلىگەن مۆھلەت ئىچىدە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىگە تاپشۇرۇش كېرەك.
4-يۇقۇردىن بىر تۇتاش تەمىنلىگەن ئىمتىھان سۇئاللىرىدا ياكى مەكتەپ تەييارلىغان ئىمتىھان سۇئاللىرىدا كالىندار پىلانىغا ماس كەلمەيدىغان ياكى ئۆتۈلمىگەن مەزمونلار بولسا,سۇئال مەزمونىدا خاتالىق بولسا ياكى ئالاھىدە پەۋقۇللادە ئەھۋال بولسا ئىمتىھانغا رەھپەرلىك قىلىش گورۇپپىسى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.
5-ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى ئالىدىغان پەنلەرنىڭ ئىمتىھان سۇئاللىرىنى كام دىگەندە ئۈچ كۈن بۇرۇن چىقىرىپ، پەن گۇرۇپپا يېتەكچىسىگە تەستىقلىتىپ،سۇئالنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى بىلەن تەستىقلىتىلغان يازما نۇسخىسىنى بەلگىلىگەن مۆھلەت ئىچىدە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىگە تاپشۇرۇپ،ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇدىرنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئىمتىھاننى ئېلىش كېرەك.
6- ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى ئالىدىغان پەنلەرنىڭ  ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈپ باھالىغاندا ، ئۆزى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش،خالىغانچە نومۇر قويۇپ قويماسلىق،قەغەز تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا ئوقۇغۇچىلارنى ئارلاشتۇرماسلىق لازىم.بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا،قەغەزلەرنى تەكشۈرۈپ، خۇلاسىلاپ،نەتىجىنى جەدۋەلگە ھەقىقى تولدۇرۇش لازىم.بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئىلمىي نەتىجىلەرنى ئىلمىي بۆلۈمگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك.بۇ نەتىجىلەر نىشان كۆرسەتكۈچ بەلگىلەشنىڭ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسىنى ئىشلەشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.
7-ئىمتىھان سۇئالىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش،ھەرقانداق ئوسول ،شەكىل،بانا سەۋەپلەر بىلەن ئىمتىھان سۇئالىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلىماسلىق كېرەك.
8- پاراللىل سىنىپلارنىڭ ئوخشاش دەرسىنى بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ،شۇ پەننىڭ ئىمتىھان نازارەتچىسى قىلىشقا بولمايدۇ.
9-ئىمتىھان ئېلىنىۋاتقان مەيدانغا شۇ پەننى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان نازارەتچىسى بولۇپ كىرىشكە ياكى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن كىرىپ چىقىشقا بولمايدۇ،ئىمتىھان نازارەتچىلېرى ئۆز مەيلىچە ئىمتىھان مەيدانلېرىنى،نازارەتچىلىك ئورنىنى ئالمىشىشقا بولمايدۇ.
10-ئىمتىھان ئېلىشقا بەلگىلەنگەن نازارەتچى ئىمتىھان مەيدانىغا چوقۇم 10 مىنوت ئىلگىرى كىرىپ،زۆرۆر بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ تەييارلىق  خىزمەتلەرنى ئىشلىشى(ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئورۇنلېرىدا كىنىشكا نومىرلىرى بويىچە ئولتۇرۇشقا يىتەكلەش،ھەر بىر مەيداندىكى ھەرقايسى سىنىپلاردىن ئىمتىھانغا قاتناشقان  ئوقۇغۇچى سانىنى،ئىمتىھانغا قاتناشمىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى،سەۋەبىنى ئىگەللەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش)، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.
11- ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىمتىھانغا نازارەتچى بولغۇچى ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ساقتىپەزلىك، كۈچۈرمىكەشلىك قىلىشىغا يول قويماي،نورمال ئىمتىھان تەرتىپىنى ساقلاپ، ئىمتىھاننى ساغلام ئوڭۇشلۇق ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
12-ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىمتىھان نازارەتچىلېرى ئىمتىھان ئېلىش قايدىلېرىگە خىلاپلىق قىلىپ،تۈرلۈك يېقىنچىلىق مۇناسىۋەت مەسىللىرىنى سادىر قىلىشقا، ئىمتىھانغا  رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلىشقا، ئولتۇرۋىلىشقا، تىلفۇن قوبۇل قىلىش ۋە تىلفۇن ئۇرۇشقا،ماتىريال كۆرۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆز مەسئولىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا قەتئىي بولمايدۇ.
13- ئىمتىھان نازارەتچىلېرى ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىمتىھان سۇئالىدىكى  ئېنىق بولمىغان مەزمونلارغا قارتا  چوقۇم ئېنىق  چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، چۈشەندۈرۈش بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك. چۈشەنچە ۋە ئىزاھات بېرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ  قەستەن چۈشەنچە ۋە ئىزاھات بەرمەيدىغان ئەھۋاللارنى  سادىر قىلىشقا بولمايدۇ.
14- ئىمتىھان ۋاقتىدا مۇناسىۋەتسىز سۆزلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى بۆلىۋىتىشكە بولمايدۇ. ئىمتىھان ۋاقتىدا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى پاراكەندە قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئىمتىھان بېرىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك، قەغەزنى تىز تاپشۇرۇشقا ئالدىراتماسلىق كېرەك .
15- ئىمتىھان ئېلىنىۋاتقان نۇقتىدا ئىمتىھان نازارەتچىلېرى تۈۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا ئىمتىھانغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
1-) ئمتىھان سۇئالىدا تۇتۇق بۇلۇش ياكى ئىنىقسىز مەزمونلار بولسا.
2-)ئىمتىھان سۇئالىدا خاتالىق بولسا.
3-)ئىمتىھان سۇئالى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە.
16-ئىمتىھان باشلىنىپ 30 مىنوت ئۈتكەندىن كېيىن ئىمتىھانغا  قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلىشىغا روخسەت قىلىنىدۇ.
17-ئىمتىھانغا كېچىكىش ۋاقتى30مىنوتتىن  ئېشىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ پەندىن  ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى  ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
18- ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىمتىھان ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ ، قايتا-قايتا  ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسىمۇ ئىمتىھاندا كۈچۈرگەن ،ساغلام ئىمتىھان ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ بىر پەندىن ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىنى نازارەتچىلەر بىكار قىلىشقا ھوقوقلۇق.
19-ئىمتىھانلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ ، ئىمتىھان قەغىزىنى ئۆز ۋاقتىدا تارقىتىش ۋە   تولوق يېغىۋېلىش كېرەك. بەلگىلەنگەن ئىمتىھان ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ئىمتىھان قەغەزلىرىنى مەجبورى يېغىۋېلىشقا قەتئى بولمايدۇ.
20-ئىمتىھان ئېلىنىۋاتقان ۋە ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندا ئىمتىھان  نازارەتچىلېرى ئىمتىھان قەغەزلىرىنى سىنىپ ياكى يىللىقلار ئايرىمىسى، پەن تۈرى ۋە كىنىشكا نومىرى،ئورۇن تەرتىپ نومىرى بۇيىچە ئايرىم –ئايرىم رەتلەپ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇرپان گىزىتى بىلەن بەش تال داڭشۈجى مىقى ئارقىلىق پىچەتلەش ھەمدە ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى ۋە ئىمتىھانغا قاتناشمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتناشماسلىق ئىسپاتى قاتارلىقلارنى قوشۇپ  خالتىغا سىلىش،خالتا ئاغزىنى پىچەتلەپ،پىچەت ئۈستىگە مەكتەپ تامغىسىنى بىسىش،خالتا سىرتتىغا مەسئولىيەتچانلىق بىلەن يىللىق ۋە سىنىپ ئايرىمىسى،پەن تۈرى،مەيدان نومىرى مەكتەپ نامى ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىگىشلىك ئوقۇغۇچى سانى، قاتناشقان ئوقۇغۇچى سانى،قاتناشمىغان ئوقۇغۇچى سانى،قاتناشماسلىق سەۋەبى،يېغىلغان قەغەز سانى،قايسى نومۇردىن قانچىنچى نومۇرغىچە قاتارلىق زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى دوكىموت قىلىپ توغرا تولدۇرغاندىن كېيىن نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئىمزالىرىنى قويۇپ تىگىشلىك مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك.مەسئول نازارەتچى پىچەتلەنگەن ئىمتىھان قەغەزلىرىنى، ئىمتىھانغا رەھپەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى بەلگىلەنگەن خادىمغا  تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
21-ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى بىخەستىلىك قىلىپ چۈشۈرۈپ قويۇشقا ،ئۆز ۋاقتىدا تولۇق يېغماسلىققا ، مەسئول نازارەتچى پىچەتلەنگەن ئىمتىھان قەغەزلىرىنى، ئىمتىھانغا رەھپەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى بەلگىلەنگەن خادىمغا ئۆز قەرەلىدە تاپشۇرۇپ بەرمەسلىككە قەتئي بولمايدۇ.
22- ئىمتىھان مەزگىلىدە سىنىپ  مەسئوللىرى سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيەنى ياخشى قىلىپ ھەرقايسى ئىمتىھانلارغا تۇلۇق قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.  ھەمدە ئىمتىھان مەزگىلىدە سورىغان،ئاغرىپ قىلىپ مەكتەپكە كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالىنى سىنىپ يىغىن خاتىرسىگە خاتىرلەپ خاتىرە قالدۇرۇش بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا دوكلات قىلىدۇ.ھەرقانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر قىسىم دەرستە ئاجىز،كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھانغا قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشىنى چەكلەشكە بولمايدۇ .
23-بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان پەنلەردىن ئىمتىھان ئالغاندا مەكتەپنىڭ كونكىرىتنى شارائىتىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى يالغۇز ئولتۇغۇزۇش ياكى كىرىشتۈرۈپ ئولتۇغۇزۇش شەكلىدە ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
24. ئىمتىھان ۋاقتىدا مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى ۋە ئىلمىي بۈلۈم ئىشخانىسى ئىمتىھانغا رەھپەرلىك قىلىش گەورۇپىسىدىكى خادىملارنىڭ خىزمەت ئورنى قىلىپ بىكىتىلىدۇ.شۇڭا بۇ ۋاقىتتا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشخانىلەرگە خالىغانچە كىرىپ چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  25.ئىمتىھان ۋاقتىدا بىردەك تۆت قېتىم يوخلىما قىلىش تۈزۈمى ئىجىرا قىلىنىدۇ.
تۈزۈمنى ئەمىللەشتۈرۈش تەدبىرى
يۇقىرىقى تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ ،ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان، يامان تەسىر  پەيدا قىلغان ئۇقۇتقۇچىنىڭ يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن1~5 كىچە نومۇر تارتىش بىلەن بىرگە يىڭى ئوقۇش يىلىدا شۇ ئوقۇتقۇچىنى  تەكلىپ قىلىش مەسىلىسى ئويلىشىلىدۇ ۋە شۇ يىللىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ .
مەكتەپ ئىمتىھانغا رەھپەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئىلمى بۈلۈم
     -يىل    -ئاينىڭ     -كۈنى



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-30 10:54:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تۈزلۈپتۇ. پايدىلىنىش قىممىتى باركەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش