كۆرۈش: 578|ئىنكاس: 4

بىر ئوقوغوچىنىڭ ئوقوتقۇچىسىغا يازغان خىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-15 18:00:40يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش|كۆرۈش شەكلى
بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا يازغان خېتى

مۇئەللىم! ماڭا نېمىنى ئۆگىنىشنى ئەمەس، قانداق ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىڭ، ماڭا «سەن چوقۇم تەپەككۈر قىل» دېمەي، قانداق تەپەككۈر قىلىشنى ئۆگىتىڭ ، شۇندىلا نوقۇل ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈشتىن خالىي بولۇپ ، ئەقىل - بۇلىقىمنى ئاچالايسىز.
ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنى دۈشكەللىمەڭ ، ئەگەر ساۋاقداشلىرىم مېنى يەكلىسە ياكى كۆزگە ئىلمىسا ، ئۆزۈمنى نەگە قويۇشنى بىلمەي ، ھەتتا قورقۇنچاق بولۇپ قالىمەن ، ئەگەر سىز مېنى ئايرىم يەردە سەمىمىي تەنقىدلىسىڭىز ، مەن پىكرىڭىزنى ئىنتايىن خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن . مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىمغا ئەھمىيەت بېرىڭ ، قابىلىيىتىمنى ئېتىراپ قىلىڭ ، مۇشۇ ئاساستا تۇرغۇزۇلغان ئىشەنچ ئالغا ئىلگىرلىشىمگە ئىلھام بولىدۇ ، ماڭا ئۆزۈمنىڭ قىممىتىمنى تونۇتىدۇ .
قىلغان ياخشى ئىشلىرىمنى خاتىرىلەپ قويۇڭ ، ھە دىسىلا ياخشى قىلالمىغان ئىشلىرىمغا ئېسىلىۋالماڭ . مىنىڭ مەغلۇبىيىتىمنى ئەمەس ، بەلكى مۇۋەپپەقىيىتىمنى تەكىتلىگەن چېغىڭىزدا مەن ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە تولىمەن .
سىز مېنىڭ خاتالىقىمنى تۈزەتمەكچى بولسىڭىز ، ماڭا «ئىنتىزامسىزلىق قىلدىڭ » دەپ تەنبىھ بەرمەكچى بولسىڭىز ، ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەڭ ياكى كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەڭ ، بۇنداق قىلسىڭىز غورۇرۇمغا زىيان يەتكۈزۈپ، مېنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويىسىز.
ماڭا ئىشىنىڭ ھەمدە ماڭا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ ، ئەگەر سىز ھە دىسىلا بىر ئىشنى تەكىتلەۋەرسىڭىز ، مەندە ،-مۇئەللىم ماڭا ئىشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ ، -دېگەن تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ مېنى مەغلۇبىيەتكە قاراپ ماڭدۇرىشى مۇمكىن .
دەرسنى جانلىق، قىزىقارلىق سۆزلەڭ، مېنى دەرسلىك ئىچىگە ئېلىپ كىرىڭ ، دەرسخانىدا ھەممىگە سىزلا قوماندانلىق قىلسىڭىز ئۆزۈمنى ئىپادىلىيەلمەيمەن . ھەممە ئوقۇغۇچىنى بىر كۆزدە كۆرۈڭ، قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىلا ماختاپ ، باشقىلارغا ئېتىبارسىز قارىسىڭىز ، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزۈپ قويىسىز.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-16 09:03:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمانجان بۇندىن كىيىن تءحىمۇ ياحشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرشىڭىزعا تىلەكداشمەن  
ۋاقتى: 2015-12-16 11:55:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن چىن ، سەمىمىي بوپتۇ ... يارايسىز ...
ۋاقتى: 2015-12-16 14:35:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-16 20:50:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ مەزمۇننى كۆرۈپ ئۆزۈمدىكى نۇرغۇن يىتەرسىزلىكنى تونۇپ يەتتىم، قەدىرلىك ئوقوغۇچۇم ئۈچۈن مېھرىمنى تولۇق بىرەلمەپتىمەن ،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش