| بىركۈنى تەنەپپۇس ۋاقتىدا مەكتەپ مۇدىرى سىنىپلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتپ ئىككىنچى يىللىقتىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ قولىدىكى تاش بىلەن يەنە بىر ساۋاقدىشىنى ئۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى-دە، ناھايىتى تېزلىكتە ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ «ۋەقە» نىڭ ئالدى ئالدى ۋە ھېلىقى تاش كۆتۈرۈۋالغان بالىنى دەرستىن چۈشكەندە ئىشخانىسىغا كىرىشنى جېكىلەپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتىدا ھېلىقى ئوغۇل بالا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن قاقتى، ئىچىدىن كىرىش ئىجازىتى ئاڭلانغاندىن كېيىن ئاستا ئىشخانا ئىچىگە كىردى-دە، ئىشىك تۈۋىدە يەرگە قارىغىنىچە تۇردى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن ۋۇجۇدىدا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قانداق جازا بېرىشىگە نىسبەتەن خىلمۇ-خىل ۋەھىمىلەرنىڭ داۋالغۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى.
- ئىسمىڭ نېمە ؟ - ئوغۇل بالا بىشنى كۆتۈرگىنىدە مۇدىرنىڭ ئۇنىڭغا تولىمۇ مۇلايىم ھالدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغىنىنى كۆردى. - ئادىل ... - بالا ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىپادىسىدىن تولىمۇ كۈتۈلمىگەن بىر نەتىجىنى ھېس قىلغاندەك قىلاتتى. بالىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىش ئەمەلىيەتتە ئەمدى باشلانغان ئىدى. مەكتەپ مۇدىرى يانچۇقىدىن بىرھال كەمپۈتنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى : - بۇ كەمپۈت بىلەن سىنى مۇكاپاتلايمەن، چۈنكى سەن دەل ۋاقتىدا كەلدىڭ! ئادىل مۇدىرتېخى كەمپۈتنى ئالا-ئالمايلا جىددىيلەشكىنىدىن قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىپ كەتتى، مۇدىر يانچۇقىدىن يەنە بىرھال كەمپۈتنى چىقىرىپ : - بۇ ئىككىنچى مۇكاپات، چۈنكى مەن سىنىڭ باشقىلارنى ئۇرۇش قىلمىشڭنى توسىغان ۋاقتىمدا سەن دەرھال ھەرىكىتىڭنى توختاتتىڭ، بۇ سىنىڭ مېنى ھۆرمەتلىگەنلىكىڭنى چۈشەندۈرىدۇ. ئادىل بۇ كۈتۈلمىگەن ئىشتىن نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇراتتى، ئۇنىڭغىچە مۇدىر يانچۇقىدىن ئۈچىنچى تال كەمپۈتنى چىقىرىپ ئۈلگۈردى : -باياتىن مەن ئۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ باقتىم، سەن ئۇرماقچى بولغان ھېلىقى بالا ئەسلىدە باشقا بىر ياۋاش ساۋاقدىشىڭنى بوزەك قىلىپتىكەن ، دېمەك سەندە ھەقىقەت تۇيغۇسى بارئىكەن، شۇڭا بۇ كەمپۈت بىلەن مۇشۇ روھىڭنى مۇكاپاتلاي!
بۇچاغدا ئادىل ئۈچتال كەمپۈتنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ، پاڭڭىدە ئېتىلىپ كەتتى :
- مۇدىر ، مەن خاتالاشتىم، گەرچە ئۇنىڭ باشقىلارنى بوزەك قىلىشى خاتا بولسىمۇ، بىراق مەن ئۇنى ئۇرماسلىقىم كېرەكتى ...
مەكتەپ مۇدىرى ، ئادىلنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈپ قويدى ۋە يانچۇقىدىن تۆتىنچى تال كەمپۈتنى چىقاردى: - سەن خاتالىقىڭنى تونىيالىدىڭ، بۇ سېنىڭ ئۆز قىلمىشىڭغا ئىگە بولالايدىغان ھەقىقىي بىر يىگىت ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، شۇڭا بۇ كەمپۈت بىلەن مۇشۇ جاسارىتىڭنى مۇكاپاتلايمەن. بولدى، ئۆيۈڭگە قايتقىن ...
(جۇڭگونىڭ مەشھۇر پېداگوكى تاۋ شىڭجىنىڭ ھېكايىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى)
سىزچە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇ بالىغا قوللانغان تەربىيە ئۇسۇلى توغرىمۇ ؟ قانداق ئويغا كەلدىڭىز؟
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بالىغا بەرگەن تۆت تال كەمپۈتىگە يوشۇرۇنغان تۆت تۈرلۈك پىسخىكىلىق سىرنى تۆۋەندە يېشىپ ئۆتىمىز :
بىرىنچى كەمپۈت - تىنچلاندۇرۇش كەمپۈتى
ھەرقانداق بالا يۇقىرىقى ھېكايىدىكى ئادىلغا ئوخشاش مۇئەللىمنىڭ ياكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرىتىلسا جەزمەن قورقىدۇ، جىددىيلىشىدۇ چۈنكى كۆپىنچە ھاللاردا جازالىنىدىغان بالىلار شۇنداق چاقىرتىلىدۇ. ھېكايىدىكى مەكتەپ مۇدىرى ئەكسىچە بالىنىڭ ۋاقتىدا ئىشخانىسىغا كەلگەنلىكىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ، بالىنىڭ قەلبىنى دەسلىپىدىلا مايىل قىلدى. بالىلارغا تەربىيە بېرىشتە ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار مانا مۇشۇ بىرىنچى قەدەمدە كۆپىنچە خاتالىشىدۇ.
ئىككىنچى كەمپۈت -ئەخلاق كەمپۈتى
مەكتەپ مۇدىرى ئادىلغا ئەسلىدە باشقىلارنى ئۇرۇشنڭ خاتا قىلمىشلىقىنى ئۇدۇل ئېيتسىمۇ بولۇۋېرەتتى، لېكىن ئۇنداق قىلمىدى. چۈنكى ئادىلمۇ باشقىلارنى ئۇرۇشنىڭ خاتالىقىنى ئەزەلدىن بىلىدۇ(ھەممە بالا شۇنداق). لېكىن مۇدىر ئادىلنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەشتەك بىر ئەخلاقنىڭ بارئىكەنلىكىنى ، ئەينى ۋاقىتتىكى قىلمىشىنى ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ئەخلاقنىڭ توسۇپ قالغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چاتاقچى بالىلارغا تەربىيە بەرگەندە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسلىدە نۇرغۇن ماختاشقا ئەرزىيدىغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇستىلىق بىلەن ھېس قىلدۇرۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. بالىلار ئۆزىدىكى گۆھەرلەرنى بايقىغاندا ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى بىلگەندە ئۆزىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ.
ئۈچىنچى كەمپۈت -رىغبەت كەمپۈتى
بۇ كەمپۈتنى بەرگەنلىكىنى كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىشى كېرەك، چۈنكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇ ئىشنى ئېنىقلىشى ۋە ئەسلى ماھىيەتنى تۇتقا قىلىپ بالىنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا مەدەت بېرىشى بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مەناغا ئىگە . بالىلاردىكى مەسئۇلىيەت ۋە ھەققانىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتە بىز مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەش ئارقىلىق مۇۋاپىق تۈردە ئۇلارنىڭ شۇخىل تۇيغۇسىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە ھەل قىلىش چارىسىنى ئەقىل بىلەن بىرتەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
تۆتىنچى كەمپۈت -تەسەللىي كەمپۈتى
ئۈچىنچى كەمپۈتتە ئادىل ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئۆزى بايقىدى، ئۇنىڭ قەلبى ئېرىدى. تۆتىنچى كەمپۈتنىڭ بېرىلىشىمۇ تولىمۇ ئورۇنلۇق ، چۈنكى بىر بالا ئۆز خاتالىقىنى بايقىدى ۋە ئېتىراپ قىلدى بۇ خىل ئەھۋالدا جەزمەن ئۇنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق بۇخىل ھېسسىياتنىڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى تونۇتۇش كېرەك. بىز بالىلار خاتالىق سادىر قىلغاندا ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تونۇشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىمىزيۇ، لېكىن خاتالىقىنى تونۇشقا جۈرئەت قىلغان بالىغا تۈزۈك ئىلھام بېرەلمەيمىز، بالىلارنىڭ خاتالىقنى بوينىغا ئېلىش جاسارىتى ئاسان يېتىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ، تەسەللىي بېرىش ئارقىلىق بۇخىل مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئۇلارنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ خاتالاشماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز بەك مۇھىم. |
|