كۆرۈش: 290|ئىنكاس: 3

مائارىپ نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئاچقۇچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مائارىپ نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئاچقۇچى
خالىدە ئوبۇل


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلىپ، شەھەر، يېزا مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. لېكىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تۇراقلىق بولماسلىقى، بولۇپمۇ يىراق يېزا، قىشلاقلاردا يەنىلا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتۇپ قالالماسلىق مەسىلىسى ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ بىۋاسىتە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ:
    بىرىنچىدىن، تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىستېپا بېرىشى، توختام ۋاقتى توشمايلا مەكتەپتىن كېتىپ قېلىشى سەۋەبلىك ئوقۇتۇش ئىشلىرى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىماقتا. ئىككىنچىدىن، زور كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تەربىيەلەپ چىقىلغان غوللۇق ئوقۇتقۇچىلار تەمىناتتىكى پەرق تۈپەيلى شەھەردىكى مەكتەپلەرگە، شەھەر ۋە بازارلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار چوڭ شەھەردىكى مەكتەپلەرگە يۆتكىلىپ كەتمەكتە.
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا، قىممەتلىك پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
    ۋەكىل ئەركىن ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات، ئۇنۋان، مۇكاپات قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشقۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلسا.
    ۋەكىل لياڭ چاۋ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك، بولۇپمۇ تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار كەم بولۇش مەسىلىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇتۇش تەلىپىنى تولۇق قاندۇرالمايۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولسا.
    ۋەكىل خەيرىگۈل، ۋۇشەن مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىسى كەم بولۇش سەۋەبلىك، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ، شۇڭا، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىلسە.
    ۋەكىل رەيھان ماخمۇت، لىن ۋېي مۇنداق دېدى: مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش نامراتلىقنى ۋە قالاقلىقنى تۈگىتىشنىڭ تۈپ ئۈنۈملۈك يولى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتۇش قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلسا، چەت – يىراق رايونلاردىكى مەكتەپلەرگە قارىتىلغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلسە.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-20 20:22:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى تەكلىپ- پىكىر بولۇپتۇ ... مەن بىرگە گەپكە ھەيران ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى ، بۇنىڭغا مەن قوشۇلمايمەن ... بىز بار ئورۇنلاردا رەسمىي تۈردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى ، ئۆلچەملىك مەكتەپ كۇتۇپخانىسى ، مەكتەپ يىغىن زالى يوق ... قىش ۋاقىتلىرى ئوقۇتقۇچىلارلا ئەمەس ، ئوقۇغۇچىلارمۇ مەيلى سىنىپتا بولسۇن ، ياكى ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىدا مۇزلاپ قاچان تاڭ ئاتاركىن دەپ ئولتۇرشى ... قىش ۋاقىتلىرى تەجىرىبىخانىلارنى ئىشىلتىش مۇمكىن ئەمەس ... خۇددى بىر بىڭشاڭغا كىرگەندەك ... باشقا يۈرۈشلەشكەن ئۆيلەرمۇ تاقىلىدۇ ... ياز پەسىللىردە ئېچىلىدۇيۇ ، ئەمما بەزى ئەسلىھە كەمچىللىقى تۈپەيلى ، ئۈسكۈنلەرنىڭ بېرىدا پەقەتلا بولۇشىغىلا دەرىس ئۆتۈشكە مەجبۇر ... بۇنداق مەنزىرە قانداقمۇ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى ياخشى دىيىش مۇمكىن ... قورغانچىللىرى مىسالغا ئالمايلى ، يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى سېلىپ بېرىپتى ، بۇ ئاشخانا ھازىر ئىشلەتمەي تۇرۇپ ھاجەتخانىغا ئايلىنىپ بولدى ... يېڭىدىن پۇتبول مەيدان شەكىللەندۈرۈپ بېرىپتى بىر يىلغا بارا- بارمايلا كونىراپ ئىلگىركى مەكتەپ ئىسكەتىگە كىرىپ قالدى ... يېڭىدىن پايدىلنالماي كونارتىمىز ، كونىسىنى يەنىمۇ تۈگەشتۈرىمىز ... بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ... ياخشىللىرىنىڭ ياخشىدۇ ... ئەمما بۇنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە رەھبەر بولغان يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىغا باغلىق بولىدىكەن ... ئوقۇغۇچىلار بۇنداق مەنزىرىنى كۆرسە قانداقمۇ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرەلەر ...
ۋاقتى: 2016-1-20 20:27:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا ئالدىنقى يىللاردا ئوتتۇرغا قويغان يېزا ئوقۇتقۇچىللىرىغا يارىدەم دېگەن بۇ سوممىنى يولغا قويسا ... يەنە ئوتتۇرغا قويۇلغا ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ نۆۋەتچىلىكىدىن ئازاد قىلىش بۇيرىغىنى رەسمىي ئىجرا قىلسا مېنىڭچە مائارىپىمىزنىڭ ئىستىقپالى بار ... يەنە بىرگە ھەر دەپ ۈبارلىق مەسلىلەرنى ئوقۇتقۇچىلاردىنلا كۆرمەي ، مائارىپىمىز ئۈچۈن ئىزدەنمەيۋاتقان ، جان باقارنىڭ كويىغا كىرىۋالغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنىمۇ رەسمىي تەربىيلەپ ئۇلار ھەقىقىي كاللىسىنى ئازاد قىلسا مائارىپىمىزدا گەپ يوق تەرەققىي قىلىدۇ ... مەكتەپلەردە قابىلىيەتسىز ئوقۇتقۇچى يوق ، تەشكىللىيەلمەيدىغان ، ئويۇشتۈرۈش ئىقتىدارى يوق مەكتەپ مۇدىرى بار ...
ۋاقتى: 2016-2-13 22:11:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي قاچانمۇ بىز يېزا ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇقۇتۇش شارائىتى كاپالەتكە ئىگە بۇلا...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش