كۆرۈش: 471|ئىنكاس: 3

دۆلەت خىزمەتچىلىرى قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى ماقۇل....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
》    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى››(تۆۋەندە ‹‹چارە›› دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) 2016-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.



》    چارە《دە مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى سايلىغان ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلغان، ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تەستىقلىغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى ھەم ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلغان ھەر قايسى ۋىلايەتلىك خەلق تەپتىش شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىدۇ.



‹‹چارە››دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قەسەم بەرگەندە دۆلەت ئورتاق تىلى قوللىنىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى دۆلەت ئورتاق تىلىدا قەسەم بېرىشتە قىينالسا، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا قەسەم بەرسە بولىدۇ؛ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قەسەم بېرىشكە قاتنىشالمىغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قەسەم بېرىشى كېرەك.



ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار قاراپ چىقىش جەريانىدا بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ چارىنى تۈزۈش ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى، شۇنداقلا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ رېئال تەلىپى بولۇپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سادىق بولۇپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغدىشىغا، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قانۇن بويىچە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، شۇنداقلا نىزاملارنى تۈزۈشتە زۆرۈر ھەم زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-6 22:28:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىن  ھۇقۇق تۇتقانلا قەسەم بىرىپ مەنسەپكە ئولتۇردىكەندە  ھەي
ۋاقتى: 2016-1-7 11:33:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەسەم بىرىپ ۋەزىيپىگە ئولتۇرغاندا مەجبۇرىيتىنى تۇلۇق ئاداقىلايدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-18 22:50:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2016-1-6 22:28
بۇندىن كىيىن  ھۇقۇق تۇتقانلا قەسەم بىرىپ مەنسەپكە ئولت ...

ئۆزلىرى قەسەم بەرمەيلا ھوقۇق تۇتىۋالغانما،  قەسەم بىرۋىتىلى ئەمدى ماقۇلمۇ يا
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش