كۆرۈش: 222|ئىنكاس: 1

دەرس تېمىسى :بىرىككەن سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەرس تېمىسى :بىرىككەن سۆز
ئوقۇتۇش نىشانى
بىلىم ئىقتىدار :
.1بىرىككەن سۆزگە دائىر قائىدىلەرنى چۈشىنىش.
.2بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ياسالما سۆزلەردىن پەرقنى بىلىش.
.3دەرسلىكتىكى مەشىقلەرنى ئىشلەش جەريانىدا بىرىككەن سۆز توغرىسىدىكى ئەمەلىي چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش .
ئۇسۇل ۋە جەريان:
ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ، مۇستەقىل ئۆگىنىش ، كۈزىتىش ، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرىككەن سۆز ھەققىدىكى بىلىملەر مۇھتەھكەملىنىدۇ .
ھېسسىيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى ؛
مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئېسىل پەزىلىتنى ئۆگىنىش ، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ، تۇرمۇشتا توغرا ئىشلىتىش قارىشىنى يېتىلدۇرۇش .
مۇھىم نوقتا : بىرىككەن سۆزلەرنىڭ قائىدىسىنى بىلىش .
قىيىن نوقتا : بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ياسالما سۆزلەردىن پەرقىنى چۈشۈنىش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : يېتەكلەش ، لېكسىيە سۆزلەش ، چۈشەندۇرۇش ، ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆتۈلىدۇ .
ئوقۇتۇش ۋاستىسى :
ئوقۇتۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان قوراللار ،
دەرس تىپى ۋە دەرس سائىتى :
يېڭى دەرس ، ئىككى سائەت، بىرىنچى سائەتلىك دەرس
ئوقۇتۇش جەريانى :
ساۋاقداشلار بۇ سائەتتە بىز بىرلىكتە تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ قورولما شەكلى ۋە مەنىسى ھەققىدە مۇزاكىرلىشىپ باقايلى.
كۆزەينەك-
ئاقسو -
قوليازما-
تاشيول-
(دوسكا لاھىيلىنىدۇ) مۇشۇ مىساللار ئارقىلىق بىرىلگەن سۆزنىڭ ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ بىرلا مەنە بىلدۈرىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بىرىلىدۇ ھەمدە بىرىلگەن سۆزلەرنىڭ قۇشۇلۇپ يېزىلىدىغانلىقى چۈشەندۈرىلىدۇ.
بىرىلگەن سۆزلەر ياسالما سۆزلەردىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟
(ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى جاۋاپ بىرىدۇ)جاۋاب تولۇقلىنىدۇ.
(بىرىككەن سۆزلەر بولسا ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن: تاشپاختا، قولياغلىق،تۆمۈر يول قاتارلىقلار)
(ياسالما سۆزلەر بولسا سۆز تۇمۇرىغا سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.   مەسىلەن: ئاشخانا__ئاش+خانا،
باغۋەن__باغ+ۋەن، چايدان_چاي+دان قاتارلىقلار)
ئوقۇغۇچىلار دوسكىدا بىرىلگەن سۆزلەرنىڭ قايسى قايسى سۆزلەردىن تۇزۇلگەنلىكىنى ئايرىپ بىرىدۇ.. ( باشقا ساۋاقداشلار مەشىق دەپتىرىگە يېزىپ چىقىدۇ .)
ساۋاقداشلار،ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەنسىلەر؟ بەكمۇ توغرا ئايرىپ بەردىڭلار .
ئۇنداقتا،بىز بۇسائەتتە بىرىككەن سۆزلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى .
قېنى ساۋاقداشلار ، سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلار ؟ قانداق سۆزلەرنى بىرىككەن  سۆزدەيدىكەنمىز ؟ مىسال كەلتۈرۈپ سۆزلەپ بېقىڭلار .
  بىرىككەن سۆز ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ بىرلا مەنە بىلدۈردىغان سۆزلەر بىرىككەن سۆز دەپ ئاتىلىدۇ.بىرىككەن سۆزلەر قۇشۇلۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:كۆزەينەك،ئاقسۇ،قوليازما،تاشيول....
ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . گۇرۇپپا ۋەكىلى ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەرگەن جاۋابى ئاساسىدا دەرس خۇلاسە قىلىنىدۇ .
دوسكا لايىھىسى   
          بىرىككەن سۆز
كۆزەينەك-              ئاقسۇ -
قوليازما-                تاشيول-
تاپشۇرۇق :
دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش :


ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپا باشلىقى ئىمزاسى :






دەرس تېمىسى :بىرىككەن سۆز

دەرس تىپى : تەكرار دەرس
دەرس سائىتى : 2-سائەتلىك دەرس
ئوقۇتۇش جەريانى :
ساۋاقداشلار بىرىككەن سۆز دىگەن نىمە ؟ قېنى  قايسىڭلار جاۋاپ بېرىپ باقىسىلەر ؟
ئوقۇغۇچىلار ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى ئەسلەش ئارقىلىق جاۋاپ بېرىدۇ .
ساۋاقداشلار ، بىز بۇ سائەتتە بىرىككەن سۆزگە دائىر مەشىقلەرنى ئىشلەيمىز.
ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى بىرىككەن سۆزلەرنىڭ قايسى سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئايرىپ بېقىڭلار.
تۆگىقۇش_____تۆگە+قۇش            ئاشكۆكى____ئاش+كۆكى
بەلۋاغ _______بەل+باغ              تۆمۈر يول____تۆمۈر+يول
قار لەيلىسى _قار+لەيلىسى            ئايپالتا_______ئاي+پالتا
باشپاناھ_____باش+پاناھ            گۈلدەستە___گۈل+ دەستە
ئوقۇغۇچىلار دەپتىرىگە ئىشلەيدۇ ، دوسكىدا ئومۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ساۋاقداشلار تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى ئوقۇپ بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئاستىغا  سىزىڭلار.
1.        مەن خەلقئارا خەۋەرلەرگە قىزىقىمەن.
2.        دېھقانلار يىغىپ بولدى.
3.        بېغىمىزدىكى تاش ئالمىلار پىشتى.
4.        بىز چۆپلۈكتىن تۆتقۇلاق تەردۇق
5.        مەن قولياغلىقىمنى تېپىۋالدىم.
ئوقۇغۇچىلار مەشىق دەپتىرىگە ئىشلەپ بېقىشقا تەشكىللىنىدۇ . بىر قانچە ئوقۇغۇچى دوسكىدا ئىشلەيدۇ .
ئاخىرىدا دوسكىدا ئومۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

دوسكا لايىھىسى   
          بىرىككەن سۆز
تۆگەقۇش_                ئاشكۆكى_
بەلۋاغ_                    تۆمۈر يول_
قار لەيلىسى_              ئايپالتا_
باشپاناھ_                 گۈلدەستە_

تاپشۇرۇق : ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىرىككەن سۆزلەردىن بىر نەچچىنى يىزىپ كىلىڭ

دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش :

ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپا باشلىقى ئىمزاسى :








دەرس تىمىسى : مەشق باغچىسى
ئوقۇتۇش نىشانى
بىلىم ۋە ئىقتىدار:
.1ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن سىرتقى ئوقۇشلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش.
.2.تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش،يېزىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش.
ئۇسۇل ۋە جەريان :
مۇستەققىل ئۆگىنىش،ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويغۇر تىلى بىلىمى ۋە يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ئاشۇرۇلىدۇ.
ھېسىيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى
دەرىستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش ،ئويغۇر تىلى بىلىملىرىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇش.
مۇھىم نوقتا :مەشىق باغچىسىدا بېرىلگەن بوش ئۇرۇنغا سۆز قۇيالايدىغان بۇلۇش .
قىيىن نوقتا : تەسۋىرى سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تىلنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :
ئۈلگەكۆرسىتىش، يېتەكلەش، لىكسىيەئۇسۇلى، رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆتىلىدۇ.
ئوقۇتۇش ۋاستىسى :
ئوقۇتۇشتا دائىم ئىشلىتىلدىغان قوراللار .
دەرىس تېپى ۋە دەرىس سائىتى :
يېڭى دەرىس ئۈچ سائەت ئۈتىلدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى :
ساۋاقداشلار تۆۋەندىكى بوش ئۇرۇنلارنى تولدۇرۇپ بېقىڭلار، قېنى كىم توغرا ھەم جانلىق تولدۇرالايدۇ؟
        (        )                 (          )
شىددەتلىك_     (          )                (          )  _ساھىلى  
(          )                       (           )
                      (          )                      (          )
خاسىيەتلىك_     (           )                     (         ) _ مەنزىرىسى
                      (           )                     (         )

ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن پارتىداشلار ئارا ھەمكارلىشىپ تولدۇرۇپ باقىدۇ. ئاندىن دوسكىدا ئومۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ساۋاقداشلار بەكمۇ ئەقىللىق ئىكەنسىلەر، ئىنتايىن توغرا تولدۇرۇپسىلەر.
ئەمدى بىز بىرلىكتە تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى ئوقۇپ، جۈملىلەردىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇپ تېپىپ چىقايلى.
☆مومام بوتۇلكىلارغا بۇلۇتلارنى قاچىلىدى.
☆مومام خۇددى سىھرىگەرلەردەك چاققانلىق بىلەن بوتۇلكىلارغا بۇلۇتلارنى قاچىلىدى.

☆ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى كىچىك بالا شىددەتلىك يامغۇرنىڭ دەستىدىن قاتتىق يىغلاۋاتاتتى
☆ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى كىچىك بالا قاتتىق يىغلاۋاتاتتى.

☆تەڭرىتېغىدىكى چوققىلارنى، جىلغىلارنى ، ئېقىنلارنى ، كۆللەرنى، يايلاقلارنى، يايلاقلاردا ئوتلاپ يۈرگەن قوي،كالىلارنى، ئاتلارنى، ياۋا گۈللەرنى،سۈرەتكە تارتىۋېلىپ مەنمۇ بىز كۆرگەزمە ئۆتكۈزىمەن.
☆تەڭرىتېغىدىكى ئاپئاق چوققىلارنى،چۇڭقۇرجىلغىلارنى،ئويناق ئېقىنلارنى ئېقىنلارنى،زۇمرەتتەك كۆللەرنى،ياپيېشىل يايلاقلارنى،يايلاقلاردا ئوتلاپ يۈرگەن  پادا-پادا قوي،كالىلارنى،ئۇيۇر-ئۇيۇرئاتلارنى،رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەرنى،ئۇچۇپ يۈرگەن كېپىنەكلەرنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ مەنمۇ بىز كۆرگەزمە ئۆتكۈزىمەن.
قېنى ساۋاقداشلار،بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇپ سىلەر نىمىنى ھىس قىلدىڭلار؟ قانداق پەرقىنى تېپىپ چىقتىڭلار؟
ئوقۇغۇچىلار گوروپپا ئىچىدە مۇلاھىزە قىلىشىپ جاۋاپ بېرىدۇ ھەمدە بەرگەن جاۋابى ئاساسىدا دەرس خۇلاسىلىنىدۇ.
كىچىك خۇلاسە:تەسۋىرى سۆزلەر ئىشلىتىلسە،تىلنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ ئاشىدىكەن.

دوسكا لايىھىسى
                مەشق باغچىسى



تاپشۇرۇق

دەرستىن كىيىنكى ئويلىنىش:


ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:



دەرس تىمىسى : مەشق باغچىسى

دەرىس تىپى ۋە دەرىس سائىتى :
مەشق دەرسى،2-سائىتى.
ئوقۇتۇش جەريانى:
ساۋاقداشلار بىز بۇ سائەتتە بىرلىكتە دەرسلىك كىتابىمىزنىڭ ئوقۇپ بېقىش قىسمىدا بىرىلگەن جۈملىلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق جۈپ سۆزلەرنىڭ مۇشۇ جۈملىلەردە قانداق رول ئوينىغانلىقى توغرسىدا پىكىرلىشىپ باقايلى.
△ھايال ئۆتمەي قۇياشنىڭ ئوڭ تەرەپ قىسمىدا ئىنچىكە سېرىق ياي سىزىق پەيدا بولۇپ، ئاستا-ئاستا كېڭىيشكە باشلىدى.
△يۇرۇقلۇق بارا-بارا سول تەرەپكە يۇقىرلاپ سۈرۈلۈپ قۇياش ئاخىرى ئۆز ئەكسىگە كەلدى.
△قايتا-قايتا مۇشۇنداق سىناش ئارقىلىق ھىس قىلدىم.
ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى جاۋاپ بىرىشكە تەشكىللىنىدۇ ھەم بەرگەن جاۋابى ئاساسىدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ خۇلاسىە قىلىنىدۇ.
كىچىك خۇلاسە: جۈپ سۆزلەر تىلنى ئوبرازلىق قىلىش بىلەن بىرگە، پىكىرنىڭ ئېنىقلىقىنىمۇ ئاشۇرىدىكەن.
ساۋاقداشلار تولىمۇ جانلىق، ئەركىن پىكىر يۈرگۈزدىڭلار.ئەمدى بىز  بىرلىكتە تۆۋەندىكى ئەل-يۇرت توغرىسىدىكى ئېيتىلغان ماقاللارنى يادلىۋالايلى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن چۇڭقۇر مەزمۇنلارنى چۈشىنىۋالايلى.
قېنى قايسى ساۋاقداش تىز ھەم توغرا يادقا ئالالايدىكىن؟
△ئەل قايان، سەن شۇيان.      △ئەلنىڭ غېمى،ئەرنىڭ غېمى.        
△ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار،      △ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،
ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار         رەڭگىرويىڭ سامان بولماس.
ئوقۇغۇچىلار بىرىلگەن ماقاللارنى مەشق دەپتىرىگە يادقا كۆچۈرۈپ يىزىشكە تەشكىللىنىدۇ.ئىككى ئوقۇغۇچى دوسكىغا چىقىپ يېزىپ باقىدۇ.
ساۋاقداشلار بەكمۇ ئەقىللىق ئىكەنسىلەر، ئەمدى بۇ ماقاللاردا قانداق مەزمۇن ئىپادىلەنگەنلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بارايلى.
ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلار ئارا مۇلاھىزىگە تەشكىللىنىدۇ. گۇرۇپ باشلىقى ۋەكىل بۇلۇپ ئۆزىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ ھەمدە بەرگەن جاۋابى ئاساسىدا دەرس خۇلاسىلىنىدۇ.

دوسكا لايىھىسى

     مەشق باغچىسى


تاپشۇرۇق: تىل خەزىنىسىدە بېرىلگەن شېئرنى يادقا ئېلىپ كىلىڭ.


دەرستىن كىيىنكى ئويلىنىش:




ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:


دەرس تىمىسى : مەشق باغچىسى
ئاغزاكى ئالاقە ۋە يېزىقچىلىق
ئوقۇتۇش نىشانى
بىلىم ۋە ئىقتىدار:
1.ئاغزاكى ئالاقە باسقۇچىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەن ،يۇرت سۆيگۈسىنى ھىس قىلدۇرۇش.
2.ۋەتەننىڭ،يۇرتنىڭ گۈزەللىكى ئەكىس ئەتكەن رەسىملەرنى تاللاپ سۆزلىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش، يېزىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى ئاشۇرۇش.
3.ۋەتەن،يۇرت مۇھەببىتى ئەكىس ئەتكەن ئاددى بىر پارچەماقالە يازالايدىغان بولۇش.
ئۇسۇل جەريان:
مۇستەققىل ئۆگىنىش،ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويغۇر تىلى بىلىمى ۋە يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ئاشۇرۇلىدۇ.
ھېسىيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى
ئاغزاكى ئالاقە باسقۇچىدىن پايدىلىنىپ نىمىنىڭ ۋەتەن ،يۇرت سۆيگۈسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش ھەمدە دەرىستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش ،ئويغۇر تىلى بىلىملىرىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇش.
مۇھىم نوقتا :
ۋەتەننىڭ،يۇرتنىڭ گۈزەللىكى ئەكىس ئەتكەن رەسىملەرنى تاللاپ سۆزلىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش، يېزىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى ئاشۇرۇش..
قىيىن نوقتا:
ۋەتەن،يۇرت مۇھەببىتى ئەكىس ئەتكەن ئاددى بىر پارچە ماقالە  يازالايدىغان بولۇش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :
يېتەكلەش،لىكسىيەئۇسۇلى،رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆتىلىدۇ.
ئوقۇتۇش ۋاستىسى :
ئوقۇتۇشتا دائىم ئىشلىتىلدىغان قوراللار .
دەرس تىپى ۋە دەرس سائىتى
مەشىق دەرس،3-سائىتى
ئوقۇتۇش جەريانى:
ساۋاقداشلار بۇ بۆلەكتىكى تېكىستلەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا قەلبىڭلاردىكى ۋەتەن، يۇرت مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن بولىشى ھەم ۋەتەن مۇھەببىتىنى قانداق نۇقتىلار بۇيىچە قانداق شەكىللەردە ئىپادىلەشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە بەلگىلىك تۇنۇشقا ئىگە بولغان بولىشىڭلار مۇمكىن.ئۇنداق بولسا بىز بۇ قېتىمقى ئاغزاكى ئالاقىدىن پايدىلىنىپ يەنە نىمىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھىساپلىنىدىغانلىقىنى،يۇرت مۇھەببىتىنى يەنە قانداق نۇقتىلار بۇيىچە ئىپادىلەشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ باقايلى.
ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلار ئارا مۇلاھىزىگە تەشكىللىنىدۇ ھەم گۇرۇپ باشلىقى ۋەكىل بولۇپ ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەرگەن جاۋابى ئاساسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ خۇلاسە قىلىنىدۇ.
ساۋاقداشلار ئىنتايىن ياخشى، جانلىق پىكىر يۈرگۈزدىڭلار ئەمدى بىز مۇشۇ يېزىقچىلىق مەشقىدىن پايدىلىنىپ قەلبىمىزدىكى يۇرت مۇھەببىتىنى ئەركىن ئىپادىلەپ باقايلى. يۇرتىىمىزدىكى مەلۇم بىر جاي ياكى نەرسىنى تەسۋىرلەپ يازساڭلارمۇ، يۇرتىمىزنىڭ تارىخىغا ئائىت بىرەر ۋەقەنى بايان قىلساڭلارمۇ مۇھىم شەخسلەرنى تۇنۇشتۇرساڭلارمۇ بولىدۇ.يازغاندا  باشقا ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆگىنىشكە، توپلىغان ماتىرىياللىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ھەمدە سۆز-جۈملىلەرنىڭ راۋان،توغرا بۇلىشىغا  ئەھمىيەت بىرەيلى.
ئوقۇغۇچىلار ماقالە يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە ئارلاپ تەكشۈرۈلۈپ تۈزىتىش ئېلىپ بىرىلىپ خۇلاسىلىنىدۇ.



دوسكا لايىھىسى


             مەشق باغچىسى
    ئاغزاكى ئالاقە ۋە يېزىقچىلىق



تاپشۇرۇق:



دەرستىن كىيىنكى ئويلىنىش:


ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-15 13:09:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى يىللىقنىڭ دەرىسى؟ئەسكەرتىش بېرىلسە!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش