| سۇبىشى مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى ئىلمىي بۈلۈم ، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى 2015- يىل 6- ئاينىڭ4- كۈنى -- مەكتەپنىڭ ئىمتىھان ئىلىشقا رەھپەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى -- مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى ، ئىلمىي بۈلۈم ، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق 2014-2015-ئوقۇش يىلى 1- مەۋسۈملۈك ئىمتىھانلارنىڭ ساغلام ، ھەقىقىي ، ئوڭۇشلۇق ئىلىنىپ،ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىزنىڭ پىلانلىق،تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئىمتىھان ئىلىشقا رەھپەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلدۇق . گۇرۇپپا باشلىقى : --(مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى). گۇرۇپپا ئەزالېرى: 1- -- (دائىمى ئىشلارغا مەسئول ئىشخانا مۇدىرى،پارتىيە قۇرۇرۇلۇش ئىشخانە مۇدىرى). 2- -- ( ئىلمىي مۇدىر ) . 3--- ( ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇدىرى) . 4--- (ئىلمىي مۇدىر ياردەمچىسى). 5- -- (خۇجىلىق مۇدىر,ئارقا سەپ خادىم).
ھەرقايسى گورۇپپا ئەزالېرىنىڭ كونكىرىتنى خىزمەت مەسئولىيىتى تۆۋەندىكىچە: 1-گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ مەسئۇليىتى: ۋەزىپىسى :ئومومى ئىشلارغا مەسئول بولۇپ،ئىمتىھان ئېلىش مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئومومىيۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلىش ، ئىمتىھان ئېلىشقا رەھپەرلىك قىلىش گورۇپپا ئەزالېرىنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ،ئىمتىھان ئىلىش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ئىمتىھان خىزمىتىنىڭ ساغلام، ئوڭۇشلۇق،بىخەتەر ئىشلىنىشىنى ھەقىقى ئەمىلىلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان نەتىيجىلېرىنىڭ ساپ ھەقىقى بولۇپ،تۇغرا خۇلاسىلىنىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە بۇ مەزگىلدىكى مەكتەپنىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرى چىڭ توتۇش ئارقىلىق ئىمتىھان مەزگىلىدىكى ئومومى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلىنىشىگە مەسئول. 2- ئىلمىي مۇدېرنىڭ مەسئۇلىيتى ۋەزىپىسى : ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان سۇئاللىرىنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش،ئىمتىھان مەزگىلىدىكى ئىمتىھان سۇئاللىرىنى تەقسىم قىلىپ تارقىتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئاللار بىلەن تولۇق تەمىنلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئىمتىھان باشلىنىپ 10مىنوتقىچە ئىمتىھان ئېلىنىۋاتقان پەننىڭ ئىمتىھان سۇئالىنى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش،ئىمتىھان نەتىيجىلەرنى يىغىپ ،ئۆز ۋاقتىدا كومپىيۇتىرغا كىرگۈزۈپ خۇلاسىلاش،خۇلاسە نەتىجىسىنى مۇناسىۋەتلىك يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يوللاش، ئاشقان سۇئال ۋە خۇلاسىلانغان ئىمتىھان نەتىيجىلەرنى ئارخىپقا ئىلىپ ساقلاش،ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋسۈملۈك ئۈنۈم نومۇرلىرنى خۇلاسىلاش،خىزمەت ئۈنىمىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش،ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىلمىي نەتىجە ئىشلەپ،مەۋسۈملۈك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىقلارنىڭ ئارخىۋىنى تۇرغۇزۇش ھەمدە ئىمتىھان مەزگىلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار يوخلىمىسىنى ياخشى قىلىپ،خىزمەت سىجىللىقىنى چىڭ توتۇپ،ئىمتىھان خىزمىتىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنى ،تۈرلۈك نەتىجىلەرنى تۇغرا خۇلاسىلاشنى ھەقىقى كاپالەتلەندۈرۈشكە مەسئول. 3-ئىلمىي مۇدېر ياردەمچىسىنىڭ مەسئۇليىتى ۋەزىپىسى : ئىمتىھان مەيدانلېرىنى بەلگىلەش، ئىمتىھان مەيدانلىرىغا نازارەتچى بولۇپ كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى بەلگىلەش، قەغەز تەكشۈرۈشكە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش،ئىمتىھان مەزگىلىدىكى ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش،ئىمتىھان ئېلىش، قەغەز تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ نازارەت قىلىش ،ئىمتىھان ئىلىنىپ بولغان ۋە تەكشۈرۈپ بولغان قەغەزلەرنى تولۇق يېغىپ،سىنىپ ئايرىمىسى پەن تۈرى بويىچە تۈپلەپ پىچەتلەپ ساقلاشقا مەسئول. 4- ئۇقۇتۇش تەتقىقات مۇدېرنىڭ مەسئۇليىتى ۋەزىپىسى :مەكتەپ بىر تۇتاش ئالىدىغان تۈرلۈك ئىمتىھانلارنىڭ سۇئاللىرىنى چىقىرىش ۋە كۆپەيتىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىمتىھان سۇئاللىرىنى چىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ،ئىمتىھان سۇئاللىرىنىڭ سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش، ئىمتىھان سۇئاللىرىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۆلچەملىك جاۋاپلارنى تەييارلاش، سۈپەت تەھلىل قىلىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ،ھەرقايسى پەنلەرنىڭ سۈپەت تەھلىلىنى خۇلاسىلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاشقا مەسئول. 5-پارتىيە قۇرلۇش ئىشخانە مۇدېرنىڭ مەسئۇليىتى ۋەزىپىسى: ھەربىر مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ چىقىپ،مۇشۇ سان بويىچە ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆتكۈزۈپ ئېلىش، ئىمتىھان ئېلىش دوكمۇنتى(سىنىپ ئايرىمىسى، پەن تۈرى،ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى سانى،خالتىغا سېلىنغان قەغەز سانى ۋەكىنىشكا نومىرى،نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمزاسى قاتارلىق ئوچۇرلار) نى ئەستايىدىللىق بىلەن توغرا تولدۇرغان تولدۇرمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان قەغەزلىرىنى تەلەپ بويىچە رەتلەش، تۈپلەش، ئۆلچەملىك پىچەتلەش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىپ،بايقالغان مەسىللەرنى تۈزەتكەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ياكى ئىلمىي بۈلۈمگە ئۆز ۋاقتىدا تولۇق تاپشۇرۇش، ئىمتىھان قەغىزى ۋە ئىمتىھان مەيدانىدا كۆرۈلگەن مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئول .
6- خۇجۇلۇق مۇدېرنىڭ مەسئۇليىتى ۋەزىپىسى: ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىمتىھان مەيدانلىرىدىكى ئۈستەل،ئورۇندۇق،كۈزۈتۈش ھەم ئاڭلاش سېستىمىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك زۈرۈر ۋاستىلەرنىڭ تولۇق بۇلۇشى ۋە نورمال ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش،سۇئاللارنى پىچەتلەش خىزمىتىگە ياردەملىشىش،ئىمتىھان سۇئاللىرىنى كۆپەيتىش خىزمىتىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ،كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىش ئارقىلىق، ئىمتىھانلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،نورمال ۋە ساغلام ئىمتىھان ئالىدىغان ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىش خىزمىتىگە مەسئول. ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىمتىھان ئىلىشقا رەھپەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار بىردەك ھالدا سۇئال تارقىتىش خىزمىتىگە ياردەملىشىپ،سۇئاللارنىڭ ئىمتىھان مەيدانلىرىغا ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەدبىر: ئەگەر ئىمتىھانغا رەھپەرلىك قىلىش گورۇپپا ئەزالېرىنىڭ مەسئولىيەتسىزلىك قىلىپ بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى ئورىنلىمىسا ،ئىمتىھانلارنىڭ نورمال ئىلىنىشىغا تەسىر يەتكۇزسە ، جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىپ، مەسىلىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ،يىللىق سىناپ تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە بېرىلگەن نومۇردىن 5- 10غىچە نومۇر تارتىلىدۇ ۋە يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە مۇنەۋۋەر قىلىشقا بولمايدۇ. -- مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى ئىلمىي بۈلۈم ، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى 2015- يىل 6- ئاينىڭ-4-كۈنى
سۇبىشى مەكتەپنىڭ ئىمتىھان ئىلىشقا رەھپەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى
|
|