كۆرۈش: 328|ئىنكاس: 0

ھەقىقى ئادەم ، ھەقىقى ۋەقە بايان قىلىنغان " غەربكە ساياھەت خاتىرىس"

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 20:37  

]                            راست ئادەم ، راست ۋەقە بايان قىلىنغان "غەرپكە ساياھەت خاتىرىسى "
     
     
        ھىندىستاندا بارلىققا  كەلگەن  بۇددىزىم مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدە ، يىپەك يولى ئارقىلىق يەنى غەربى رايون ئارقىلىق جۇڭگوغا تارقالغان .
      بۇ دەۋىردە جۇڭگو خەلقى ئاھۇ پەرياد ئىچىدە قالغان بىر دەۋىر ئىدى . شۇڭا ھەرقايسى بەگلىك پادىشاھلىرى ئۆز بەگلىكىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن بۇددا دىنىغا مۇراجەت قىلىدۇ  ھەمدە غەربى رايوندىن بەس- بەس بىلەن بۇددا راھىبلىرىنى تەكلىپ قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن غەربى رايون راھىبلىرى جۇڭگوغا كەينى - كەينىدىن كىرىشكە باشلايدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە كۈسەن (كۈچار) لىق مەشھور راھىب كومراجىۋا قاتارلىقلار بار . ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن بۇددا نومىنى تەرجىمە قىلىدۇ ۋە تارقىتىدۇ .
      شۇنداق قىلىپ بۇرۇن چەت ئەللىكلەرنىڭ دۇرۇت - ئەپسۈن ئوقۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ قاراپ كېلىنگەن بۇددا دىنى يۇقىرىقى كۆرۈنىشلەر ئارقىلىق جۇڭگو زىمىنىغا يىلتىز تارتىدۇ .
      بۇ خىل ئېتىقادنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، بەزى مۇخلىسلار غەربتىن كىرگەن بۇددا قائىدىلىرى بىلەنلا قانائەت ھاسىل قىلمايدۇ . ئۇلاردا ئۇرغۇپ تۇرغان دىنىي قىزغىنلىق كونترول قىلغۇسىز دەرىجىگە يېتىدۇ . بەزىلەر بۇددىزمنىڭ ماكانى بولغان ھىندىغا بېرىپ ھەزرىتى ساكيامونىنىڭ ئىزلىرىغا تاۋاپ قىلىش ۋە بۇددا قائىدىلىرىنىڭ ئەقىدىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش ئارزۇسىدا بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھەرقانداق جەبرى- جاپاغا تەييار ئىدى . بۇ خىل ئىرادىلىك كىشىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ تۇراتتى .
       بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى قاتتىق جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۆز مەقسىتىگە يەتكەن . بەزىلىرى كۆچمە قۇم ۋە قاتتىق سوغۇق ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان قاقاس تاغلاردا ھەسرەت ياشلىرىنى يۇتۇپ ، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان . مانا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆز مەقسىتىگە يەتكەن بىرى بار . ئۇ دەل بىز  بايان قىلىۋاتقان ماقالىدىكى باش پىرسۇناژ  شۈەنجۇاڭ .
        شۈەنجۇاڭ مىلادى602- يىللىرى ئەتىراپىدا، قەدىمكى پايتەخت  لوياڭنىڭ شەرقىدىن 70 چاقىرىم (تەخمىنەن 46 كىلومېتېر )كېلىدىغان خۇشى ناھىيىسىدىكى (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جىڭجۇڭ دېگەن يېرى) چىنباۋگو دېگەن جايدا بىر ئېسىلزادە ئائىلىسىدە دۇنياغا  كەلگەن . ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى چېن ۋېي .
         ئۇ 13 ياشقا كىرگەن يىلى شۇ دەۋىرنىڭ پادىشاھسى سەيياڭدى لوياڭدىن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا  ھەمدە ئۆزى ئارزۇ قىلغانلاردىن 27 نى رەسمىي راھىبلققا تاللاشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ . بۇ چاغدا بۇددىزم راسا ئەۋىج ئالغان بولۇپ ،بارچە تالانت ئىگىلىرى بەس- بەستە ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشىدۇ .27 ئىسىملىك ئۈچۈن نەچچە يۈز  ئارزۇ قىلغۇچى مەيدانغا چىقىپ  شۇنىڭ بىلەن قەدىمىكى جۇڭگو شەكلىدىكى ئىمتاھان مەيدانىنىڭ جاھالەت مەنزىرىسى بارلىققا كېلىدۇ .
        بۇ ئىشقا قىزىققان چېن ۋېي ئىختىيارسىز  ھالدا تاللاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يامۇل ئالدىغا كېلىپ تۇرىدۇ .ئۇنى كۆرگەن بىرى :" بۇ كىمنىڭ بالىسى ؟"دەپ سورايدۇ . چېن ۋېي ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ ، نېرىراقتا جىڭ شەنلياڭ ئىسىملىك بىر ئەمەلدارنىڭ تۇرغىنىنى كۆرىدۇ . ئۇ ئادەم مەرىپەت ۋەزىرى بولۇپ ،بۇيرۇققا بىنائەن بۇ قېتىمقى تاللاش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قېلۋاتاتتى .
        شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدا قىسقا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ .
- سىزمۇ تاللاشقا قاتناشقىلى كەلدىڭىزمۇ ؟
- شۇنداق خىيالىم بار ،بىراق ماڭا ئوخشاش ...
- راھىب بولۇش نېمە ئۈچۈن ؟
- بودساتىۋاغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئۇنىڭ تۇتقان بۇددا يولىدا نۇر چاقناتقۇم بار .
        جىڭ شەنلياڭ شۇ كۈنىدىكى مۇزاكىرىدە چېن ۋېينى كۆرسىتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ : "ئۇنىڭ قولىدىن كەلگۈسىدە چۇقۇم چوڭ ئىشلار كېلىدۇ .قانداقلا بولمىسۇن ئۇنى تاللاپ ئېلىش كېرەك . ئەپسوسكى مەن ياشىنىپ قالدىم ، ئولتۇرغانلار بىلەن بۇ بالىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۆز  كۆزۈم بىلەن كۆرەلمەيمەن ". شۇنداق قىلىپ چېن ۋېي ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا چاڭ جيې راھىب ئۇستازلىقىدىكى جىڭتۇ ئىبادەتخانىسىغا رەسمى كىرىدۇ .راھىبلىق ئىسمى شۈەنجۇاڭ دەپ قويۇلىدۇ .
شۇندىن ئېتىباراەن شۈەنجۇاڭ بارلىق زېھنى بىلەن بۇددا قائىدىلىرى ئۈستىدە  ئىزدىنىشقا كىرىشىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ راھىبلىق ئىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تۇسالغۇلارنى يېڭىشكە بەل باغلايدۇ .
          شۈەنجۇاڭ 26 ياشقا كىرگەن يىلى بۇددا دىنىنىڭ يۇرتىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ . ئۇ بىر مەقسەتتىكى بىر قانچەراھىبلار بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن پادىشاھقا غەربى رايونغا بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ . بىراق ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ . چۈنكى ئۇ چاغدىكى دۆلەت قانونىدا يۈمېن قوۋۇقىدىن چىقىپ غەرىپكە بېرىش مەنئىي قىلىناتتى . بۇ ئىش تۈپىيلىدىن كۆپچىلىكنىڭ رايى قايتىدۇ . پەقەت شۈەنجۇاڭلا تەن بەرمەستىن داۋاملىق ئىلتىماس سۇنىدۇ . شۈەنجۇاڭ دۆلەتنىڭ تەقىپ قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ بولسىمۇ بېرىش نىيىتىگە كېلىدۇ . ئاخىرى ئادەملىرى ، ۋەقەلىكى راست بولغان " غەرپكە ساياھەت" نى باشلايدۇ .  
شۈەنجۇاڭ دەل كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە چاڭئەندىن  كۆز  يەتكۈسىز مۇساپىەە ئاتلىنىدۇ . كۈندۈزى يوشۇرنۇپ ،كېچىسى يول يۈرۈپ يىپەك يولى ئۈستىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن غەرپكە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ . بۇ  چاغدا شۈەنجۇاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەقىپ قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ يولغا چىققانلىقى ھەققىدىكى سۆز- چۆچەكلەر تەرقىلىدۇ . ئۇ  مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئېۋىرغولغا " قۇمۇل " يېتىپ بارىدۇ . ئۇ قۇمۇلدا تۇرغان مەزگىلدە ئېدىقۇت ۋاڭى خەۋەر تېپىپ ئۇنى تەكلىپ قىلىدۇ .ئۇمۇ تەقۋادار بۇددا مۇرتلىرىدىن ئىدى .
شۈەنجۇاڭ بۇ جايدا ئۇزۇن تۇرمايدۇ . ئۇ يۇلغا چىقماقچى بولغاندا پادىشاھ قۇيۇپ بەرمەي ئېلىپ قىلىش مەقسىتى بارلىقىنى ئېيتىدۇ . شۈەنجۇاڭ ئامالسىز ئاچلىق ئېلان قىلىپ ، نارازلىق بىلدۈرىدۇ . تۆتۈنچى كۈنى پادىشاھ ئامالسىز كۆزى قىيمىغان ھالدا يولغا سېلىپ قويىدۇ .
         شۇندىن كىيىن ، ئۇ نەچچە مىڭ چاقىرىم يولنى غەربىي تۈركلەرنىڭ كۈچ دائىرىسىن بېسىپ ئۆتىدۇ . قاتمۇ قات مۇز قاپلىغان تەڭرى تاغ تىزمىسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئۇ نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى سەمەرقەنتكە يېتىپ بارىدۇ . بۇ جاينىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرىدە زوروئاستىر دىنى ئەۋىج ئالغان ئىدى . شۈەنجۇاڭ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ، دەريا كېچىپ قوندۇز دۆلىتىگە كېلىدۇ .ھەمدە باكتىرىيە شەھەرلىرى ئارقىلىق ھىندىستانغا بېرىش قارارىغا كېلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر قېتىم رەھىمسىز تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . پەلەككە تۇتاشقان چوڭ قارلىق تاغ (ھازىرقى ھىندىقۇشتېغى) ، جىلغا ،ئىدىرلارنى بېسىپ بامىئان ،كاپسا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۆتىدۇ . بۇ جايلار ھىندىغا يېقىنلا ئىدى . شۈەنجۇاڭ (مىلادى 630 - يىلى ) قىش پەسلىدە ھىندىغا بارىدۇ .
شۈەنجۇاڭ ھىندىدا ئۇن نەچچە يىل بىلىم ئېلىپ ، (مىلادى 641 - يىلى )ۋەتىنىگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ . ئۇ ھىندىغا قانداق جەبىر - جاپالار بىلەن بارغان بولسا ،قايتىشتىمۇ شۇنداق جەبىر- جاپادا قايتىدۇ . لېكىن شۈەنجۇاڭنىڭ ئېچىنىدىغىنى ئۇ ھىندى دەرياسىدىن ئۆتكىچە مىڭ بىر مۇشەققەتتە يىققان بىر مۇنچە بۇددا نوملىرى چۈشۈپ قالىدۇ .
         ئۇ پامىر ئىگىزلىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، خوتەن پادىشاھىنىڭ قىزغىن قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ . ئۇ بۇ مەملىكەتتە بىر مەزگىل تۇرۇشنى قارار قىلىدۇ . چۈنكى بەزى ئىشلارنى مەملىكەتكە قايتىشتىن ئىلگىرى پۈتتۈرۈش كېرەك ئىدى . شۈەنجۇاڭ ئون نەچچە يىل بۇرۇن دۆلەتنىڭ تەقىپ قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قلىپ ، چېگرىدىن چىقىپ كەتكەن . شۇڭا بۇ ھالدا قايتىشقا بولمايتتى . شۇڭا ئۇ پادىشاھغا مەكتۇپ يېزىپ ئىدىقۇتتا تۇغۇلغان يىگىت ماشۈەنجى ئارقىلىق چاڭئەنگە ئەۋەتىدۇ . مەكتۇپتا ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشتىكى مەقسىتى ۋە چەت ئەلدە تارتقان مۇشەققەتلىرى بايان قىلىنىدۇ ۋە يەنە " ھازىر مەن خوتەنگە كەلدىم .بىراق مىنىپ كەلگەن سادىق پىلىم ئۆلۈپ قالدى . نۇرغۇن دىنىي نوملارنى ئېلىپ مېڭىشقا ئات تاپالمىدىم . گەرچە ۋەتەنگە قايتىشقا ئالدىراۋاتقان بولساممۇ بىراق ئارزۇيۇمدىكىدەك قايتىپ بېرىپ ئالىلىرىغا سالام بېرىشكە مۈمكىن بولمىدى" دەپ يازىدۇ .
          ئۇزۇن ئۆتمەي ماشۈەنجى قايتىپ كېلىپ تاڭ تەڭرىسى (تەيزۇڭ لىشىمىن) نىڭ  :" راھىبنىڭ غەربىي رايونغا بېرىپ ھەقىقەت ئىزدەپ قايتىپ كەلگەنلىرىنى ئاڭلاپ چەكسىز خۇشال بولدۇم . تېزدىن قايتىپ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكەيلا . باشقا ئەللەردە سانسكرىت تىلى بىلىدىغان ۋە نومنى تەپسىر قىلالايدىغان راھىبلار بولسا ئىختىيار قىلسا بىللە ئالغاچ كەلسىلە . خوتەنگە ۋە يول ئۈستىدىكى دۆلەتلەرگە راھەبنى يول بويى قوغداشقا چاكار ۋە ئات ھارۋىلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ھەققىدە پەرمان چۈشۈردۈم ھەمدە دۇڭخۇاڭ ئەمەلدارلىرىنى كۆچمە قۇملۇققا بېرىپ ئالدىلىرىغا چىقىشىنى ، پىشامشان ئەمەلدارلىرىنى چەرچەنگە كېلىپ ئالدىلىرىغا چىقىشىنى بۇيرۇدۇم ". دەپ يازغان  جاۋابىنى يەتكۈزىدۇ .
          شۇنىڭ بىلەن بىتاقەت بولۇپ تۇرغان شۈەنجۇاڭ خوتەندىن يولغا چىقىپ ئاخىرى 43 يىشىدا نۇرغۇن كىتاپ ۋە بۇت ھەكەللىرىنى ئېلىپ ۋەتىنى چاڭئەنگە يىتىپ كېلىدۇ . شۇ يىلى ئۇ لوياڭدا تەڭرىگە تاۋاپ قىلىدۇ . تەڭرى غەربىي رايون ئەللىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن :" بۇددا ئېلىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى  چۇقۇم بىر كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقسىلا .كىشىلەر كۆرسۇن " دەيدۇ .مانا بۇ "بۈيۈك تاڭ دەۋرىدە غەربكە ساياھەت خاتىرىسى" دېگەن كىتاپنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى سەۋەبى .

مەنبە:   1986-يىلى ياپونىيىلىك يازغۇچى چيەنداۋ شىنسى نامىدا نەشىر قىلىنغان  " يىپەك يولىدىكى 99 سىر  " ناملىق  كىتابتىن  .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش