| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-25 23:18
" گۇاڭدۇڭ خۇيجۇ ساقچى تەرەپ ئىپپەت- نومىسىنى سېتىش چوڭ دىلوسىنى پاش قىلدى " سەرلەۋھىلىك خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن
ئەيدىز ۋېيروسى ئاساسلىقى زەھەرلىك چېكىملىكنى چەككەندە شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ۋە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يوقىدىغان ، يوقۇملىنىش نىسپىتى يوقىرى ، داۋالاش قىيىن بولغان ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەھدىد ئېلىپ كېلۋاتقان ، پۈتۈن دۇنيا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان يەر شارى خاراكتىرلىق بىر خىل كىسەللىك . ئەيدىز ۋېيروسى 1995-يىلى ئاپتونۇم رايونىمىزدا بايقالغاندىن ھازىرغىچە 20يىل ۋاقىت ئوتۈپ كەتتى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەيدىز ۋىيروسى تۈگىتىلمەكتە يوق ئەكسىچە بۇ ۋىيروس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى يىلمۇ – يىل شىددەت بىلەن ئېشىپ باردى . بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىدا 7 باپ ، 56 ماددىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامىنى ئېلان قىلدى . بۇ نىزام "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامى " دېيىلىدۇ . بۇ نىزام ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ، ھۆكۈمەت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتتە ، نۇرغۇن مائالىيە ۋە ئادەم كۈچى ئاجىرتىپ ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ ،بىراق ئۈنىمى يەنىلا دېگەندەك ياخشى بولمىدى . مەن ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ ئۈنىمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى سەۋەپ ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامىنىڭ تازا مۇكەممەل بولمىغانلىقىدا . يەنە كېلىپ بۇ نىزام ئەيدىزنىڭ يىلمۇ - يىل شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىشىغا يىشىل چىراق يېقىپ بەرگەن دەپ قارايمەن . چۈنكى ئەيدىز ۋېيروسىنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقى ئىنىق تۇرسىمۇ بىراق ، بۇ نىزامنىڭ 5- ماددىسىدا جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئىنىق يول قويۇلغان . ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامىنىڭ 5- ماددىسىدا مۇنداق دىيىلگەن . " 5-ماددا مېھمانخانا، مۇنچا، پەردازخانا، تاماشىخانا قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن ساغلاملىق ئىسپاتى ئالمىغانلارنى خېرىدارلارغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلدۇرغانلىرىنى، مېھمانخانىلارنىڭ، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن تىجارەت سورۇنىغا گاندون قويمىغان ياكى گاندون بېرىش، سېتىش ئۈسكۈنىسى ئورناتمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلىرىنى تېجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ. " قانون مانا مۇشۇنداق يول قويغان ئەھۋالدا ، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ، ناھىيە ، شەھەر - بازارلىرىدا ھەر خىل شەكىلدىكى يەنى- مىھمانخانا ، بەزمىخانا ، ئۇۋلاش ئورنى ، ساتىراچخانا ، پۇت يۇيۇش ئورنى، باش يۇيۇش ئورنى ۋە پەردەزخانا دېگەندەك ناملار بىلەن تىجارەت قىلۋاتقان مېھمان كۈتكۈچى ئاياللار ئوۋىلىرى يامراپ كەتتى . دېمەك ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن ؟ مەن تور ئارلاۋىتىپ 2015-يىلى 1-ئانىڭ 21- كۈنىدىكى "گۇاڭدۇڭ خۇيجۇ ساقچى تەرەپ ئىپپەت - نومىسىنى سېتىش چوڭ دىلوسىنى پاش قىلدى " تېمىسىدىكى بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم . خەۋەردە گۇاڭدۇڭ خۇيجۇ شەھەرلىك ساقچى تەرەپ قانونغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ، مەلوم بىر مېھمانخانىنى تەكشۇرۇش ئارقىلىق ، ئىپپەت - نومىسىنى سېتىشقا چېتىشلىق بولغان 38 نەپەر ئايالنى قولغا ئالغانلىقى ۋە ئۇ ياتاقنى پىچەتلەنگەنلىكى ئېيتىلغان ئىكەن . مەن ئىلگىرى بۇنداق قىلمىشلارنى قانونلۇق ئوخشايدۇ ، شۇڭا قانون ئورۇنلىرىنىڭ كارى بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتىم بىراق ، يوقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن خەۋەرنى كۆرگەندىن كىيىن ، بۇنداق قىلمىشلارغا قانون يول قويمايدىكەنغۇ – دېگەن تونۇشقا كېلىپ ئىنكاس خاراكتىرلىك ئۇشبۇ تېمىنى يازدىم . مېنىڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم : قانون ئورۇنلىرىنىڭ ، بىزنىڭ رايونىمىزدىمۇ يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يەنى ئۇ خانا ، بۇ خانا ......دېگەندەك سورۇنلارنى تازىلاش ئېلىپ بارغاندىلا ، ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن .
مەنبە : ئۆز قەلىمىم 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23 - كۈنى
|
|