كۆرۈش: 1045|ئىنكاس: 68

ئەقىدەمنى بىلمىدىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەقىدەمنى بىلمىدىڭ
(ناخشا تېكسىتى)
كۈتتۈم سېنى شۇنچە يىل ،
ئەقىدەمنى بىلمىدىڭ .
ئەجەپ ئاغرىدى بۇ دىل،
سەن ۋەدەڭدە تۇرمىدىڭ .

باشقىلاردىن ئاڭلىسام ،
تېپىۋاپسەن يېڭى يار .
يار ئۈستىگە يار تۇتۇپ،
قىلما مېنى خارۇ-زار .

ئۆتنە ئالەم بۇ دېگەن ،
ئالماقنىڭ بەرمىكى بار .
تارتىپ قالمىغىن سەنمۇ ،
كىملەرگىدۇر بولۇپ خار .

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-30 14:57:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 20:55  

كىملەرگىدۇر بولۇپ خار ،
ئەمدى كەلدىڭ بۇ ياققا ،
شۇنچە ۋاقتىن نەلەردە ،
كىرمەي يۈردىڭ بۇياققا .


ئاغرىنغانسەن كىملەردىن ،
ئەمدى كىرىپ بۇياققا ،
بېزەپ تۇرغىن ھەر دائىم ،
تېما يوللاپ بايقاشقا


باھا سۆز

كىرەلمىسەم بايقاشقا ، مېنى خار بولدى دېمەڭ . خار قىلمايمەن ئۆزۈمنى ، مەندىن ئارتۇق غەم يېمەڭ . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-30 15:10
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-30 15:10:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 15:28  
pari يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 14:57
كىملەرگىدۇر بولۇپ خار ،
ئەمدى كەلدىڭ بۇ ياققا ،
شۇنچە ۋ ...


   كىرمەي قالسام بايقاشقا،
   نەدە يۈردىكىن دېمەڭ.
   كىملەرگېدۇر خار بولۇپ ،
   قايتىپ كەپتۇغۇ دېمەڭ .
              ئەمدى كىرسەم بايقاشقا ،
              خار بوپ كەپتۇغۇ دېمەڭ .
              خار قىلمايمەن ئۆزۈمنى ،
              مەندىن ئارتۇق غەم يېمەڭ .

باھا سۆز

غەممۇ يەپمۇ يۈرمىگەن ،ئەجەپ يىدىم تۇمشۇققا ، شېئىرھەرگىز يازماسمەن ،ئەمدى سەندەك باڭۋاشقا. تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-30 15:24
ۋاقتى: 2014-11-30 15:24:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 15:32  
بۆركۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 15:10
كىرەلمىسەم بايقاشقا ،
   مېنى خار بولدى دېمەڭ .
   خار  ...


غەممۇ يەپمۇ يۈرمىگەن ،
ئەجەپ يىدىم  تۇمشۇققا ،
شېئىرھەرگىز يازماسمەن ،
ئەمدى سەندەك بەڭۋاشقا.

باھا سۆز

مېنى بەڭباش دەپ قاپسىز ، مەن قىلمايمەن بەڭباشلىق . چۈنكى قېرىپ قالدىممەن ، كەتتى مەندىكى ياشلىق . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-30 15:33
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-30 15:33:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pari يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 15:24
غەممۇ يەپمۇ يۈرمىگەن ،
ئەجەپ يىدىم  تۇمشۇققا ،
شېئىر ...

    مېنى بەڭباش دەپ قاپسىز ،
    مەن قىلمايمەن بەڭباشلىق .
    چۈنكى قېرىپ قالدىممەن ،
    كەتتى مەندىكى ياشلىق .
ۋاقتى: 2014-11-30 15:40:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 18:57  

ئەقىدەمنى بىلمىدىڭ ،
   ئەجەپ بولدى بۇ كۆڭلۇم ،
قولۇمغا پىچاق ئېلىپ ،
يۈرەككە سالغۇدەك بولدۇم

باھا سۆز

بۇ سۆزۈڭنى مەن ئاڭلاپ ، قورقۇپ ئۆلگىدەك بولدۇم . تاكسى بولاپ شۇ ھامان يېنىڭغا بارغۇدەك بولدۇم . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-30 16:00
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-30 16:00:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 16:07  
pari يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 15:40
ئەقىدەمنى بىلمىدىڭ ،
   ئەجەپ بولدى بۇ كۆڭلۇم ،
كولۇمغا  ...


    بۇ سۆزۈڭنى مەن ئاڭلاپ ،
    قورقۇپ ئۆلگىدەك بولدۇم .
    تاكسى تۇسۇپ شۇ ھامان
    يېنىڭغا بارغۇدەك بولدۇم .
ۋاقتى: 2014-11-30 16:09:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت كەپتۇ، ئاخىرىچۇ ...

باھا سۆز

كېلىڭە دوستۇم سىزمۇ ياندىشىڭ . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-30 16:20
ۋاقتى: 2014-11-30 16:19:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 16:39  

سالساڭ سۇغا كۆتىرەلمەس ،
ئەسلا مىسقال تۆمۈرنى ،
تاكسى  توسۇپ شۇ ھامان ،
ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۇلنى

باھا سۆز

سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە ، سۇ تۇختايدۇ بىل بۇنى . بىر ئامال قىپ ئالىمەن ، سېنىڭ نازۇك كۆڭلۈڭنى . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-30 16:29
ۋاقتى: 2014-11-30 16:20:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 16:09
ئالامەت كەپتۇ، ئاخىرىچۇ ...

كېلىڭە دوستۇم سىزمۇ ياندىشىڭ .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش