| باشقا جايدا داۋالانسا، داۋالىنىش ھەققى قانداق ئاتچوت قىلىنىدۇ؟
مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدىكەن: ‹1›، ئەگەر ئەسلىدىكى سۇغۇرتىلانغان ئورۇندىكى دوختۇرخانا ئاغرىققا ئېنىق دىياگنوز قويالمىسا ياكى بۇنداق كېسەلنى داۋالاش ئىمكانىيىتى بولمىسا، شۇ جايدىكى 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالىنىش تەكلىپىنى بەرسە، داۋالىنىش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشخانىسى تەستىقلىغان، شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەنگە ئالغاندىن كېيىن يۆتكىلىپ داۋالانسا بولىدىكەن. باشقا يەردە داۋالانغان داۋالىنىش ھەققىنى شۇ داۋالانغان دۇختۇرخانىدا ھېساباتنى ئۈزۈپ ئۈچ ئاي ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ ئەسلىي تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ ئاتچوت قىلدۇرسا بولىدىكەن، ئەگەر شەھەرلىك ھەممىباب داۋالىنىش كارتىسى بولسا، دوختۇرخانىدىن چىققاندىلا ئاتچوت قىلغىلى بولىدىكەن. ‹2›ئەگەر باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولسا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئالدى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىگە بېرىپ ‹‹باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقان پېنسىيەگە چىققانلار ياكى خىزمەتكە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ باشقا جايدىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىنىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى››نى تولدۇرۇپ، يېڭى ئولتۇراقلاشقان ئورۇندىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈچ دوختۇرخانىنى تاللىغاندىن كېيىن، يەنە تاللىغان بۇ ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ، يېڭى ئولتۇراقلاشقان ئورۇندىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ، شۇنداقلا ئەسلىدىكى ئىدارىسىنىڭ تامغىسىنى ئۇرغۇزۇپ، ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىگە يېقىندا چۈشكەن رەسىمىنى چاپلىغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئورۇنغا بىر نۇسخا تاپشۇرۇپ، يەنە بىر نۇسخىنى ئۆزى ساقلاپ قويسا بولىدىكەن
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
|
|