كۆرۈش: 332|ئىنكاس: 5

شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار قول تۇتۇش ھەرىكىنى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىزنىڭ ئورنىڭىز:  شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى


مائارىپ  مىنىستىرلىقى  شىنجاڭ  بىلەن  ياردەم  بەرگەن  جايلار  ئارىسىدا  قول  تۇتۇش  ھەرىكىنى  قانات  يايدۇرىدۇ

مائارىپ  مىنىستىرلىقى  23-يانۋار  ئۆزىنىڭ  تور  بېكىتىدە  ئۇقتۇرۇش  ئېلان  قىلىپ،  شىنجاڭ  بىلەن  ئىچكى  جايلارنىڭ  ئالماشتۇرۇش،  ئالاقىسىنى  كۈچەيتىش  ئۈچۈن،  شىنجاڭغا  نىشانلىق  ياردەم  بېرىش  مېخانىزمىدىن  پايدىلىنىپ،  شىنجاڭ  بىلەن  شىنجاڭغا  ياردەم  بەرگەن  ئۆلكە،  شەھەرلەردىكى  مەكتەپلەر  ئوتتۇرىسىدا  مىڭ  مەكتەپ  قول  تۇتۇشۇش  پائالىيىتىنى  قانات  يايدۇرىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.
پائالىيەتنىڭ  ئاساسلىق  مەزمۇنى  تۆۋەندىكىچە:  شىنجاڭغا  ياردەم  بەرگەن  ئۆلكە  شەھەرلەر  بىلەن  ياردەمگە  ئېرىشكەن  جايلاردىكى  مەكتەپلەر  ئوتتۇرىسىدا  بىر  مەكتەپ  بىلەن  بىر  مەكتەپ،  كۆپ  مەكتەپ  بىلەن  بىر  مەكتەپ  ياكى  بىر  مەكتەپ  بىلەن  كۆپ  مەكتەپ  ئوتتۇرىسىدا  دوست  مەكتەپ  مۇناسىۋىتى  ئورنىتىپ،  مەكتەپلەر  ئوتتۇرىسىدىكى  تەربىيەلەش،  ئوقۇتۇش  جەھەتتىكى  ئالماشتۇرۇشنى  كۈچەيتىش،  ئوقۇتقۇچىلار  ئوتتۇرىسىدا  ئۆز  ئارا  ياردەم  بېرىش،  ئۆز  ئارا  ئۆگىنىش  جەھەتتىكى  ئوقۇتۇش،  تەتقىقات  پائالىيىتىنى  قانات  يايدۇرۇش،  دوست  مەكتەپلەر  يازلىق  لاگىرى  ۋە  ئۆز  ئارا  كۆزدىن  كەچۈرۈپ  ئۆگىنىش  پائالىيىتىنى  تەشكىللەش؛  شىنجاڭغا  ياردەم  بەرگەن  ئۆلكە،  شەھەرلەر  بىلەن  ياردەمگە  ئېرىشكەن  جايلاردىكى  ئوقۇغۇچىلار  ئارىسىدا  بىرسى  بىرگە  ياردەم  بېرىش  مۇناسىۋىتى  ئورنىتىش،  خەت  يېزىش،  بىلوگ  يوللاش  قاتارلىقلارنى  كەڭ  قانات  يايدۇرۇش.
ئاشكارىلىنىشىچە،  2017-يىلىغىچە،  شىنجاڭدىكى  ھەر  دەرىجىلىك،  تۈرلۈك  مەكتەپلەر،  شىنجاڭغا  ياردەم  بەرگەن  ئۆلكە،  شەھەرلەر  بىلەن  ياردەمگە  ئېرىشكەن  مەكتەپلەر  ئوتتۇرىسىدىكى  قول  تۇتۇشۇش  پائالىيىتى  تولۇق  قاپلىنىدىكەن  ھەم  ئۇزاق  ئۈنۈملۈك  مېخانىزم  ئورنىتىلىدىكەن.
مائارىپ  مىنىستىرلىقى  مۇنداق  دېدى:  مىڭ  مەكتەپ  قول  تۇتۇشۇش  پائالىيىتى-مىللەتلەر  ئىتتىپاقلىقى  تەربىيەسىنى  كۈچەيتىپ،  ئوقۇغۇچىلارنى  توغرا  دۆلەت،  مىللەت،  دىن،  قىممەت  قارىشى  تۇرغۇزۇشقا  يېتەكلەپ  ۋە  تەربىيەلەپ،  جۇڭخۇا  مىللەتلىرىنىڭ  ھەمنەپەسلىك  ئېڭىنى  تۇرغۇزۇشتا  مۇھىم  رول  ئوينايدۇ؛  شىنجاڭغا  ياردەم  بەرگەن  ئۆلكە،  شەھەرلەردىكى  مەكتەپلەرنىڭ  باشقۇرۇش  ۋە  مائارىپ  بايلىقى  جەھەتتىكى  ئەۋزەللىكىنى  جارى  قىلدۇرۇپ،  ياردەمگە  ئېرىشكەن  جايلاردىكى  مەكتەپلەرنىڭ  مائارىپ  قارىشىنى  ئۆزگەرتىشىگە  ياردەم  بېرىپ،  مەكتەپ  باشقۇرۇشنى  قېلىپلاشتۇرۇپ،  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ساپاسىنى  ئۆستۈرۈپ،  مائارىپ  سەۋىيەسىنى  يۇقىرى  كۆتۈرۈشكە  پايدىلىق

                                مەنبەسى:جۇڭگو  ئۇيغۇرچە  رادىيو  تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-4 20:42:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن ، رەھمەت خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا .
ۋاقتى: 2015-2-4 20:50:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاگىر   پائالىيتگە  تەشكىللەش   دىگەن  پىكىر   ياغدەك  ياقتى   ماڭا   ،   بۇنىڭ   ئۈنۈمى   ئىنتايىن   زور   .   ئوقۇغۇچىلار   مۇھىت   ئالماشتۇرسا  ،  گۈزەل   شەھەرلەردىكى   مەكتەپلەرنى   كۆرسە   چوقۇم   تىرشىپ   ياخشى   ئوقۇپ   داڭلىق  ئالى   مەكتەپلەردە   ئوقۇش   ئىستىكى   قوزغالماي   قالمايدۇ  .
ۋاقتى: 2015-2-4 23:22:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن
ۋاقتى: 2015-2-5 10:54:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىنى قۇيۇپ مائاشنى ئۆستۈرسە بۇلاتتى ئەمەسمۇ !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:05:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە ئاپرىن ئامان بولۇڭ !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش