ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پەنلەر ئوقۇتۇشى > تولۇق مەزمۇنى

6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى

ۋاقىت : 2014-09-02 18:34 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : turhanjan1 | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى2-ئاينىڭ25-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : لوپا ئەينەك
ئوقۇتۇش نىشانى
  1. لوپا ئەينەك توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش
  2. ئوقۇغۇچىلارغا كۆز ئاسراش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
  3. لوپا ئەينەكنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلىۋېلىش .
مۇھىم نوقتا : لوپا ئەينەك توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش
قىيىن نوقتا : لوپا ئەينەكنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلىۋېلىش .
كۆرسەتمە : لوپا ئەينەك
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلار قول سىلىپ تەجرىبە ئىشلەيدۇ .ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، سىلەر لوپا ئەينەك كۆرۈپ باققانمۇ ؟قانداق رولى بار؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا سىلەر لوپا ئەينەك كۆرۈپ باققانمۇ ؟قانداق رولى بار دەپ سوراش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرمەن.
لوپا ئەينەك ئېلىم-پەن ئۈگىنىشىمىزدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان قۇرال .بىزكىچك نەرسىلەرنى تېخمۇ تەپسىلى كۆرمەكچى بولساق ئۇنىڭدىن پايدىلىنىمىز.
چۆرىسى نىپىز ئوتتۇرىسى قېلىن بولغان سۈزۈك ئەينەك  لوپا ئەينەك دەپ ئاتىلىدۇ .
كۈپۈنكى لىنزا لوپا ئەينەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
نېمە ئۈچۈن كۆپۈنكى لېنزا ئارقىلىق جىسىمغا قارىغاندا  جىسىم چوڭىيىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ ؟
نۇر ھاۋادىن كۈپۈنكى لىنزاغا  كىرگەندە سۇنىدو ئېگىلىدۇ ،ئەمما كىشىلەر جىسىمدىن قايتقان نۇر تۇز سىزىقلىق  تارقىلىدۇ  دەپ قارايدۇ ،شۇڭا كۆپۈنكى لېنزا ئارقىلىق جىسىمغا قارىغاندا  جىسىم چوڭىيىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ .
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
دوسكا لاھىيىسى
لوپا ئەينەك
1.كۈپۈنكى لىنزا قانداق ئەسۋاپ؟.
2.نېمە ئۈچۈن كۆپۈنكى لېنزا ئارقىلىق جىسىمغا قارىغاندا  جىسىم چوڭىيىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ؟
تاپشۇرۇق : نېمە ئۈچۈن كۆپۈنكى لېنزا ئارقىلىق جىسىمغا قارىغاندا  جىسىم چوڭىيىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى2-ئاينىڭ26-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : لوپا ئەينەكنىڭ چوڭايىتش ھەسسىلىكى
ئوقۇتۇش نىشانى
  1. لوپا ئەينەكنىڭ رولىنى ئىگەللەش
  2. ئوقۇغۇچىلارغا كۆز ئاسراش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
  3. لوپا ئەينەكنىڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋلېىش
مۇھىم نوقتا : لوپا ئەينەكنىڭ رولىنى ئىگەللەش
قىيىن نوقتا : لوپا ئەينەكنىڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋلېىش
كۆرسەتمە : لوپا ئەينەك
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلار قول سىلىپ تەجرىبە ئىشلەيدۇ .ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، سىلەر لوپا ئەينەكنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلاردىن قانداق قىلىغاندا لوپا ئەينەكتە جىسملارنى تېخىمۇ چوڭايىتقىلى بۇلىدۇ  دەپ سوراش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن
لوپا ئەينەكنىڭ چوڭايتىش دەرىجىسى نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
ئادەتتە لوپا ئەينەكنىڭ كۈپۈنكىلىك دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا جىسىمنى چوڭايتىش دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ .
لوپا ئەينەكنىڭ قانداق رۇلى بار ؟
جىمسنى چوڭايتىش ،تەسۋىر ھاسىل قىلىش ،نۇر يىغىش قاتارلىق رولى بار .
لوپا ئەينەكنىڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
لوپا ئەينەكنىڭ جىسىم بىلەن بولغان ئارلىقىۋە كۆپۈنكىلىك دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
لېزىنىڭ كۈرۈش دائىرىسى :
لېنزا ئارقىلىق كۆرگەن كۆلەم ياكى رايۇن لېنزىنىڭ كۈرۈش دائىرىسى دەپ  ئاتىلىدۇ .
چوڭايتىش ھەسسىلىكى ئوخشاش بولمىغان  لوپا ئەينەك ئارقىلىق ئوخشاش بىر جىسىمنى كۆزەتكەندە نەتىجە ئوخشاش بولمايدۇ .
چوڭايتىش ھەسسىلىكى چوڭ بولغىندا چوڭ كۆرۈنىدۇ .
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
دوسكا لاھىيىسى
لوپا ئەينەكنىڭ چوڭايىتش ھەسسىلىكى
1. لوپا ئەينەكنىڭ چوڭايتىش دەرىجىسى نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
2.لوپا ئەينەكنىڭ قانداق رولى بار ؟
تاپشۇرۇق : لوپا ئەينەكنىڭ چوڭايتىش دەرىجىسى نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى3-ئاينىڭ4-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : لوپا ئەينەك ئالدىدىكى ھاشارەت دۇنياسى
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
  1. لوپا ئەينەك ئارقىلىق ھاشارەتلەرنى كۆزىتەلەيدىغان بۇلۇش
  2. ئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىق ھاشاراتلارنى قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
  3. لوپا ئەينەكتىن پايدىلىنالايدىغان بۇلۇش
مۇھىم نوقتا : لوپا ئەينەك ئارقىلىق ھاشارەتلەرنى كۆزىتەلەيدىغان بۇلۇش
قىيىن نوقتا : لوپا ئەينەكتىن پايدىلىنالايدىغان بۇلۇش
كۆرسەتمە : لوپا ئەينەك
ئۆگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلار قول سىلىپ تەجرىبە ئىشلەيدۇ .ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
سىلەر ھاشارەت دىگەننىڭ نېملىكىنى بىلەمسىلەر ؟ھاشارەتلەرنى لوپا ئەينەكتە كۈزۈتۈپ باققانمۇ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئائىلىدە ئوقۇغۇچلارغا سىلەر ھاشارەت دىگەننىڭ نېملىكىنى بىلەمسىلەر ؟ھاشارەتلەرنى لوپا ئەينەكتە كۈزۈتۈپ باققانمۇ ؟دىگەن  سۇئال ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن
ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى ئالغاچ كەلگەن ھاشارەتلەرنى كۈزۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرىمەن .ۋە مۇھاكىمىگە تەشكىللەيمەن .
ھاشارەت دىگەن نىمە ؟
ئۇمۇمەن ئېيتقاندا ھاشارەت تەبئەت دۇنياسىدىكى تېنى كىچىك ،تەن تۈزۈلىشىنى كۆز بىلەن بىۋاستە كۆرگىلى بولمايدىغان ئەڭ كىچىك ھايۋانلارنىڭ بىرى .
مەسلەن لوپا ئەينەك ئارقىلىق ھاشارەتلەرنىڭ ئانتىنىسىنى كۈزەتسەك ئۇلارنىڭ توختىماستىن تەۋرىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز .يەنە ئوخشاش بولمىغان ھاشارەتلەر ئانتىنىسىنىڭ شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايقايمىز.
كۆكپىتىنىڭ كۈشەندىسى يېشىل يىڭناغۇچ .
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
تاپشۇرۇق :  ھاشارەت دىگەن نىمە ؟كۆكپىتىنىڭ كۈشەندىسى نىمە ؟
دوسكا لاھىيىسى
لوپا ئەينەك ئالدىدىكى ھاشارەت دۇنياسى
1. ھاشارەت دىگەن نىمە ؟
2. كۆكپىتىنىڭ كۈشەندىسى نىمە ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى3-ئاينىڭ5-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : لوپا ئەينەك ئالدىدىكى كىرىستاللار
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
  1. لوپا ئەينەك ئارقىلىق كىرىستالارنى كۆزىتەلەيدىغان بۇلۇش
  2. ئوقۇغۇچىلارغا كۆز ئاسراش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
  3. لوپا ئەينەكنىڭ رۇلىدىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بۇلۇش
مۇھىم نوقتا : لوپا ئەينەك ئارقىلىق كىرىستالارنى كۆزىتەلەيدىغان بۇلۇش
قىيىن نوقتا : لوپا ئەينەكنىڭ رۇلىدىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بۇلۇش
كۆرسەتمە : لوپا ئەينەك
ئۆگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلار قول سىلىپ تەجرىبە ئىشلەيدۇ .ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، سىلەر كىرىستال ماددىلارنىڭ شەكلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئائىلىدە ئوقۇغۇچلارنى سىلەر لوپا ئەينەكتە كىرستالارنى كۈزۈتۈپ باققانمۇ  دەپ سوراش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرمەن.
ئۇقۇغۇچىلارنى لوپا ئاينەك ئارقىلىق ئاش تۇزى ،شولتا،ئاق شېكەرلەرنى كۈزۈتۈشكە ئۇرۇنلاشتۇرىمەن .
لوپا ئەينەكنىڭ قانداق رولى بار ؟
جىمسنى چوڭايتىش ،تەسۋىر ھاسىل قىلىش ،نۇر يىغىش قاتارلىق رۇلى بار .
بىزنىڭ لوپا ئەينەكتە كۆرگىنىمىز ئاش تۇزى بىلەن شېكەر كىرىستالى .
تەبئەت دۇنياسىدا نۇرغۇن قاتتىق ماددىلار كىرىستال ھالەتتە بولىدۇ .كېرىستالنىڭ شەكلى ناھايتى قانۇنيەتلىك بولىدۇ ،بەزىلىرى كۇپ شەكىلدە بولسا بەزىلىرى پىرامىدا غا يەنە بەزىلىرى تۇتام-تۇتام يېڭنىگە ئوخشايدۇ .
بەزىلىرنىڭ كىرستالى چۇڭراق بۇلۇپ كۆزگە كۆرىنىدۇ ،بەزىلىرىنىڭ كىرستالى كىچىكرەك بۇلۇپ پەقەت لوپا ئەينەك ياكى مىكروسكوپ ئاستىدىلا ئاندىن ئۇچۇق كۆرگىلى بۇلىدۇ .
تاپشۇرۇق : لوپا ئەينەكنىڭ قانداق رولى بار ؟
دوسكا لاھىيىسى
لوپا ئەينەك ئالدىدىكى كىرىستاللار
1.لوپا ئەينەكنىڭ قانداق رۇلى بار ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى3-ئاينىڭ11-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : قانداق قىلغاندا تىخىمۇ چوڭايتقىلى بولىدۇ
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
 كۆرسەتمە : لوپا ئەينەك
ئوقۇتۇش نىشانى
1.قانداق قىلغاندا جىسىمنى تېخىمۇ چوڭايتقىلى بولىدىغانلىقنى بىلىۋېلىش
2. .ئوقۇغۇچىلارغا كۆز ئاسراش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3.ئاددى مىكروسكوپ ياسىيالايدىغان بولۇش
مۇھىم نوقتا : قانداق قىلغاندا جىسىمنى تېخىمۇ چوڭايتقىلى بولىدىغانلىقنى بىلىۋېلىش
قىيىن نوقتا : ئاددى مىكروسكوپ ياسىيالايدىغان بولۇش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلار قول سىلىپ تەجرىبە ئىشلەيدۇ .ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، كۆپۈنكى لېنزىنىڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى چەكلىك بولىدۇ ،قانداق قىلىغاندا جىمسنى تېخىمۇ چۇڭايتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
كۆپۈنكى لىنزىنىڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى چەكلىك بولىدۇ .قانداق قىلغاندا جىسىمنى تېخمۇ چوڭايتقىلى بولىدۇ ؟
ئىككى كۆپۈنكى لىنزىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا جىسىمنى تېخمۇ چوڭايتقىلى ،يەنى چوڭراق قىلىپ كۆرگىلى بولىدۇ .
17-ئەسىردە كىشىلەر ئىككى كۈپۈنكى لېنزىنى بىر لەشتۈرگەن ،بىر كۇپۇنكى لىنزا يەنە بىرىدە شەكىللەنگەن تەسۋىرنى يەنىمۇ چۇڭايتقان ،بۇنىڭ بىلەن لېنزىنىڭ چوڭايتىش ئىقتىدارى روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن،مانا بۇ دەسلەپكى مىكروسكوپتۇر .
مىكروسكوپنىڭ كەشىپ قىلىنىش ئىنسانىيەتنى مىكرو دۇنياغا باشلاپ كىردى .
مىكروسكوپنىڭ كەشىپ قىلىنىش ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى تونۇشىدىكى چوڭ سەكرەش ھېساپلىنىدۇ .ئۇ ئىنسانىيەتنى يىپيېڭى دۇنياغا باشلاپ كىردى .تېخمۇ كىچىك جىسىملارنى كۆرۈش ئۈچۈن كىشىلەر يەنەئېلىكتىرونلۇق مىكروسكوپ ۋە تەسۋىر سىرىغۇچ تونېللىق مىكروسكوپلارنى ياسىدى.ھازىرقى ئېلىكتىرونلۇق مىكروسكۇپلا جىسمنى 2مىليۇن ھەسسە چوڭايتالايدۇ .
دوسكا لاھىيىسى
1. قانداق قىلغاندا جىسىمنى تېخمۇ چوڭايتقىلى بولىدۇ ؟
ئىككى كۆپۈنكى لىنزىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا جىسىمنى تېخمۇ چوڭايتقىلى ،يەنى چوڭراق قىلىپ كۆرگىلى بۇلىدۇ .
تاپشۇرۇق :  قانداق قىلغاندا جىسىمنى تېخمۇ چوڭايتقىلى بولىدۇ ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ ئەتراپتىكى ھاياتلىق دۇنياسىنى تەتقىق قىلىش
ئوقۇتۇش نىشانى
1. مىكروسكوپ ئارقىلىق جىسملارنى كۈزىتەلەيدىغان بولۇش
2. .ئوقۇغۇچىلارغا كۆز ئاسراش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ ئەتراپتىكى ھاياتلىق دۇنياسىنى كۆزىتىپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارالايدىغان بولۇش
مۇھىم نوقتا : مىكروسكوپ ئارقىلىق جىسملارنى كۈزىتەلەيدىغان بولۇش
قىيىن نوقتا : مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ ئەتراپتىكى ھاياتلىق دۇنياسىنى كۆزىتىپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارالايدىغان بۇلۇش
كۆرسەتمە : مىكروسكوپ
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلار قول سىلىپ تەجرىبە ئىشلەيدۇ .ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ ئەتىراپتىكى ھاياتلىق دۇنياسىنى كۆزىتىپ باقامدۇق؟
ئوقۇتۇش جەريانى
 ئوقۇغۇچىلارغا مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ ئەتىراپتىكى ھاياتلىق دۇنياسىنى كۆزىتىپ باققاندا نېمىلەرنى بىلگىلى بولار ؟  دىگەن سوئال ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
جانلىقلەر ھۇجەيرىدىن تۈزۈلگەن.
باكتىرىيە ناھايتى كىچىك بولۇپ ئۇنى بىر قانچە يۈز ھەسسە ھەتتا  بىر قانچە مىڭ ھەسسىلىك مىكروسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدۇ .ئەمما بىز ئۇنىڭ كولۇنيىسىنى كۆرەلەيمىز .
نۇرغۇن باكتىريە توپلىشىپ كولۇنيىنى ھاسىل قىلىدۇ .
مىكروسكوپ بىلەن كۈزىتىلىدىغان جىسىمغا نىسپەتەن بەلگىلىك تەلەپ بولىدۇ .جىسىمنىڭ ئۇششاق تۈزۈلۇشىنى پرېپارات قىلىپ تەييارلانغاندىلا ئاندىن مىكروسكوپتا ئېنىق كۆزەتكىلى بولىدۇ .
ئەسلىدە قولىمىزدا نۇرغۇن باكتىريە بار ئىكەن .شۇڭا دائىم يۇيۇپ تۇرساق بولغۇدەك
كۆزىتىشتىن ئىلگىرى ئىشلىنىدىغان تەييارلىق خىزمەتلەر قايسى ؟
ماتىريال ئەسۋاپلارنى تەييارلاش،ئەۋرىشكە يىغىش،ئۆستۈرۈش ،پرېپارات ياساش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن .
دوسكا لاھىيىسى
1.باكتىريە دىگەن نېمە ؟قانداق كۆرىمىز؟
باكتىرىيە ناھايتى كىچىك بولۇپ ئۇنى بىر قانچە يۈز ھەسسە ھەتتا  بىر قانچە مىڭ ھەسسىلىك مىكروسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بۇلىدۇ .ئەمما بىز ئۇنىڭ كولۇنيىسىنى كۆرەلەيمىز .
تاپشۇرۇق : باكتىريە دىگەن نېمە ؟قانداق كۆرىمىز؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى3-ئاينىڭ18-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ نىمىلەرنى بايقىدۇق
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. مىكروسكوپ ئارقىلىق جىسملارنى كۈزىتەلەيدىغان بولۇش
2. .ئوقۇغۇچىلارغا كۆز ئاسراش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ ئەتراپتىكى ھاياتلىق دۇنياسىنى كۆزىتىپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارالايدىغان بولۇش
مۇھىم نوقتا : مىكروسكوپ ئارقىلىق جىسملارنى كۈزىتەلەيدىغان بولۇش
قىيىن نوقتا : مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ ئەتراپتىكى ھاياتلىق دۇنياسىنى كۆزىتىپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارالايدىغان بۇلۇش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلار قول سىلىپ تەجرىبە ئىشلەيدۇ .ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىدۇ
كۆرسەتمە : مىكروسكوپ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، كۆزىتىشتىن ئىلگىرى قايسى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيمىز ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
ئوقۇغۇچىلارغا مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ ئەتراپتىكى ھاياتلىق دۇنياسىنى كۆزىتىپ باققاندا نېمىلەرنى بىلگىلى بولار ؟ مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ نېملەرنى بايقىدۇق  دىگەن سوئال ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆزەتكىنىگە ئاساسەن ھەرخىل جاۋاپلارنى بېرىدۇ .
يەنى :مەن گۈل چېڭىنىڭ بىخلانغانلىقىنى كۆردۇم .مەن كۆكەرتكۈچى باكتىريەنى كۆردۇم.مەن ھۇجەيرىلەرنى كۆردۇم ،مەن باكتىريەلەرنى كۆردۇم .مەن ياقۇتگۈلنىڭ قورغاقچىلىققا چىداملىقلىقىنىڭ سىرىنى بىلدىم دىگەندەك جاۋاپلارنى بېرىدۇ .
ئورگانىزىملارنىڭ ھەممىسى ھۇجەيرىدىن تۈزىلىدۇ .ئەنگىليە فىزىكا ئالىمى روبېرت خوك  تۈنجى بۇلۇپ <<ھۆجەيرە>>مى بايقىدى ۋە مۇشۇ نامنى ئوتتۇرغا قويدى .
قۇلىمىزنى كۆزىتىدىغان بولساق قۇلىمىزدا نۇرغۇن باكتىريە بار ئىكەن .شۇڭا دائىم يۇيۇپ تۇرساق بولغۇدەك .بىز مىكروسكوپتا كۆزىتىش ئارقىلىق سۇدا بەزى مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ياشايدىغانلىقى ،بېلىقداندىكى سۇنىڭ يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىشى ئەسلىدە يېشىل يۈسۈنلەرنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىىكىنى بىلدۇق .
قىسقىسى بىز مېكروسكوپتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن كىچىك جانلىقلارنى بايىقىدۇق.
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
دوسكا لاھىيىسى
مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ نىمىلەرنى بايقىدۇق
1. بېلىقداندىكى سۇنىڭ يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىشى نېمە سەۋەپتىن ؟
بىز مىكروسكوپتا كۆزىتىش ئارقىلىق سۇدا بەزى مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ياشايدىغانلىقى ،بېلىقداندىكى سۇنىڭ يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىشى ئەسلىدە يېشىل يۈسۈنلەرنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىىكىنى بىلدۇق .
تاپشۇرۇق : بېلىقداندىكى سۇنىڭ يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىشى نېمە سەۋەپتىن ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى3-ئاينىڭ19-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : مىكرو دۇنيا ۋە بىز
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1.ئېنسانلارنىڭ مىكرو دۇنيانى تەكشۇرۇش جەريانىدا نېمىلەرنى بايقىغانلىقىنى بىلىش
2.ئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىق ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنى قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3.مىكروسكوپتىن پايىدىلىنىپ جىسىملارنى تەكشۈرەلەيدىغان بولۇش
مۇھىم نوقتا : ئېنسانلارنىڭ مىكرو دۇنيانى تەكشۇرۇش جەريانىدا نېمىلەرنى بايقىغانلىقىنى بىلىش
قىيىن نوقتا : مىكروسكوپتىن پايىدىلىنىپ جىسىملارنى تەكشۈرەلەيدىغان بولۇش
ئۆگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلار دىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .
ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
كۆرسەتمە : مىكروسكوپ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار،بىز مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ نېملەرنى بايقىدۇق؟
ئوقۇتۇش جەريانى
ئوقۇغۇچىلارغا مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ ئەتراپتىكى ھاياتلىق دۇنياسىنى كۆزىتىپ باققاندا نېمىلەرنى بىلگىلى بۇلار ؟ مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ نېملەرنى بايقىدۇق  دىگەن سۇئال ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
مىكروسكوپ كەشىپ قىلىنشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار كۆزى ،قۇلىقى بۇرنى ،تىلى ۋە بەدىنىدىن ئىبارەت بەش خىل سەزگۈ ئەزاسىغا تايىنىپ دۇنيانى تەتقىق قىلىغان ۋە بىلگەن ،ئۇچاغدا كىشىلەرنىڭ بايقايدىغىنى پەقەت چۈمۈلە قاتارلىق ئەڭ كىچىك ھاشارەتلەر دۇنياسى ئىدى .لوپا ئەينەك ۋە مىكروسكوپنىڭ كەشىپ قىلىنىش ئىنسانلارغا مىكرو دۇنيانىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەردى ،بىر قانچە يۈز يىلدىن بۇيان ئىنسانلار مىكرو دۇنيانى كۈزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشتا ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .
مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا زىيانلىق بۇلامدۇ ؟
مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا زىيانلىق بۇلىۋەرمەيدۇ .نۇرغۇن مىكرو ئورگانىزىملار ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولۇپلاقالماستىن بەلكى بىز ئۇلاردىن ئايرىلالمايمىز.مەسلەن :مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ ھاراق ،ئاچچىقسۇ ،چىلىغان سەي ،دۇفۇ بوتقىسى ،قېتىق قاتارلىق تەمى ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىمىز .
تۇپراقتىكى مىكرو ئورگانىزىملار ھايۋانلارنىڭ تاپىلىرى ،ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ ئۇلارنى ئۆسۈملۈك ئېھتىياجلىق ئۇزۇقلۇققا ئايلاندۇرىدۇ.
ئالىملار لوپا ئەينەك ۋە مىكروسكوپ ئارقىلىق  ئۇرۇق تاللايدۇ ،سورت يېتىشتۇرىدۇ ياكى زىرائەتلەرنى شالغۇتلاشتۇرىدۇ .بۇ ئارقىلىق ئۇلار نۇرغۇن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتنى ئۆستۈردى .
تۇپراقتىكى مىكرو ئورگانىزىملار ھايۋانلارنىڭ تاپىلىرى ،ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ ئۇلارنى ئۆسۈملۈك ئېھتىياجلىق ئۇزۇقلۇققا ئايلاندۇرىدۇ.
مىكرو فىلىم تېخنىكىسى  مىكرو ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىىلەرنى ياساش كەسپىنى ئىلگىرى سۈردى ،ئالىملار ھەرىنىڭ بەدىنىگە بىر مىكرو ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىننى  ئورنىتىپ ھەرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىدى .
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
دوسكا لاھىيىسى
مىكرو دۇنيا ۋە بىز
1.مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا زىيانلىق بولامدۇ ؟
2.مىكروسكوپ كەشىپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئېنسانلانىڭ ئەھۋالى قانداق ئىدى ؟
تاپشۇرۇق : مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا زىيانلىق بولامدۇ ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى3-ئاينىڭ25-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : بىر ئەخلەت كۆمۈش مەيدانى قۇرايلى
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1.ئەخلەتنى قانداق بىرتەرەپ قىلغاندا ياخشى بۇلىدىغانلىقىنى بىلىۋىلېىش
2. ئەخلەت كۈمۈش مەيدانى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ،مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلۈش
3.ئەخلەتنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
مۇھىم نوقتا : ئەخلەتنى قانداق بىرتەرەپ قىلغاندا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋىلېىش
قىيىن نوقتا : ئەخلەتنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، ئەخلەت دۆۋىسىدە نېمىلەر بار؟ئەخلەتتىن پايدىلانغىلى بۇلامدۇ ؟قانداق بىر تەرەپ قىلساق ئەخلەتنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بۇلىدۇ ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئەخلەت دۆۋىسىدە نېمىلەر بار؟ئەخلەتتىن پايدىلانغىلى بولامدۇ ؟قانداق بىر تەرەپ قىلساق ئەخلەتنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بۇلىدۇ ؟دىگەن سۇئاللار ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
بىز ھەركۈنى  يېمەكلىك ،قەغەز ۋە ھەرخىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلتىمىز ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئەخلەت چىقىرىمىز .
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئائىللەردىن چىققان ئەخلەتلەردىن باشقا كارخانا ،مەكتەپ ۋە جەميەتتە ھەركۈنى قەغەز قۇتا ،كۆكتات شۆپۈكى  تۈرىدىكى نۇرغۇن قاتتىق ئەخلەتلەر چىقىرلىدۇ .
قاتتىق ئەخلەت يەنە قۇرۇلۇش ئەخلىتى، بەزى دېھقانچىلىق ئەخلىتى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
بىز ئادەتتە كۆپرەك ئەخلەتنى ئورەك كولاپ كۆمۈش ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىمىز بۇخىل ئۇسۇل مۇۋاپىقمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلار ئويلىغىنى بويىچە جاۋاپ بېرىدۇ .
ئۇنداقتا ئەڭ ياخشى ئەخلەت كۆمۈش مەيدانى قانداق بۇلىدۇ ؟ ئوقۇغۇچىلار ئويلىغىنى بويىچە جاۋاپ بېرىدۇ .
كۆيدۇرۇشمۇ ئەخلەت بىرتەرەپ قىلىنشىڭ بىرخىل ئۇسۇلى كۆمۈش ئۇسۇلىغا قارىغاندا بۇخىل ئۇسۇلدا قانداق ئارتۇقچىلىق ۋە مەسلە بار؟
مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن سىز قانداق قىلماقچى ؟ ئوقۇغۇچىلار ئويلىغىنى بويىچە جاۋاپ بېرىدۇ .
ئاخىردا دەرسنى خۇلاسىلاپ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق توغرىسىدا تەربىيەبېرىپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن .
دوسكا لاھىيىسى
1. كۆمۈش ئۇسۇلىغا قارىغاندا كۆيدۇرۇش ئۇسۇلىدا قانداق ئارتۇقچىلىق ۋە مەسلە بار؟
2.مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن سىز قانداق قىلماقچى ؟
تاپشۇرۇق : سىزئەخلەتلەنى قانداق تۈرلەرگە ئايرىيسىز؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى3-ئاينىڭ26-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : تاشلاشنى ئازايتىش ۋە قايتا پايدىلىنىش
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1.ئەخلەتنىڭ تۇرمۇشقا بولغان زىيىننى تونۇپ يېتىش
2.ياخشى بىر مۇھىت ئاسىرغۇچىلادىن بولۇپ چىقىش
3.ئەخلەت مەسلىسىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش
مۇھىم نوقتا : ئەخلەتنىڭ تۇرمۇشقا بولغان زىيىننى تونۇپ يېتىش
قىيىن نوقتا : ئەخلەت مەسلىسىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، قانداق بىر تەرەپ قىلساق ئەخلەتنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە قانداق بىر تەرەپ قىلساق ئەخلەتنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟ئەخلەت مەسلىسنى بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قايسى ؟دىگەن  سۇئاللار ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
ئەخلەت مىقدارىنى ئازايتىش مەسلىنى مەنبەسىدىن ھەل قىلىش چارىسى ھېساپلىنىدۇ .
ئۇنداقتاكۈندىلىك تۇرمۇشتا قايسى ئەخلەتلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ ؟
ئوقۇغۇچىلار ئويلىغىنى بويىچەجاۋاپ بېرىدۇ
قايتا پايدىلىنىش دېگىنىمىز :ئىشلىتىپ بولغان نەرسىدىن باشقا بىرئۇسۇلدا پايدىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ .ئۇ ئەخلەت مىقدارىنى ئازايتىشنىڭ مۇھىم چارىسى .
تۇرمۇشتا قايسى نەرسىلەردىن قايتا پايدىلانغىلى بولىدۇ ؟ ئوقۇغۇچىلار ئويلىغىنى بويىچە جاۋاپ بېرىدۇ
 ئاخىردا دەرسنى خۇلاسىلاپ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق توغرىسىدا تەربىيەبېرىپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن .
دوسكا لاھىيىسى
تاشلاشنى ئازايتىش ۋە قايتا پايدىلىنىش
1.قايتا پايدىلىنىش دىگەن نېمە ؟
قايتا پايدىلىنىش دېگىنىمىز :ئىشلىتىپ بولغان نەرسىدىن باشقا بىرئۇسۇلدا پايدىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ .ئۇ ئەخلەت مىقدارىنى ئازايتىشنىڭ مۇھىم چارىسى .
2.تۇرمۇشتا قايسى نەرسىلەردىن قايتا پايدىلانغىلى بۇلىدۇ ؟
تاپشۇرۇق : قايتا پايدىلىنىش دىگەن نېمە ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى4-ئاينىڭ1-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : ئەخلەتتىن يىغىپ پايدىلىنىش
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1.ئەخلەتنىڭ تۈرمۇشقا بولغان زىيىننى تۇنۇپ يېتىش
2.ياخىشى بىر مۇھىت ئاسىرغۇچىلادىن بۇلۇپ چىقىش
3.ئەخلەتنى يىغىپ پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
مۇھىم نوقتا : ئەخلەتنىڭ تۈرمۇشقا بولغان زىيىننى تۇنۇپ يېتىش
قىيىن نوقتا : ئەخلەتنى يىغىپ پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
كۆرسەتمە : قىستۇرما رەسىملەر ،ئەخلەت
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، ئەخلەت مەسلىسنى بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قايسى ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە يىغىۋىلىپ پايدىلانغىلى بولىدىغان كۆپىنچە نەرسىلەر قايسى خىل ماتىرىياللاردىن ياسالغان ؟ئۇلار ئادەتتە نەدىن كىلىدۇ ؟ئەخلەت مەسلىسنى بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قايسى ؟دىگەن  سۇئاللار ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
ئەخلەت مىقدارىنى ئازايتىش مەسلىسىنى مەنبەسىدىن ھەل قىلىش چارىسى ھېساپلىنىدۇ .
بىز بەزى ماتىرياللارنى ئىشلتىشنى ئازايتىقا ئامالسىز قالغاندا ئەخلەت تەركىبىدىكى بۇ خام ماتىرياللارنى يىغۋالساق ھەمدە ئۇلارنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ پايدىلانساق بولىدۇ ،بۇنداق قىلغاندا ئەخلەتلەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتقىلى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى نۇرغۇن تەبئى بايلىقلارنى تېجىگىلى  بۇلىدۇ .
سىزقايسى خىل شەكىلدىكى يىغۋېلىش ئورنى قۇرماقچى ؟ئۇقۇغۇچىلار ئويلىغىنى بۇيىچە جاۋاپ بېرىدۇ .
ئەخلەت مەسلىسنى ھەل قىلىنشىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل سېستىمىلىق لاھيەسى قايسى قىسملارنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ؟سەۋبى نېمە؟بۇتوغرىدا مۇھاكىمىگە تەشكىللىنىدۇ.
 ئاخىردا دەرسنى خۇلاسىلاپ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق توغرىسىدا تەربىيەبېرىپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن .
دوسكا لاھىيىسى
1.سىز قايسى خىل شەكىدىكى يىغۋېلىش ئورنى قۇرماقچى؟
2.ئەخلەت مەسلىسنى ھەل قىلىشنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل سېستىمىلىق لاھيەسى قايسى قىسملارنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ؟سەۋبى نېمە؟
تاپشۇرۇق : سىزئەخلەتلەنى قانداق تۈرلەرگە ئايرىيسىز؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى4-ئاينىڭ2-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : تۈرگە ئايرىش ناھايىتى ئاددى
 
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
 
مەزمۇنى :28-بەت2.باپ 5. تۈرگە ئايرىش ناھايىتى ئاددى
 
ئوقۇتۇش نىشانى
1.ئەخلەتنى يىغىپ پايدىلىنىش ۋە تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
2.ياخىشى بىر مۇھىت ئاسىرغۇچىلادىن بۇلۇپ چىقىش
3.ئائىلىدە ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلشنى ئۈگۈنۋېلىش
 
مۇھىم نوقتا : ئەخلەتنى يىغىپ پايدىلىنىش ۋە تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
قىيىن نوقتا : ئائىلىدە ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلشنى ئۈگۈنۋېلىش
 
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
 
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، ئەخلەت مەسلىسنى بىرتەرەپ قىلىنشىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قايسى؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە  ئەخلەت مەسلىسنى بىرتەرەپ قىلىنشىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قايسى ؟دىگەن  سۇئاللار ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
كىشىلەر ھازىرشۇنى تۇنۇپ يەتتىكى بۇ دۇنيادا پەقەت خاتا قۇيۇلۇپ قالغان بايلىق باركى ھەرگىز ئەخلەت يوق ،قاتتىق ئەخلەتلەرگە  نىسپەتەن پۈتۈن دۇنيادا  ئۇمۇميۇزلۈك ئازايتىش ،قايتا پايدىلىنىش ۋە يىغىۋېلىنىپ قايتاپايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئۇسۇل قوللىنىلماقتا
بۇ نوقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتاتۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئارلاشتۇرۇپ قاچىلايدىغان كونا ئادەتنى ئۆزگەرتىش ،تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش ۋە ئايرىم قاچىلاش كېرەك .بۇ ھەربىر پۇقرانىڭ ئۆتەشكەتىگىشلىك مەجبۇريىتى .
زەھەرلىك زىيانلىق ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئالاھىدە دىقققەت قىلىش كېرەك .بۇ خىل ئەخلەتلەر يەر ئاستىغا كۆمۋېتىلسە تۇپراق ۋە يەر  ئاستى سۈيى بۇلغىنىدۇ .كۆيدۇرۋېتىلسە ئاتمۇسفىرا بۇلغىنىدۇ .ئادەم زەھەرلىك ،زىيانلىق ئەخلەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۈچرىسا ھەرخىل كېسەللەرگە گىرپتار بۇلىدۇ ھەتتا ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدۇ .
قانداق قىلساق يېزا-بازار، مەكتەپلىرىمىزنى پاكىزە گۈزەل جايغا ئايلاندۇرالايمىز؟
 ئاخىردا دەرسنى خۇلاسىلاپ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق توغرىسىدا تەربىيەبېرىپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن .
 
دوسكا لاھىيىسى
 
1.قانداق قىلساق يېزا-بازار، مەكتەپلىرىمىزنى پاكىزە گۈزەل جايغا ئايلاندۇرالايمىز؟
2.زەھەرلىك زىيانلىق ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
 
كۆرسەتمە : قىستۇرما رەسىملەر ،ئەخلەت
تاپشۇرۇق : زەھەرلىك زىيانلىق ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى4-ئاينىڭ8-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : دۇنيا دۇچ كىلىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. مۇھىت مەسىلىسى بىلەن ئېنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش
2.ياخىشى بىر مۇھىت ئاسىرغۇچىلادىن بۇلۇپ چىقىش
3.مۇھىت ئاسراش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش
مۇھىم نوقتا : مۇھىت مەسىلىسى بىلەن ئېنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش
قىيىن نوقتا : مۇھىت ئاسراش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، مۇھىتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نىسبەتەن قانداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ،مۇھىتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نىسبەتەن قانداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ سۇئاللار ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
ھازىر دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسى نېمە ؟
ھازىر ئىنسانلار ئەخلەت مەسلىدىن باشقا سۇ يتىشمەسلىك ،يەر شارى خارەكتىرلىك ئسسىپ كتىش ،قۇملىشىپ كېتىش ،شورلىشىپ كېتىش ،ئوزۇن قەۋىتىنىڭ بۇزۇلىشى قاتارلىق مەسىللەرگە دۈچ كىلۋاتىدۇ.
قانداق قىلغاندا مۇھىت ئاسراش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز؟
نۇرغۇن مۇھىت مەسىللىرىنى ئىنسانلار پائالىيتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ،ئەمما ئىنسانلار پائالىيتى ئۆز نۆۋىتىدە مۇھىتنى ياخشىلىيالايدۇ.يەنى مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەندە ،ھەرقايسى دۆلەتتىكى كىشىلەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ ئۆز يۇرتلىرىنى قوغدىغاندا مۇھىت ئاسراش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
قانداق قىلساق يېزا-بازار، مەكتەپلىرىمىزنى پاكىزە گۈزەل جايغا ئايلاندۇرالايمىز؟
ئاخىردا دەرسنى خۇلاسىلاپ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق توغرىسىدا تەربىيەبېرىپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن .
دوسكا لاھىيىسى
1.ھازىر دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسى نېمە ؟
ھازىر ئىنسانلار ئەخلەت مەسلىدىن باشقا سۇ يتىشمەسلىك ،يەر شارى خارەكتىرلىك ئسسىپ كتىش ،قۇملىشىپ كېتىش ،شورلىشىپ كېتىش ،ئوزۇن قەۋىتىنىڭ بۇزۇلىشى قاتارلىق مەسىللەرگە دۈچ كىلۋاتىدۇ.
تاپشۇرۇق : ھازىر دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسى نېمە ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى4-ئاينىڭ9-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : يۇرتىنىڭ مۇھىتىنى تەكشۈرۈش
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1.ھازىر دۇنيانىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسنى بىلىپ چىقىش
2.گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىش
3.مۇھىت مەسلىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش
مۇھىم نوقتا : ھازىر دۇنيانىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسنى بىلىپ چىقىش
قىيىن نوقتا : مۇھىت مەسلىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، سىزنىڭ يۇرتىڭىزنىڭ سۈيى بۇلغانغانمۇ؟نىملەرنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغانغان؟بۇ خىل بۇلغىنىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە سىزنىڭ يۇرتىڭىزنىڭ سۈيى بۇلغانغانمۇ؟نىملەرنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغانغان؟بۇ خىل بۇلغىنىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟ سۇ بايلىقىنى بۇلغايدىغان ماددىلار قايسىلار؟دىگەن  سۇئاللار ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
سىزنىڭ يۇرتىڭىزنىڭ سۈيى بۇلغانغانمۇ؟نىملەرنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغانغان؟بۇ خىل بۇلغىنىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟بۇتوغرىسىدائۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرنى بايان قىلىدۇ .
يۇرتىمىزنىڭ سۈيى بۇلغانغان .يەنى كىشلەرنىڭ سۇ يوللىرىغا ھەرخىل ئەخلەت،يۇندىلارنى تۈكىشى، سانائەتتىن چىققان كىرەكسىز سۇلارنىڭ سۇ يوللىرىغا قۇيۇپ بىرىلىشى ،قالايمىقان بوزيەر ئېچىپ يېپىنچا ئۈسۈملۈكلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش سەۋەبىدىن بۇلغانغان.بۇخىل بۇلغىنىشنىڭ زىيىنى بولسا ئۈسۈملۈكلەرنىڭ نۇرمال ئۈسۈشىگە،قۇملىشىش ۋە شورلىشىپ كىتىش ئاپىتىنى كەلتۈرىش،ئادەمنىڭ نۇرمال ئۈسۈپ يىتىلىشىگە زىيىنى ناھايتى ئېغىر.
ئاخىردا دەرسنى خۇلاسىلاپ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق توغرىسىدا تەربىيەبېرىپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن .
دوسكا لاھىيىسى
1.سىزنىڭ يۇرتىڭىزنىڭ سۈيى بۇلغانغانمۇ؟نىملەرنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغانغان؟بۇ خىل بۇلغىنىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟
كۆرسەتمە : قىستۇرما رەسىملەر
تاپشۇرۇق : سىزنىڭ يۇرتىڭىزنىڭ سۈيى بۇلغانغانمۇ؟نىملەرنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغانغان؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى4-ئاينىڭ15-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : ئۆسۈملۈك قاتىلى ،بىزنىڭ مۇھىت ئاسرش ھەركىتىمىز
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قاتىلىنىڭ كىملىكىنى بىلىۋىلېىش
2.گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىش
3.مۇھىت مەسلىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش
مۇھىم نوقتا : ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قاتىلىنىڭ كىملىكىنى بىلىۋىلېىش
قىيىن نوقتا : مۇھىت مەسلىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، بىز مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن قانداق قىلساق بولار ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
ئۆسۈملۈكنىڭ قاتىلى نىمە؟
ئاپتۇموبىل ۋە زاۋۇتلاردىن چىققان كىرەكسىز گاز ۋە بۇلغانما سۇلار،كىسلاتالىق يامغۇر ۋە تۈرلۈك زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ كۈپۈيىپ كىتىشى قاتارلىقلار.
ئۆزىگىزنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەركەت پىلانىڭىزنى يېزىپ بېقىڭ؟
ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىنرىڭ پىلانلىرنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ .
<1>ھەرقانداق ۋاقىتتا سۇنى تىجەپ ئىشلىتىمەن.
<2>سۇلياۋ خالتىلارنى ئاز ئىشلىتىمەن.<3>بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان ئىستىكان ۋە چوكىلارنى ئاز ئىشلىتىمەن.<4>ئامال قىلىپ ۋېلسىپىت مىنىمەن ياكى پىيادە ماڭىمەن.<5>توكنى تىجەپ ئىشلىتىمەن.<6>كىرەكسىز بۇيۇملارنى تۈرلەر بۇيىچە ئايرىپ قۇيىمەن.<7>مۇھىت ئاسراش پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىمەن.
ئاخىردا دەرسنى خۇلاسىلاپ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق توغرىسىدا تەربىيەبېرىپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن .
دوسكا لاھىيىسى
1.ئۆسۈملۈكنىڭ قاتىلى نىمە؟
2. ئۆزىگىزنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەركەت پىلانىڭىزنى يېزىپ بېقىڭ؟
تاپشۇرۇق : ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەركەت پىلانىڭىزنى يېزىپ بېقىڭ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى4-ئاينىڭ16-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : يەرشارىنىڭ ھەمراھى ئاي شارى
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1.ئاي شارى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3.يەرشارى بىلەن ئاي شارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش
مۇھىم نوقتا : ئاي شارى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش
قىيىن نوقتا : يەرشارى بىلەن ئاي شارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، ئاي شارى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟
ئوقۇتۇش جەريانى
ئاي شارى يەر شارىنىڭ ھەمرايى .ئۇ دائىم يەرشارىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدۇ.ئۇ يەرشارىغا ئەڭ يېقىن ئاسمان جىسمى .
1969-يىلى 7-ئايدا ئامرىكىنىڭ <<ئاپوللو 11>>ناملىق ئادەملىك ئالەم كىمىسى ئاي شارىغا مۇۋاپىقيەتلىك قوندى.ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قەدىمى ئاي شارىغا بېسىلدى.
ئاي شارىنىڭ دىئامىتىرى يەر شارى دىئامىتىرىنىڭ تەخمىنەن 4/1گە توغرا كىلىدۇ.
ئاي شارىنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن 80/1گە توغرا كىلىدۇ.
ئاي شارىنىڭ ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ تەخمىنەن 49/1گە توغرا كىلىدۇ.
ئاي شارىنىڭ تارتىشىش كۈچى يەر شارى تارتىشىش كۈچىنىڭ تەخمىنەن 6/1گە توغرا كىلىدۇ.
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
دوسكا لاھىيىسى
1.ئاي شارى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟
ئاي شارى يەر شارىنىڭ ھەمرايى .ئۇ دائىم يەرشارىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدۇ.ئۇ يەرشارىغا ئەڭ يېقىن ئاسمان جىسمى . ئاي شارىنىڭ دىئامىتىرى يەر شارى دىئامىتىرىنىڭ تەخمىنەن 4/1گە توغرا كىلىدۇ.ئاي شارىنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن 80/1گە توغرا كىلىدۇ.ئاي شارىنىڭ ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ تەخمىنەن 49/1گە توغرا كىلىدۇ.ئاي شارىنىڭ تارتىشىش كۈچى يەر شارى تارتىشىش كۈچىنىڭ تەخمىنەن 6/1گە توغرا كىلىدۇ.
تاپشۇرۇق : ئاي شارى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى4-ئاينىڭ22-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : ئاي فازىسىنىڭ ئۆزگىرىشى
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. ئاي فازىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3.ئاي فازىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ قانۇنيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىگەللەش
مۇھىم نوقتا : ئاي فازىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش
قىيىن نوقتا : ئاي فازىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ قانۇنيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىگەللەش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، سىلەر ئاي فازىسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
ئاي فازىسى دىگەن نېمە ؟ئاي فازىسىننىڭ ئۆزگىرىشى قانۇنيەتلىك بۇلامدۇ؟دىگەن سۇئاللار ئاساسىدا مۇھاكىمىگە تەشكىللەيمەن.
ئاي شارىنىڭ يۇملاق ھەم كەمتۈك بولۇپ ئۆزگۈرۈش جەريانىدىكى ھەرخىل شەكىللىرى ئاي فازىسى دىيلىدۇ.ئاي فازىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى قانۇنىيەتلىك بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنى ئاي فازىسىنى كۈزۈتۈشكە ئۇرۇنلاشتۇرىمەن ۋە كۆزەتكىنىگە ئاساسەن ئاي فازىسىننىڭ ئۆزگىرىشى قانۇنيەتلىك بولامدۇ؟قانداق قانۇنيىتى بار؟ئاينىڭ كىيىنكى يېرىمىدا  ئاي فازىسى قانداق ئۆزگىرىدۇ؟دىگەن سۇئاللار ئاساسىدا مۇھاكىمىگە تەشكىللەيمەن .ئۇقۇغۇچىلار كۈزەتكىنىگە ئاساسەن ئۆزلىرى ئويلىغانلىرنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ .ئاخىردا تۆۋەندىكىدەك ئۇمۇملاشتۇرۇپ بېرىمەن .
ئاي فازىسىننىڭ ئۆزگىرىشى قانۇنيەتلىك بۇلامدۇ؟ ئاي فازىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى قانۇنىيەتلىك بۇلىدۇ.يەنى قانۇنيىتى بولسا 15كۈندە ئىچىدە ئاي تۇلۇق تۇلۇپ بولغاندىن كىيىن 16كۈندىن باشلاپ بارا-بار اكەمتۈكلىشىپ 30-كۈنىگە كەلگەندە ئاي كۈرۈنمەيدۇ.يڭى ئايدىن تارتىپ يەنە ھىلال شەكلىدە ناھايىتى كىچىك كۈرۈنىدۇ،كىيىن بارا-بارا چۇڭىيىپ 15-كۈگىچە تۇلۇق تۇلۇپ بۇلىدۇ.
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
دوسكا لاھىيىسى
1. ئاي فازىسى دىگەن نىمە؟
ئاي شارىنىڭ يۇملاق ھەم كەمتۈك بۇلۇپ ئۆزگۈرۈش جەريانىدىكى ھەرخىل شەكىللىرى ئاي فازىسى دىيلىدۇ.
تاپشۇرۇق : ئاي فازىسىننىڭ ئۆزگىرىشى قانۇنيەتلىك بۇلامدۇ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى4-ئاينىڭ23-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : ھالقىسىمان تاغ ياسايلى
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1.ئاي شارىنىڭ يەرشەكلى ئالاھىدىلىكى بىلەن تۇنۇشۇش
2. ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ
3.ھالقىسىمان تاغ ياساپ بېقىش
مۇھىم نوقتا : ئاي شارىنىڭ يەرشەكلى ئالاھىدىلىكى بىلەن تۇنۇشۇش
قىيىن نوقتا : ھالقىسىمان تاغ ياساپ بېقىش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، ئاي شارىنىڭ يەر شەكلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى كىتاپتىكى كۆرسەتمە رەسمنى كۈزۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرىمەن .شۇ ئاساستا ئاي شارىدىكى ھالقىسىمان تاغ قانداق شەكىللەنگەن دىگەن تېما ئاستىدا مۇھاكىمىگە تەشكىللەيمەن.
ئاي شارىنىڭ يەر شەكىلى ئالاھىيدىلىكى قانداق؟
ئاي شارى يەرشەكلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى نۇرغۇن چوڭ كىچىك ھالقىسىمان تاغلارنىڭ تارقالغانلىقىدا ،ھالقىسىمان تاغلارنىڭ كۆپۈنچىسى يۇملاق كېلىدۇ .چوڭ ھالقىلار كىچىك ھالقىلارنى  ئورىغانلىرىمۇ بار.ھالقىسىمان تاغلارنىڭ بەزىلىرنىڭ دىئامىتىرى 1كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى ھالقىسىمان تاغ ياساپ بۇنىڭدىكى ھالقىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ئۈستىدە مۇھاكىمىگە تەشكىللىنىدۇ .
ئاي شارىدىكى ھالقىسىمان تاغلار قانداق شەكىللەنگەن؟
ئاي شارىدىكى ھالقىسىمان تاغلار ئۇزاقتىن بۇيان ئاقار يۇلتۇز ۋە مېتېئورىتلارنىڭ ئاي شارىغا سوقۇلىشىدىن شەكىللەنگەن.
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
دوسكا لاھىيىسى
1.ئاي شارىدىكى ھالقىسىمان تاغلار قانداق شەكىللەنگەن؟
ئاي شارىدىكى ھالقىسىمان تاغلار ئۇزاقتىن بۇيان ئاقار يۇلتۇز ۋە مېتېئورىتلارنىڭ ئاي شارىغا سۇقۇلىشىدىن شەكىللەنگەن.
تاپشۇرۇق : ئاي شارى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى4-ئاينىڭ29-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇش
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنىڭ قانداق شەكىلللەنگەنلىكىنى بىلىۋېلىش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3.كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بۇلۇش
مۇھىم نوقتا : كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنىڭ قانداق شەكىلللەنگەنلىكىنى بىلىۋېلىش
قىيىن نوقتا : كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولۇش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
كۆرسەتمە :ئۈچ شار مودىلى
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار،سىلەر كۈن تۇتۇلغان ۋە ئاي تۇتۇلغاننى كۆرگەنمۇ؟قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
ئوقۇتۇش جەريانى
ئۇقۇغۇچىلارنى سىلەر كۈن تۇتۇلغان ۋە ئاي تۇتۇلغاننى كۆرگەنمۇ؟قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟دىگەن سۇئاللار ئاساسىدا يېڭى دەركە باشلاپ كىرمەن.
كۈن تۇتۇلۇش قانداق شەكىللىنىدۇ ؟
ئاي شارى ھەركەت قىلىپ قۇياش بىلەن يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ،ئەگەر ئۈچسى بىر تال تۇز سىزىق ئۈستىدە بولسا ،ئاي شارى قۇياشنىڭ يەرشارىغا چۈشىدىغان نۇرىنى تۇسىۋالىدۇ ،يەرشارىدا سايە ئىچىدە تۇرغان ئادەم قۇياشنىڭ پەقەت بىر قىسىمىنىلا كۆرەلەيدۇ،ياكى قۇياشنى پۈتۈنلەي كۆرەلمەيدۇ .بۇنىڭ بىلەن كۈن تۇتۇلۇش يۈز بېرىدۇ .
ئاي تۇتۇلۇش قانداق شەكىللىنىدۇ ؟
ئاي شارى يەرشارىنى چورىدەپ ھەركەت قىلىپ  يەرشارىنىڭ ئارقا تەرپىگە ئۆتكەندە  ئەگەر ئۈچسى بىر تال تۇز سىزىق ئۈستىدە بولسا،يەرشارى قۇياشنىڭ يورۇقلىقىنى پۇتۇنلەي تۇسىۋالىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئاي تۇتۇلۇش يۈز بېرىدۇ .
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
دوسكا لاھىيىسى
1. كۈن تۇتۇلۇش قانداق شەكىللىنىدۇ ؟
2. ئاي تۇتۇلۇش قانداق شەكىللىنىدۇ ؟
تاپشۇرۇق : كۈن تۇتۇلۇش قانداق شەكىللىنىدۇ ؟ ئاي تۇتۇلۇش قانداق شەكىللىنىدۇ
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى5-ئاينىڭ6-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : قۇياش سېستىمىسى
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. قۇياش سېستىمىسىدىكى سەييارىلەرنىڭ نامىنى بىلىۋىلىش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3.قۇياش سېستىمىسىنىڭ نېمىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىگەللەش
مۇھىم نوقتا : قۇياش سېستىمىسىدىكى سەييارىلەرنىڭ نامىنى بىلىۋىلىش
قىيىن نوقتا : قۇياش سېستىمىسىنىڭ نېمىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىگەللەش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار،بىزگە ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق يەتكۈزۈپ بىرىدىغان نەرسە نىمە ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
قۇياش : قۇياش سېستىمىسىدىكى يۇرۇقلۇق تارقىتىدىغان بىردىنبىر تۇرغۇن يۇلتۇز .
قۇياش سېستىمىدا قانچە چوڭ سەييارە بار؟
قۇياش سېستىمىسدا 8 چوڭ سەييارە بار .بۇلارنىڭ قۇياش بىلەن بولغان يېقىن يىراقلىق تەرتىپى تۆۋەندىكىچە :
مېركورى ،ۋېنىرا ،يەرشارى ،مارىس ، يۇپىتىر،ساترون،ئوران ،نېپتون قاتارلىق 8 چوڭ سەييارە بار
ئۇنىڭدىن باشقا كىچىك سەييارىلەر ھەمراھلار ۋە قۇيرۇقلۇق   يۇلتۇز قاتارلىقلار بار.
قۇياش سېستىمىسى دىگەن نىمە ؟
قۇياشنى مەركەز قىلغان جۈملىدىن ئۇنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغان سەككىز چوڭ سەييارە (سەييارىلەرنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان ھەمراھلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )پەتەك سەييارىلەر ۋە كىچىك ئاسمان جخسىملىرى ( كىچىك سەييارە ،قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .)قاترلىقلردىن تۈزۈلگەن ئاسمان جىسملىرى سېستىمىسى قۇياش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
دوسكا لاھىيىسى
1. قۇياش سېستىمىدا قانچە چوڭ سەييارە بار؟
2. قۇياش سېستىمىسى دىگەن نىمە ؟ە
تاپشۇرۇق : قۇياش سېستىمىدا قانچە چوڭ سەييارە بار؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى5-ئاينىڭ7-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : يۇلتۇزلۇق ئاسماندا
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1.  يۈلتۇزلار تۈركىمىنىڭ نېملىكىنى  بىلىش
2. ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3.يۇلتۇزلار تۈركىمىنىڭ نامىنى بىلىش ۋە تۇنۇيالايدىغان بۇلۇش
مۇھىم نوقتا : يۈلتۇزلار تۈركىمىنىڭ نېملىكىنى  بىلىش
قىيىن نوقتا : يۇلتۇزلار تۈركىمىنىڭ نامىنى بىلىش ۋە تۇنۇيالايدىغان بۇلۇش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار،سىلەر كىچىدە يۇلتۇزلارنى كۆزىتىپ باققانمۇ؟ئالاھىدە يۇلتۇزلارنى بايقاپ باقتىڭلارمۇ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
كىشلەر يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۈزىتىش ئارقىلىق يۇلتۇزلارنى تۈركۈملەرگە ئايرىپ چىقتى .
يۈلتۇز لار تۈركىمى دىگەن نىمە؟
كىشىلەر يۇلتۇزلارنى پەرق ئېتىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن كىشلەر قارىماققا مىدىرلىماي تۇرغان يۇلتۇزلارنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ ئوخشاش بولمىغان رايۇنلارغا ئايرىغان ،ئۇلارنىڭ ھالىتىگە ئاساسەن ئادەم ،ھايۋان ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ شەكلىگە ئوخشاتقان ھەمدە ئۇلارغا نام بەرگەن ،كىشىلەر ئايرىغان ئاسماندىكى بۇرايۇنلار يۇلتۇزلار تۈركىمى دەپ ئاتىلىدۇ .
شىمالى ئاسماندىكى چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركىمىدە مەشھۇر شىمالى قۇتۇپ يۇلتۇزى بار .شىمالى قۇتۇپ يۇلتۇزى ئانچە يۇرۇق بولمىسىمۇ ئەمما بىز باشقا يۇلتۇز تۇركىمىنىڭ ياردىمىدە ئۇنى ئاسانلا تېپىۋالىمىز.بۇ يۇلتۇز تۈركىمى چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۇركىمىدۇر .
چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۇركىمىنىڭ روشەن بەلگىسى بىز گە _ تۇنۇشلۇق بولغان يەتتە يۇرۇق يۇلتۇزىدىن تۈرۈلگەن يەتتە قاراقچى يۇلتۇزى
 ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمە
دوسكا لاھىيىسى
يۈلتۇز لار تۈركىمى دىگەن نىمە؟
كىشىلەر يۇلتۇز لارنى پەرىق ئېتىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن كىشلەر قارىماققا مىدىرلىماي تۇرغان يۇلتۇزلارنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ ئوخشاش بولمىغان رايۇنلارغا ئايرىغان ،ئۇلارنىڭ ھالىتىگە ئاساسەن ئادەم ،ھايۋان ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ شەكلىگە ئوخشاتقان ھەمدە ئۇلارغا نام بەرگەن ،كىشىلەر ئايرىغان ئاسماندىكى بۇرايۇنلار يۇلتۇزلار تۈركىمى دە پ ئاتىلىدۇ .
تاپشۇرۇق : يۈلتۇز لار تۈركىمى دىگەن نىمە؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى5-ئاينىڭ14-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : ئالەمنى تەكشۇرۇش
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. ئېنسانلارنىڭ ئالەمنى كۈزىتىش جەريانىدا قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىنى بىلىلۋېىش
2. ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. ئالەم بوشلۇقى توغرىسىدابەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بولۇش
مۇھىم نوقتا : ئېنسانلارنىڭ ئالەمنى كۈزىتىش جەريانىدا قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىنى بىلىلۋېىش
قىيىن نوقتا : ئالەم بوشلۇقى توغرىسىدابەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بولۇش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار،سىلەر ئالەم بوشلۇقىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
قۇياش سېستىمىسى دىگەن نىمە ؟
قۇياشنى مەركەز قىلغان جۈملىدىن ئۇنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغان سەككىز چوڭ سەييارە (سەييارىلەرنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان ھەمراھلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )پەتەك سەييارىلەر ۋە كىچىك ئاسمان جسىملىرى ( كىچىك سەييارە ،قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .)قاترلىقلردىن تۈزۈلگەن ئاسمان جىسملىرى سېستىمىسى قۇياش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
تۇرغۇن يۇلتۇز دىگەن نىمە؟
قۇياشقا ئوخشاش ئۈزى يۇرۇقلۇق ۋە ئېسسىقلىق چىقىرىدىغان يۇلتۇز تۇرغۇن يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ .
يۇلتۇز لارنى كۈزىتىش جەريانىدا بىز كۆرگەن ئاسماندا چاقناپ تۇرغان سامان يۇلى يۇرۇقلۇق يۇلى ئەمەليەتتە نۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن تۈزلگەن يۇلتۇز لار گۈرۈپپىسى بۇلۇپ سامان يۇلى سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ .سامان يۇلى سېستىمىسى تەخمىنىەن 100مىليارد-200مىليارد يۇلتۇزدىن تۈزۈلگەن دىئامېتىرى 100مىڭ يۇرۇقلۇق يىلى كېلىدۇ .
يۇرۇقلۇق يىلى دىگەن نىمە؟
يۇرۇقلۇقنىڭ بىر يىلدا ماڭغان ئارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ،ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئارلىقىنى ئۆلچەشتە قۇللىنىدىغان بىرلىك
يۇرۇقلۇقنىڭ تارقىلىش تىزلىكى سېكۇنىتىغان 300مىڭ كېلومېتىر كىلىدۇ .
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
دوسكا لاھىيىسى
1.سامان يۇلى سېستىمىسى دىگەن نىمە ؟
2.تۇرغۇن يۇلتۇز دىگەن نىمە؟
تاپشۇرۇق : يۈلتۇز لار تۈركىمى دىگەن نىمە؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى5-ئاينىڭ14-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : ئالىملار قانداق ئىزدىنىدۇ
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. ئالىملارنىڭ قانداق تەكشۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىۋلېىش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئۈگىنۋېلىش
مۇھىم نوقتا : ئالىملارنىڭ قانداق تەكشۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىۋلېىش
قىيىن نوقتا : ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئۈگىنۋېلىش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، ئالىملار ھەقىدە قانداق ھېكايىلەرنى بىلىسىەر؟
ئوقۇتۇش جەريانى
ئالدى  بىلەن كىتاپتىكى  ئىلمىي ئىزدىنىشكە ئائىت ھېكايىلەرنى ئۇقۇپ چىقىشقا ئۇرۇنلاشتۇرىمەن ۋە شۇ ئۇقۇغىنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى سۇئاللار بۇيىچە مۇھاكىمىگە تەشكىللەيمەن .
گېلوگىيە مۇتەخەسىسى نېمىگە ئاساسەن شەمشاد ئورمانلىرنىڭ قۇرۇپ كېتىش سەۋەبىنى تاپتى؟
ئۇقايسى دەلىلى ئىسپاتقائېرىشتى؟
دەسلەپكى تەتقىقاتقا ئېرشكەندىن كېيىن  گېئولوگىيە مۇتەخەسىسى نېمە ئۈچۈن ئېلىم-پەن ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىدۇ؟
ياپۇنيىلىك سېيسمولوگنىڭ تەتقىقاتى بۇ قېلتىملىق بايقاشتا قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ؟
بىز ئېلىم-پەن دەرسىدە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىنىڭ قايسى تەرەپلىرى گېئولوگىيە  مۇتەخەسىسىنىڭ ئىزدىنىش پائالىيىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ؟
بۇ سۇئاللارغا ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغىنى بۇيىچە جاۋاپ بېىدۇ
بىز ئىزىدىنىش ئۇسۇلىدن پايدىلىنىپ ئېلىم-پەن ئۈگىنىمىز ،ئالىملار ئىزدىنىش ئۇسۇلىدن پايدىلىنىىپ ئېلىم –پەندىكى قىيىن مەسىللەرنى ھەل قىلىدۇ ،ئەمما بىز بىلەن ئالىملارنىڭ پائالىيەتلىرىنى نۇرغۇن جەھەتلەردە ئوخشىشىپ كېتىدۇ
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
دوسكا لاھىيىسى
1.گېئولوگىيە مۇتەخەسىسى نېمىگە ئاساسەن شەمشاد ئورمانلىرنىڭ قۇرۇپ كېتىش سەۋەبىنى تاپتى؟
ئۇقايسى دەلىلى ئىسپاتقائېرىشتى؟
2.دەسلەپكى تەتقىقاتقا ئېرشكەندىن كېيىن  گېئولوگىيە مۇتەخەسىسى نېمە ئۈچۈن ئېلىم-پەن ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىدۇ؟
3.ياپۇنيىلىك سېيسمولوگنىڭ تەتقىقاتى بۇ قېلتىملىق بايقاشتا قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ؟
تاپشۇرۇق : گېئولوگىيە مۇتەخەسىسى نېمىگە ئاساسەن شەمشاد ئورمانلىرنىڭ قۇرۇپ كېتىش سەۋەبىنى تاپتى؟ئۇقايسى دەلىلى ئىسپاتقائېرىشتى؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى5-ئاينىڭ20-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : بىز قانداق بىلدۇق
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. مەسىللەرنى كۈزۈتۈشكە ،بايقاشقا خۇلاسىلاشقا ماھىر بولۇش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. كۈزۈتۈش ئارقىلىق مەسىللەرنى بايقاش ،خۇلاسىلاش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
مۇھىم نوقتا : مەسىللەرنى كۈزۈتۈشكە ،بايقاشقا خۇلاسىلاشقا ماھىر بۇلۇش
قىيىن نوقتا : كۈزۈتۈش ئارقىلىق مەسىللەرنى بايقاش ،خۇلاسىلاش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، ئالىملارنىڭ قانداق ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارنى كىتاپتىكى كۆرسەتمە رەسىمنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش ھەرخىل قۇراللاردىن پايدىلىنىپ كۆزۈتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش،مۇھاكىمىگە تەشكىللەش ، قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنش ئارقىلىق دەرس مەزمۇننى ئىگەللىتىمەن .
بىز ئىزدىنىش ئۇسۇلىدن پايدىلىنىپ ئېلىم-پەن ئۈگىنىمىز ،ئالىملار ئىزدىنىش ئۇسۇلىدن پايدىلىنىىپ ئېلىم –پەندىكى قىيىن مەسىللەرنى ھەل قىلىدۇ ،ئەمما بىز بىلەن ئالىملارنىڭ پائالىيەتلىرىنى نۇرغۇن جەھەتلەردە ئوخشىشىپ كېتىدۇ
بىز نۇرغۇن ئۇچۇرغائېرشسەكلا ئاندىن شەيئىلەرنى ئېنچىكە تەكشۇرەلەيمىز،ئۇنداقتا قەيەرلەردىن قانداق قىلىپ ئۇچۇرغا ئېرىشمىز ؟ بۇسۇئال ئاساسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز.ئۇنىڭىدن كىيىن ئۇقۇغۇچىلارنى 58-بەتتىكى كۆرسەتمە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتى بۇيىچە شەيئىلەرنى كۈزۈتۈشكە ئۇرۇنلاشتۇرىمەن
ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرنىڭ ئويلىغىنى بۇيىچە جاۋاپ بېرىدۇ .يەنى كۈزۈتۈشكە ،تەتقىق قىلىش، ماتىرىيال ئىزدەشكەئەھمىيەت بەرسەك نۇرغۇن ئۇچۇرغائېگە بۇلىمىز.
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
دوسكا لاھىيىسى
كۈزۈتۈشكە ،تەتقىق قىلىش، ماتىرىيال ئىزدەشكەئەھمىيەت بەرسەك نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئېگە بۇلىمىز.
تاپشۇرۇق :  قانداق قىلغاندا ئۇچۇرغا ئېرشكىلى بۇلىدۇ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى5-ئاينىڭ21-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : كۆرگەن ۋە ئويلىغانلىرىمىز
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. تەجرىبىگە ئااساسەن ھۇكۇم چىقىرالايدىغان بۇلۇش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. قانداق قىلغاندا توغرا كۈزەتكىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلىۋىلېىش
مۇھىم نوقتا : تەجرىبىگە ئااساسەن ھۇكۇم چىقىرالايدىغان بۇلۇش
قىيىن نوقتا : قانداق قىلغاندا توغرا كۈزەتكىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلىۋىلېىش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىلەر؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئۇقۇغۇچىلارنى كىتاپتىكى كۆرسەتمە رەسىمنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش، مۇھاكىمىگە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنش ئارقىلىق دەرس مەزمۇننى ئىگەللىتىمەن
ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋۇال ھايۋاناتلار دۇنياسىغا ئائىت فىلمنى كۈرۈشكە ئۇرۇنلاشتۇرىمەن.ۋە خاتىرلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرىمەن.
ئۇنىڭدىن كىيىن خاتىرلىگىنىڭلارنىڭ ھەممىسى ئەمەليەتمۇ ؟قانداق قىلغاندا توغرا كۆزىتەلەيمىز؟دىگەن تېمىدا مۇھاكىمىگە تەشكىلليمەن .
بىز ئادەتتە نەرسىلەرنى سەزگۈر ئەزالىرىمىزغا تايىنىپ كۈزىتىمىز ،ئەمما بەزىدە ناھايتى ئاسانلا خاتا كۈزىتىپ قالىمىز ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆزىتىشتە ئاسانلا ئۆزىمىزنىڭ خىياللىرىنى ئارلاشتۇرۇپ قۇيىمىز،ئەمما خىيال بىلەن تۇيغۇ ئەمەليەت ئەمەس ،ئىشەنچىلىك كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالىملار ھەمىشە تەكرار كۈزىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ،ئۇلار ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبە جەريانىنى تەكشۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ .مانا بۇ تەكرار تەجرىبە
دوسكا لاھىيىسى
1.ئالىملار قانداق كۈزىتىدۇ ؟
ئالىملار ھەمىشە تەكرار كۈزىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ،ئۇلار ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبە جەريانىنى تەكشۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ
تاپشۇرۇق : ئالىملار قانداق كۈزىتىدۇ ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى5-ئاينىڭ27-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : ئۇچۇر كۆرۈش ۋە پەرق ئىتىش
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. ئۇچۇرلارنى كۈرۈش ۋە پەرىق ئېتىشنى ئۈگىنۋېلىش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. ئۇچۇرنى قانداق تاللاش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىش
مۇھىم نوقتا : ئۇچۇرلارنى كۈرۈش ۋە پەرىق ئېتىشنى ئۈگىنۋېلىش
قىيىن نوقتا : ئۇچۇرنى قانداق تاللاش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، تۈرلۈك تاۋارلارنىڭ ئۇچۇرىنى قانداق كۆرىمىز؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارنى كىتاپتىكى كۆرسەتمە رەسىمنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش ،مۇھاكىمىگە تەشكىللەش ، قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنش ئارقىلىق دەرس مەزمۇننى ئىگەللىتىمەن
ئۇچۇرلارنى قانداق كۆرىمىز؟كىتاپ ژورنال ۋە توردىن تاپقان ئۇچۇرلار ئىشەنچىلىكمۇ ؟ئوخشاش بولمىغان يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن  ئۇچۇرللار زىدىيەتلىك ياكى بىردەك بولماي قالغاندا ئۇلار ئىچىدىن ئۇچۇرنى قانداق تاللايمىز ؟قايەر تەمىلىگەن ئۇچۇرنى كۆرسەك ئەڭ ئىشەنچىلىك؟دېگەن سۇئاللار ئاساسىدامۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز. ئۇقۇغۇچىلار ئويلىغىنى ۋە تەتقىق قىلىپ ئېرشكىنى بۇيىچە جاۋاپ بېرىدۇ .
ھەربىر سەزگۈر ئەزا ئارقىلىق باشقىلاردىن ۋە مۇھىتىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى ھىس قىلغاندىن تاشقىرى ئەتراپىمىزدىكى تېخمۇ كۆپ شەيئىلەرنى بىلىشتە ئاساسلىق يەنىلا ۋاستىلىق ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە توغرا كىلىدۇ .ھازىر دۇنيا ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويدى ئۇچۇر بىز ئۈچۈن بارغانسىرى مۇھىم بولماقتا.
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
دوسكا لاھىيىسى
ئۇچۇرلارنى قانداق كۆرىمىز؟كىتاپ ژورنال ۋە توردىن تاپقان ئۇچۇرلار ئىشەنچىلىكمۇ ؟ئوخشاش بولمىغان يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن  ئۇچۇرللار زىدىيەتلىك ياكى بىردەك بولماي قالغاندا ئۇلار ئىچىدىن ئۇچۇرنى قانداق تاللايمىز ؟قەيەر تەمىلىگەن ئۇچۇرنى كۆرسەك ئەڭ ئىشەنچىلىك؟
تاپشۇرۇق : ئۇچۇرلارنى قانداق كۆرىمىز؟كىتاپ ژورنال ۋە توردىن تاپقان ئۇچۇرلار ئىشەنچىلىكمۇ ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى5-ئاينىڭ28-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : خاتىرىلەش ۋە ساقلاش
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. ئۇچۇرلارنى خاتىرلەش ۋە ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. ئۇچۇرلارنى خاتىرلەش ۋە ساقلاش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
مۇھىم نوقتا : ئۇچۇرلارنى خاتىرلەش ۋە ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش
قىيىن نوقتا : ئۇچۇرلارنى خاتىرلەش ۋە ساقلاش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار،ساقلاپ قويغان ئۇچۇرلارنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئۇقۇغۇچىلارنى كىتاپتىكى كۆرسەتمە رەسىمنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش، كۆزۈتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش،مۇھاكىمىگە تەشكىللەش ،ئۇمۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنش ئارقىلىق دەرس مەزمۇننى ئىگەللىتىمەن
ئۇچۇر خاتىرلەش دېگىنىمىز:تەتقىقاتتا پايدىلىنىش ۋە كىيىن ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېرىشكەن ھەرخىل ئۇچۇرلارنى خاتىرلىۋېلىشنى كۆرستىدۇ .
ئۇنداقتائۇقۇغۇچىلار سىلەر ھەرخىل ئۇچۇرلارنى قايسى ئۇسلدىن پايدلىنىپ خاتىرلىدىڭلار؟ئۇچۇر خاتىرلىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟قايسى خىل ئۇسۇلدا خاتىرلەش ئەڭ ياخشى ؟دىگەن سۇئاللار ئاساسىدا مۇھاكىمىگە تەشكىلليمىز؟
ئۇچۇر خاتىرلىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بىز ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى خاتىرلەشتە : ئالاقىدار ئۇچۇلارنىڭ مەزمۇننى ئەينەن خاتىرلەپلا قالماستىن يەنە ئۇچۇرنىڭ كىلىش مەنبەسىنى تەپسىلى خاتىرلىشىمىز كېرەك ،چۇنكى ئۇچۇرلارنىڭ كىلىش مەنبەسى ۋە يولى ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە ھوكۈم قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ .
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
دوسكا لاھىيىسى
1. ئۇچۇر خاتىرلىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بىز ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى خاتىرلەشتە : ئالاقىدار ئۇچۇلارنىڭ مەزمۇننى ئەينەن خاتىرلەپلا قالماستىن يەنە ئۇچۇرنىڭ كىلىش مەنبەسىنى تەپسىلى خاتىرلىشىمىز كېرەك ،چۇنكى ئۇچۇرلارنىڭ كىلىش مەنبەسى ۋە يولى ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە ھوكۈم قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ .
تاپشۇرۇق : ئۇچۇر خاتىرلىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى6-ئاينىڭ3-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : ئىرىشكەن ئۇچۇرلارنى رەتلەش
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. ئېرشكەن ئۇچۇرلارنى قانداق رەتلەش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلېىش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. ئۇچۇرلارنى رەتلەش خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
مۇھىم نوقتا : ئېرشكەن ئۇچۇرلارنى قانداق رەتلەش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلېىش
قىيىن نوقتا : ئۇچۇرلارنى رەتلەش خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار،دەرسلىكتىكى ئۇچۇرلارنىڭ قانداق رەتلەنگەنلىكىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
ئۇچۇر ساقلاش بوشلۇقىنى تىجەشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قايسى؟
ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى يەنىمۇ تەرتىپلەشتۇرۇش ۋە روشەنلەشتۇرش ئۈچۈن ئۇچۇرلار نى رەتلەشكە توغرا كىلىدۇ .بۇ ئۇچۇر ساقلاش بوشلۇقىنى تىجەشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلىدۇر.
ئۇچۇرنى رەتلەش ئۇسۇللرىدىن تۈرگە ئايرىش سېخىمىسدىن پايدىلىنىپ رەتلەش ۋە سېلىشتۇرۇش جەريانىدا پەرىق ۋە ئوخشاشلىقنى بايقاش ئۇسۇلى
تۈرگە ئايرىش سېخىمىسى ئۇقۇمى كۆپرەك تېمىلارنى رەتلەشتە ئىشلىتىلىدۇ .ئۇنىڭدا ئۇمۇمى ئۇقۇم چىقىش قىلىنىپ تەدرىجى كېڭەيتىلىپ چوڭ ئۇقۇمنىڭ قانداق قىلىپ بىر-بىرلەپ كىچىك ئۇقۇملارغا بۆلۈنىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ بېرىلىدۇ .
مۇشۇنداق رەتلەنگەندىن كېيىن ھەرقايسى ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ ئايدىڭلىشىپ بىلىش ئاسان بۇلىدۇ .
سېلىشتۇرۇش جەدۋېلى ئىككى خىلدىن ئارتۇق شەيئىلەرنىڭ پەرىق ۋە ئوخشاشلىق تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرۇشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان قۇرال .ئۇنىڭدىن تەرتىپلىك رامكا ھازىرلىنىپ ئىگلىمەكچى بولغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن شەيئىلەرنى سېلىشتۇرغىلى بۇلىدۇ .
ئىلمىي ئىزدىنىشنىڭ باسقۇچلىرى :مەسلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش، پەرەز قىلىش ۋە مولچەرلەش ،كۈزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ،ئۇچۇر رەتلەش ،يەكۈن چىقىرىش
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
دوسكا لاھىيىسى
1 .ئۇچۇر ساقلاش بوشلۇقىنى تىجەشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قايسى؟
ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى يەنىمۇ تەرتىپلەشتۇرۇش ۋە روشەنلەشتۇرش ئۈچۈن ئۇچۇرلارنى رەتلەشكە توغرا كىلىدۇ .بۇ ئۇچۇر ساقلاش بوشلۇقىنى تىجەشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلىدۇر.
تاپشۇرۇق : ئۇچۇر ساقلاش بوشلۇقىنى تىجەشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قايسى؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى6-ئاينىڭ4-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. ئۇچۇرلارنى رەتلەش خۇلاسە چىقىرىش ،ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
مۇھىم نوقتا : ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
قىيىن نوقتا : ئۇچۇرلارنى رەتلەش خۇلاسە چىقىرىش ،ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، ئۇچۇرلارنى قانداق ئالماشتۇرۇش كىرەكلىكىنى بىلەمسىلەر ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئۇقۇغۇچىلارنى كىتاپتىكى كۆرسەتمە رەسىمنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش ،مۇھاكىمىگە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنش ئارقىلىق دەرس مەزمۇننى ئىگەللىتىمەن
بىز ئىلمىي ئىزدىنىش جەريانىدا بىۋاستە قول سېلىپ بىرىنچى قول ماتىريالنى ئىگلەشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۇق .ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقىلاردىن ئۇچۇر ئىگلەشكە ھەمدە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ماھىر بۇلۇشىمىز كېرەك ،بۇنىڭدا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ .ئالماشتۇرۇش ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمان بۇلۇش جەريانى. ئۇ بىزدىن يالغۇز ئاڭلاشنىلا ئەمەس يەنە ئىپادىلەشنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇنداقتا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى بىلەمسىز؟ئۇچۇرنى باشقىلارغا توغرا يەتكۈزۈپ بېرەلەمسىز؟
ئالماشتۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن قايسىلارنى بىلىسىز؟دىگەن سۇئاللار ئۈستىدە مۇھاكىمىگە تەشكىللەيمەن .
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
دوسكا لاھىيىسى
1.ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى بىلەمسىز؟
2.ئۇچۇرنى باشقىلارغا توغرا يەتكۈزۈپ بېرەلەمسىز؟
3.ئىلمىي ئىزدىنىش جەھەتتە قايسى ئىش ئەڭ مۇھىم ؟
تاپشۇرۇق : ئىلمىي ئىزدىنىش جەھەتتە قايسى ئىش ئەڭ مۇھىم ؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 
 
 
يىللىق:6-يىللىق
ۋاختى:2014-يىلى6-ئاينىڭ10-كۈنى
دەرىس تىمىسى  : ئۇچۇرنى تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈش
دەرىس خارەكتىرى:يىڭى دەرىس
ئوقۇتۇش نىشانى
1. ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئىگەللەش
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ .
3. ئۇچۇرلارنى رەتلەش خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
مۇھىم نوقتا : ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئىگەللەش
قىيىن نوقتا : ئۇچۇرلارنى رەتلەش خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
ئۈگىنىش ھالەت تەھلىلى : ئوقۇغۇچىلاردىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ .ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمە قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
ساۋاقداشلار، ئۇچۇرلارنى تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قايسى ئۇسۇللارنى قوللانساق بولار ؟
ئوقۇتۇش جەريانى
بۇ سائەتلىك دەرستە ئۇقۇغۇچىلارنى كىتاپتىكى كۆرسەتمە رەسىمنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش، مۇھاكىمىگە تەشكىللەش  قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنش ئارقىلىق دەرس مەزمۇننى ئىگەللىتىمەن
ئۇچۇرنى تېخمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۇچۈن يۈز تۇرانە ئالماشتۇرغاندا ئۇچۇرنىڭ يەتكۈزۈلۈش دائىرىسى ئىنتايىن چەكلىك بۇلىدۇ .تام گېزىتى ياكى كۆرگەزمە ئارقىلىق بىز نۇرغۇن كىشلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلىمىز .ئۇچۇرنىڭ يەتكۈزۈلىشى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ.ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ بوشلۇق تۇسالغۇسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ،ئۇچۇرنى تېزھەم توغرا يەتكۈزۈش كىشىلەر ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان نىشان .
1937-يىلى كىشلەر تېلگىراممدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە باشلىدى .ئېلكتىر دولقۇنى بىر سىكۇنىت ئىچىدە 300مىڭ كىلومېتىر يۈرەلەيدۇ،شۇڭائۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بۇلىدۇ .
تېلگىرامما قۇبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش كود تۈزۈش (كودلاشتۇرۇش )،تارقىتىش ۋە كود (شىفىر )تەرجىمە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچتىن ئۆتىدۇ .بۇ شەكىل ھازىرقى ئالاقىلىشىش ئىشلىرىدىمۇ قوللىنىلماقتا .
ئاخىرىدا دەرسنى خۇلاسە قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن
دوسكا لاھىيىسى
1.ئۇچۇرنى تېخمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۇچۈن: يۈز تۇرانە ئالماشتۇرغاندا ئۇچۇرنىڭ يەتكۈزۈلۈش دائىرىسى ئىنتايىن چەكلىك بۇلىدۇ .تام گېزىتى ياكى كۆرگەزمە ئارقىلىق بىز نۇرغۇن كىشلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلىمىز .ئۇچۇرنىڭ يەتكۈزۈلىشى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ.
تاپشۇرۇق :ئۇچۇرنى تېخمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۇچۈن قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك؟
ئوقۇتۇش ئەسلىمىسى :
 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
turhanjan1 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-09-02 16:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-09-03 10:09
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ