ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇش
تارىخ بىزگە ئەينەك بولۇپ، تۈنۈگۈن تارىخ بولسا، ئەتە كەلگۈسى بولىدۇ. ئەتە تۈنۈگۈننىڭ ئاساسى، بۈگۈن − تارىخنىڭ بوسۇغىسى. يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تارىخ ئوقۇتۇشىدا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولماي، ئۆگىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتەك ئەھۋاللار ساقلانماقتا. يەنى، تارىخ دەرسلىكىدىكى مەزمۇنلارنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭ، يەر ناملىرى، يىلنامىلەر، تارىخىي شەخسلەر قاتارلىق ئەستە قالدۇرۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، دەرسكە قىزىقىشى دېگەندەك كۈچلۈك بولماسلىقتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك:
1. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگىلەپ، ھەممە ئىشتا ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، ماتېرىيال بايلىقىدىن پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك. ھازىرقى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا «ئوقۇغۇچىغا بىر چىنە سۇ بېرىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىدا چوقۇم بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك»، دەپ قارىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى كۆپلەپ ماتېرىيال كۆرۈپ، دەرس مەزمۇنىنى ھېكايىگە ياكى چۆچەككە ئايلاندۇرۇپ سۆزلەش ئارقىلىق، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى قىزىقارلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى دەرسكە جەلپ قىلىشى كېرەك. مەسىلەن: دۇنيا تارىخىدىكى گىتلېر، ۋاشىنگتون، ستالىن، خروششېۋ قاتارلىق شەخسلەرنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ئىش ئىزلىرى، گەپ-سۆزلىرىنى قىستۇرۇپ سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم.
2. رەسىملىك ئوقۇتۇشتىن پايدىلىنىش كېرەك. دەرسلىك كىتابتىكى رەسىملەرنى كۆرسىتىش، ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقاش، قوشۇمچە كىتابتىكى رەسىملەرنى بىرلەشتۈرۈش، بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىش، خەرىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن: «نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق»، «نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش» دېگەندەك دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك كىنو، فىلىملەردىكى ۋەقەلىكلەرنى دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسگە قىزىقتۇرۇش كېرەك.
3. پائالىيەتكە تەشكىللەش ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك. دەرس مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللىك، پىلانلىق تارىخىي ۋەقەلەرنى سۆزلەش پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرۇش، شارائىت يار بەرسە ئوقۇغۇچىلارنى تارىخىي ۋەقەلەر ئۆتكەن جايلارغا ئاپىرىپ كۆرسىتىش، ياشتا چوڭ كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ياكى تاپشۇرۇق بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، مۇزېيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ يېتەكلەش كېرەك.
4. سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش كېرەك. بۇنداق يېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى قوللانغاندا ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئىدىيە-ئەخلاق، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش روھىنىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى تارىخ دەرسى ئۆتكەندە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشى كېرەك.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇش
- 2-ماۋسۇم تولۇقسىز 2-يىللىق فىزىكا دەرىس ت
- گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى توغرىسىدا ئويلىغ
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- 5-يىللىق خەنزۇتىلى 2-ماۋسۇم
- 双语班2年级汉语第七课热爱的传统文化教案
- 双语二年级汉语下册第五课做贴画教案
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرىس تەييار
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييار
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئا
- 4-يىللىق گۈزەل سەنئەت 2-ماۋسۇملۇق 14- دەرى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خە
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋ
- باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ د
- 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- ئىلىم پەن دەرس تەييارلىق-لوپا ئەينەك
- 6-يىللىق 2-مەۋسۇملۇق خەنزۇتىلى دەرىس تەييارلى
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 6-يىللىق1-مەۋسۈم ئەخلاق ۋە جەمئىيەت(خەنزۇچە)
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى
- بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ
- 一年级上册思品与生活教案
- 二年级上册思品与生活 计划 教案