گۇگېل: ئالما بىزنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىمىزنى كۆچۈرۈپ ئىش
گۇگېل: ئالما بىزنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىمىزنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتتى
ئالما شىركىتى 2014-يىللىق خەلئقارالىق ئەپ ئاچقۇچىلار يىغىنىدا iPhone مەشغۇلات سېسېتىمىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىقتىدارلىرىنى نامايەن قىلغان ئىدى, ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىقتىدارلار ئاندىرويىد مەشغۇلات سىسېتىمىسىدا قوللىنىلغان ئىدى, ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلىتىلگىنىگە خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى.
بۇ مەسىلىگە قارىتا,گۇگېل شىركىتىنىڭ ئاندىرويد كەسپىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى سۇندار پىساي گەپنى ئەگىتمەي كۆڭلىدىكىنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە سۇندار گۇگېل شىركىتىنىڭ پۈتكۈل ئاندىرويىد كەسپىنى باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ,يېقىندا پېڭبو ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا, ئالما شىركىتىنىڭ 2014-يىللىق ئەپ ئاچقۇچىلار يىغىنىدا ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىتا جاۋاپ قايتۇردى. زىيارەت جەريانىدا ئالما شىركىتىنىڭ سىستېمىلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا قارىتا يۇقۇرىقى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالما شىركىتىنىڭ 2014-يىللىق ئەپ ئاچقۇچىلار يىغىنىدا, ئالما شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك گۇگېلنىڭ ئاندىرويد سېستىمىسىنى قاتتىق سۆككەن ئىدى, تىم كۇك سۆزىدە يەنە كۆپ سانلىق ئابونتلار يەنىلا گۇگېلنىڭ كونا نەشىرىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان يانفونلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ جار سالغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا سۇندار پېڭبو ئاگېنتلىغىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ جاۋاپ قايتۇردى: « ئالما ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتىدە خېلى يامان ئەمەس نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى, شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا, ئۇلار يەنە بىز تۆت يىلنىڭ ئالدىدا تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئاندىرويىد مەشغۇلات سېستىمىسىدا قوللىنىۋاتقان بەزى ئىقتىدارلارنى ئېلان قىلدى, مىسال قىلساق ئۈچۈنچى تەرەپ كونۇپكا تاختىسى, تېخىمۇ بېيىتىلغان ئۇقتۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار, بۇ ئىقتىدارلارنى بىز بۇرۇنلا ئاندىرويىد مەشغۇلات سېستىمىسىدا قوللىنغان. شۇڭلاشقا مەن ھەر قانداق بىر غەرەز ئۇقىدىغان كىشىنىڭ ئاندىرويىد ئۈچقاندەك يېڭىلىق يارىتىۋاتىدۇ ھەم ئابونتلارنى توختاۋسىز تۈردە يېڭى نەشىردىكى سسېستىمىلار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ دەيدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.»
سۇندار سۆزىدە يەنە ئاندىرويىد مەشغۇلات سېستىمىسى بىلەن ئالمىنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىدا كۆرۈنەرلىك پەرق ۋە ئوخشاشماسلىقلارنىڭ بارلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن, ئالما مۇستەقىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنى بەرپا قىلدى, شۇنداقلا بۇ سېستىمىلارنى پەقەت ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرگىلا ئىشلەتتى, ئايفون ۋە ئايپەد شۇلار جۈملىسىدىندۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە ,گۇگېل بولسا پەقەت ئاندىرويد مەشغۇلات سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقىلا مەسئۇل بولدى, ھەم بۇ سېستىمىنى باشقا شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ئەقلىيفون ۋە تاختا كومپىيوتېرلارغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ لاھىيىلىدى, بۇ شىركەتلەر سامسۇڭ,LG,خوڭدا ۋە موتورولا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گۇگېلنىڭ بۇ تەدبىرلىرى ئاندىرويىد مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ساھەسىدە بازار ئىگەلەش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان سېسېتىمىغا ئايلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بازار تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىگە ئاسالانغاندا, 2014-يىلى يىل ئاخىرىغا بارغاندا, ئاندىرويىد مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ پۈتكۈل يەر شارى ئەقلىفون بازىرىدىكى بازار ئۈلۈشى %80.2 كە يېتىدىكەن, بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالما شىركىتىنىڭ مۆلچەردىكى بازار ئۈلۈشى پەقەت %14.8 بولىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە سۇندارنىڭ ئېيتقانلىرى ئورۇنلۇق.كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ بايقىشىچە,ئاندىرويد مەشۇلات سېستىمىسىدا ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا بىر نەچچە ئاي بولغان بەزى ئىقتىدارلار ئەمدىلەتىن ئالمېنىڭ i OS 8 سېستىمىسىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. مەسىلەن, ھازىر ئالما ئابونتلىرى Siri نى ئىشلەتكەندە , ئاددىيلا قىلىپ ” ھەي Siri “دېسىلا كۇپايە, بىر قاتار مۇرەككەپ جەريانلار ئارقىلىق بۇ چۇۋۇلچاق تەرتىپنى ئېچىشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق. ئەمما بۇ ئىقتىدار قارىماققا MOTO X يانفونىدىكى ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئىقتىدارىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ MOTO X , يانفونىدىكى ئىقتىداردا ئابونت پەقەت” OK گۇگېل“ دېسىلا Google Now مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكىلى بولاتتى.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«گۇگېل: ئالما بىزنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىمىزنى كۆچۈرۈپ ئىش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئاندىرويىد مۇشۇ ئايدا ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ئۆلچەش تەخسىسىگە كىرىشى مۇمكىن
- ئاندىرويىد مۇشۇ ئايدا ئاپتوموبىلىڭىزنى
- گۇگېل: ئالما بىزنىڭ نۇرغۇن ئ
- سامسۇڭنىڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتى
- ئامېرىكا 2019-يىلى كىچىك پىلانتنى ئاي شار
- يىپچە قۇرتنىڭ تېنىدىن «مەڭگۈ قېرىماس »
- تاق چاقلىق پېدالسىز ۋېلىسپىت ئىجاد قىلى
- ئادەم غول ھۈجەيرىسىدىن ئادەم بەدىنىدىك
- كۆيۈك يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتەلەيد
- شارسىمان ماشىنا ئادەم
- يەرشارىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز
- ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن
- ئامېرىكا كېيىنكى ئەۋلاد ئالەم كېمىسىنى
- ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى
- كەلگۈسىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان تا
- ئەڭ بۇرۇنقى بوياق ماتېرىيالى
- دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كونسېرۋا يېمەك
- ئاندىرويىد مۇشۇ ئايدا ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ئۆل
- گۇگېل: ئالما بىزنىڭ نۇرغۇن ئىقت
- سامسۇڭنىڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدار
- ئامېرىكا 2019-يىلى كىچىك پىلانتنى ئاي شارى ئورب
- يىپچە قۇرتنىڭ تېنىدىن «مەڭگۈ قېرىماس » لىقنى
- تاق چاقلىق پېدالسىز ۋېلىسپىت ئىجاد قىلىندى
- ئادەم غول ھۈجەيرىسىدىن ئادەم بەدىنىدىكى ئەزا
- كۆيۈك يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتەلەيدىغان
- شارسىمان ماشىنا ئادەم
- يەرشارىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز بول
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىت
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- دېھقان كەشپىياتچى
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- زامان-ماكان يوشۇرۇنۇش كىيىمى
- 2013-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا 3 ئامېرىكىل