تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆزلەرنى ئوقۇت
تۈپ سۆز بىلەن ياسالما سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش — ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتىكى تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى ئىگىلەش ياكى ئىگىلىيەلمەسلىكىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىراق، ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆتۈلۈۋاتقان >ئۇيغۇر تىلى< دەرسلىكىدە بۇ بىر مۇھىم نۇقتا ئۈچۈن پەقەت >ئايرىم تۇرغاندا مەنە ئاڭلىتىدىغان، مەنىلىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنمەيدىغان سۆزلەر تۈپ سۆز؛ تۈپ سۆزلەرگە تۈرلۈك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسىلىدىغان، مەنىلىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنىدىغان سۆزلەر ياسالما سۆز؛ بىر تومۇردىن تۈزۈلگەن سۆزلەر تومۇرداش سۆزلەر دېيىلىدۇ< دېگەن قائىدىلا بېرىلگەن.
ناۋادا دەرسنى دەرسلىكتىكى مۇشۇ كۆرسەتمە بويىچىلا ئۆتىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا ئوقۇغۇچىلار >قىز، قىزچاق، قىزغىن، قىزىل، قىزغان، تام )ئىسىم(، تامچى، تامغا، تامبال، تەمەگەر، تامغاق، ئىش، ئىشچى، ئىشقى، ئىشپىيۇن، ئىشان< دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ تومۇرداش ياكى ئەمەسلىكىنى ئاڭقىرالماي بۇ خىلدىكى سۆزلەنىڭ تۈپ سۆز ياكى ياسالما سۆز ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايدۇ.
ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرگەندە تۈپ سۆز بىلەن ياسالما سۆزنى ئايرىشتا زادى نېمىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك؟
بىز تۆۋەندە بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆز چۈشەنچىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق سۆزلەر مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىن قارىغاندا چوڭ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. بىرى تۈرلەنمەيدىغان سۆزلەر، يەنى سۆز تۈرلىگۈچى مەخسۇس قوشۇمچىلىرى يوق سۆزلەر. بۇنداق سۆزلەردىن ھەرقانداق ۋاقىتتا يېڭى مەنىلىك سۆز ياسالمايدۇ. ئىككىنچىسى تۈرلىنىدىغان سۆز يەنى سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارغا ئىگە سۆزلەردۇر. بۇنداق سۆزلەر جۈملىدە گرامماتىكىنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكەندىن كېيىن، تۈرلۈك شەكىللەردە قوللىنىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ تۈرلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شۇڭلاشقا بۇنداق سۆزلەرنى تومۇر ۋە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارغا ئاجرىتىش مۇمكىن. سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنە ئاڭلىتىدىغان قىسمى ئاساس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدە سۆزلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ سىنتاكىسلىق خىزمەت قىسمى قوشۇمچە دەپ ئاتىلىدۇ.
ھەرقانداق بىر سۆزنىڭ تۈپ ياكى ياسالما ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، شۇ سۆزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا يەنى شۇ سۆزنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ھېسابلانغان قىسمىنىڭ مەنىسى بىلەن يېڭىدىن قوشۇلغان قىسمى بىلەن بىرىكىپ ئاڭلاتقان >يېڭى مەنىسى< نىڭ مۇناسىۋىتىگە قارايمىز. ئەگەر >تومۇر< دەپ قارالغان قىسىمنىڭ مەنىسى بىلەن قوشۇمچە قوشۇلۇپ يېڭى سۆز ياسىغاندىكى مەنىسىنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسا بۇنداق سۆزلەرنى تۈپ سۆز دەيمىز.
مەسىلەن: >قىز< دېگەن سۆز بىلەن >قىزغىن، قىزىل< دېگەن سۆزلەرگە قاراپ باقايلى:
>قىز< دېگەن سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى — ياش جەھەتتىن كىچىكرەك بولغان ئايال جىنىسلىقلارنىڭ بىر خىلىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى >قىزغىن< دېگەن سۆز لېكسىكا جەھەتتىن >تەشەببۇسكار< دېگەن مەنىنى >قىزىل< دېگەن سۆز رەڭنىڭ بىرخىل تۈرىنى بىلدۈرۈپ كېلىپ، >قىز<
دېگەن سۆز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق مەنە ئىپادىلەپ كەلگەن شۇڭا بۇ ئۈچ سۆزنىڭ ھەممىسى تۈپ سۆزلەردۇر.
ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بەلگىلىك سۆزنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ھېسابلانغان قىسمىنىڭ مەنىسى بىلەن >يېڭىدىن قوشۇلغان< قىسمى بىلەن بىرىكىپ ئاڭلاتقان مەنىسىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ياكى ئىچكى باغلىنىشى بولسا بۇنداق سۆزلەرنى ياسالما سۆز دەيمىز.
مەسىلەن: >تام< دېگەن سۆز ئىسىم بولۇپ >تامچى< دېگەن سۆز ئاشۇ تامنى بىنا قىلغۇچى ئادەمنى، >تامچىلىق< دېگەن سۆز ئاشۇ تام ياساش ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ناملىرىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا >تامچى<، >تامچىلىق< دېگەن سۆزلەر ئەسلىدىكى >تام< دېگەن تومۇرغا >چى، چىلىق< قاتارلىق قوشۇمچىلار ئۇلانغاندىن كېيىن، ياسالغان ياسالما سۆزلەردۇر. ئەمدى ئۇلارغا يېقىن بولغان >تامغا< سۆزمۇ ئىسىم بولۇپ >مۆھۈر< ياكى >بىرەر شەخسنىڭ ۋە ئورۇننىڭ ئىسپاتى< دېگەن مەنىنى، >تامبال< دېگەن ئىسىممۇ كىيىمنىڭ بىر خىلىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنىلەر بىلەن ئەسلىدىكى تومۇر ھېسابلانغان >تام< نىڭ مەنىسى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مەنە مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا بۇلار تۈپ سۆزدۇر. سۆزلەرنى سۆز مەنىسى جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، >تومۇر< )ئاساس( دەپ قارالغاندىكى مەنىسى بىلەن >قوشۇمچە< دەپ قارالغان قىسىمى ئۇلانغاندىن كېيىنكى >يېڭى مەنىسى<نىڭ باغلىنىش - باغلانماسلىقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئاساسسىدا ئايرىشىمىز كېرەك.
(تەھرىر : admin)
« تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆزلەرنى ئوقۇت»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىن
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەب
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش
- چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ما
- بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش م
- تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلار
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ھەققىدە تەكلىپ
- تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قور
- دەرس ئىسلاھاتىدا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇت
- تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئۇنىۋېرسال ئ
- تولۇقىسز تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتاپد
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىنى يۇقى
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغ
- باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا چى
- چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ماھارىت
- بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش ماھارى
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن
- باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات
- بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش ماھارى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىنى يۇقى
- چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ماھارىت
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغ