ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى

ۋاقىت : 2013-04-29 13:01 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى

بالىلارنىڭ تەبىئىتى ئومۇمىي جەھەتتىن قىزىققاقلىققا مايىل بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىرىدا بۇ خىل پىسخىكا ئەڭ گەۋدىلىك بولىدۇ. ئۇلار كۆرگەنلا نەرسىگە ھەۋەس ۋە قىزىقىش بىلەن قارايدۇ، كۆزىتىدۇ، بىلگۈسى كېلىدۇ؛ ئاڭلىغانلىرىغا ئاسان ئىشىنىدۇ، دوراپ باققۇسى كېلىدۇ؛ كۆرگىنى مەيلى ياخشى ئىش بولسۇن ياكى يامان ئىش بولسۇن، ئۇلار ئۈچۈن قىزىقىشنىڭ جەلپكار ئۆرنىكى بولۇپ، بۇ خىل قىزىقىش قايسى تەرەپكە يېتەكلەنسە، ئۇلار تەبىئىيلا شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. بۈگۈنكى زامانىۋى تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنىڭ قىزىقىش دائىرىسىنى مىسلىسىز دەرىجىدىكى چەكسىزلىككە ئىگە قىلغاچقا، ھەربىر ھەرىكىتى ۋە گەپ-سۆزى مۇمكىنقەدەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆزىتىش نەزىرىدىن چەتتە قالسىلا، ئويلاپ باقمىغان يامان تەسىرلەرنى بىلىپ-بىلمەي يۇقتۇرۇۋېلىشى، ھەتتا ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، دەۋر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى.

بالىلىق قەلب گويا سۈتتەك ئاق، تىنىق بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك بولغاچقا، بۇلغانمىلارنىڭ يۇقۇشى تېز، تەسىر قىلىشى ئوڭاي بولىدۇ. كىچىككىنە بالىلارنىڭ مۇھەببەت خەتلىرىنى يېزىشىپ، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشلىرى؛ يۇقىرى يىللىقتىكى قىزلارنىڭ تۈنەكلەردە پەيدا بولۇشى، يېتىلگەن ئاياللاردەك گىرىم ۋە كىيىم-كېچەككە ھەۋەس قىلىشى، ئوغۇلللارنىڭ تاماكا، ھاراققا ھەۋەس بىلەن ئىنتىلىشى...قاتارلىق ئىشلار دەل بۈگۈنكى زامانىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ يامان تەرىپى، بالىلارنى مىللىي ئەنئەنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، يامراپ كېلىۋاتقان تاشقى مەدەنىيەتنىڭ يالتىراق كۆرۈنىشلىرىگە غەرق قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار بۇنداق تەسىرنى تېلېۋىزور، كومپىيوتېردىنلا قوبۇل قىلىپ قالماستىن، يەنە جەمئىيەتتىن، مۇئەللىملىرىدىنمۇ قوبۇل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئەللىمدىن قوبۇل قىلىش ئەڭ خەتەرلىك. چۈنكى، بالىلار مۇئەللىمنى دوراشقا بەك ھېرىسمەن كېلىدۇ. مۇئەللىمنىڭ قىلغىنىنى راست، دېگىنىنى توغرا دەپ بىلگەچكە، ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشنى، ئۇنىڭدەك بولۇشنى خۇشاللىق دەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئوقۇتقۇچىلار قانداق قىلىشى كېرەك.

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش ھەرقاچان بالىلارنىڭ سۆز ھەرىكىتىنى سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىپ، غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا تەربىيە بېرىش بىلەن بىللە، تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇلارغا نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىشى كېرەك. بۇ، ھېچبولمىغاندا بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىلەن توغرا ئادەتنىڭ پەرقىنى بىلىپ مېڭىشىغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق، مەسىلەن، كىتاب ئوقۇش، ھېكايە سۆزلەش، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇش، بالىلارنى سۆزلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنى تونۇتۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۇسۇلى خەلق چۆچەكلىرىنىڭ گۈزەل نەمۇنىلىرىنى سۆزلەش ياكى ئوقۇپ بېرىش. دەرسلىكتىكى قېلىپلاشقان ئوقۇشلۇقلارنى تولا ئوقۇپ ياد بولۇپ كەتكەن بالىلار ئۈچۈن دىلغا ياقىدىغان چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرىش، بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ قېلىپقا چۈشۈپ تورمۇزلىنىپ قېلىۋاتقان نېرۋىلىرىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىپ ئازادىلىككە باشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، پارلاق مىللىي مەدەنىيەت دالاسى ۋە گۈزەل، تارتىملىق مىللىي تۇرمۇشنىڭ جەلپكار قەدىمىي مۇھىتىغا باشلاپ، روھىنى چاڭقاقلىتىن خالاس قىلسا ئەجەب ئەمەس.

ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىشتە چوقۇم بېرىۋاتقان تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى، ۋەزىپە ئۈچۈنلا قىلىپ قويماسلىقى لازىم. مەسىلەن، بىر ئوقۇتقۇچى بالىلارغا ئەنئەنە تەربىيەسى بېرىۋاتقاندا، چېچىنى كۆپتۈرۈپ بېشىنى سېۋەتتەك قىلىۋالسا، كىيگەن يوپكىسىنىڭ قىسقىلىقىدىن يوتا، پاچاقلىرى كۆرۈنۈپ تۇرسا؛ ئەر ئوقۇتقۇچىلار رەڭدار كىيىملەرنى كىيگەن، چاچلىرى گەدەنگىچە چۈشكەن دېگەندەك غەلىتە ھالەتتە بولسا، بالىلارغا تەسىرى قانداق بولار؟ بۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار دېگىنىنى ئەمەس، قىلغىنىنى دورىسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇئەللىم مەسئۇل بولالامدۇ؟ شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن بارلىق سۆز ۋە ھەرىكەتتە بالىلارغا ئۈلگە بولۇش ھەممىدىن مۇھىم. شۇنداق قىلغاندىلا تەربىيەنىڭمۇ نەتىجىسى بولىدۇ. بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپتىلا گۈزەل ئەخلاق، توغرا ياشاش ئۇسۇلى بىلەن تەربىيەلەنسە، كېيىنكى ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئاسانلىقچە ئەگرى يولغا مېڭىپ قالمايدۇ. چۈنكى، كىچىكلىكتىكى يېتىلگەن ئادەت ۋە مىجەز-خارەكتېر تا ئۆلگۈچە ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئەجدادلىرىمىز تولىمۇ پاساھەتلىك ھەم قايىل قىلارلىق ئەقلىيە سۆزلەرنى قالدۇرغان.

باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلارغا سۈت بەرگۈچى ئىنىكئانا. ئۇنىڭ سۈتىدە توغرىلىق، ئادىمىيلىك، ياخشى خۇلق خۇرۇچ بولسا، شۇ بويىچە يېتىلىشىگە ئاساس سېلىنىپ، جان بىلەن تەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە يېتىپ بارىدۇ، ئەكسىچە بولسا بارا-بارا يامان خۇيلۇق بولۇپ ئاپەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. ھەربىر ئوقۇتقۇچى بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىسا،بالىلىرىمىزدىن ئۈمىد بار.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(2)
66.7%
ناچاركەن
(1)
33.3%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ