ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ھ
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئازادجان ئىبراھىم
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ـــ تەلىم-تەربىيە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ.شۇڭا مەكتەپلەر بۇ خىزمەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىجاد قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى تەلىم–تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئىجادىيەت قارىشى، يېڭىلىق يارىتىش قارىشى، شۇنداقلا ئىزچىل ئىزدىنىپ مۇكەممەل بىلىم ئىگىلەش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى شارائىت، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى شارائىت، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىزچىل ھالدا ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئىرادىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. نۆۋەتتە، بىرقىسىم مەكتەپلەر بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، كونكرېت نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن مەكتەپلەر بۇ خىزمەتكە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى ئېغىزدا دەيدۇ-يۇ، ئۇنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرمەيۋاتىدۇ.بۇ گەپلەر قۇرۇق شۇئارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، مەكتەپلەر دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە يەنە ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارغا 2-دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ كونكرېت، ئەمەلىي ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، 2-دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا زۆرۈر كېرەكلىك بولغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال، ئۈسكۈنە ۋە ياخشى مۇھىتنىڭ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ 2-دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ مەكتەپلەردىكى تەجرىبىخانا ئەسۋابلىرىنىڭ تولۇق بولۇشىغىلا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، يەنە مەكتەپلەردە تۈرلۈك كۇرژۇكلاررنى تەسىس قىلىپ شۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللارنىڭ، پائالىيەت ئۆيلىرىنىڭ بولۇشىغا، گۈزەل-سەنئەت، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسى ۋە ئەمگەك-تېخنىكا دەرسى، مەكتەپ دەرسى، كومپيۇتېر ئوقۇتۇش سىنىپى، ئېلېكتىرلىك ئوقۇتۇش سىنىپى قاتارلىقلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقشىنى قوزغاپ، مەسىلىلەرگە نىسبەتەن سەزگۈرلبكىنى ئاشۇرۇشقا كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
قىزىقىش ـــ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئاساسى. ئوقۇغۇچىلاردا قىزىقىش بولغاندىلا، مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر، ئىنچىكىلىق بىلەن تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ ئىجاد قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ جەھەتتىكى تەلىم-تەربىيىنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرگە قارىتا توغرا ۋە زور قىزىقىش بىلەن ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈشكە كونكىرىت يىتەكچىلىك قىلىشى ھەم ئوقۇغۇچىلاردا ھەرقانداق ۋاقىتتا كونكرېت مەسىلىلەرگە كونكرېت مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ئىگىلەشكە ئىنتىلىدىغان روھنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇھىمى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەركىن، ئازادە پىكىر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەكىتلەش كېرەك. بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي بىلىملەر ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارغا مەسىلىلەرگە ۋە كونكرېت ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە، كەلگۈسىگە قارىتا تەسەۋۋۇر قىلىشقا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۆنۈملۈك يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. بىزنىڭ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەرسخانىدا پەقەت دەرس ئۆتۈشنىلا بىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئويلاشقا،تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىلھام بېرىشنى بىلمەيدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى پىكىر قىلىشقا، تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4. يېڭى بىلىم ۋە ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار يېڭى بىلىم ۋە ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جەمىئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېڭى-يېڭى بىلىملەر كۆپلەپ بارلىققا كەلمەكتە. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى، جۈملىدىن يېڭى-يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادچانلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇر ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىنتىلىدىغان، بىلىمگە زور ئىشتىياق باغلايدىغان ۋە ئەتراپلىق ئىزدىنىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
5. خاسلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خاسلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەرقانداق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، يۇشۇرۇن قابىلىيىتى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردىكى شۇ خىل خاس ئالاھىدىلىكنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى، شۇ ئاساستا ئۇلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تالانتىنى ئەمەلىي ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشتا، دادىل، مۇستەقىل، ئاكتىپ، جانلىق پىكىر قىلىش، مەسىلىلەرگە قارىتا توغرا ۋە ئەتراپلىق يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇنۈملۈك يولى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ، ئۇلارنى كۆپرەك كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ كونكرېت خاس ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش ئاساسىدا ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
6. ئوقۇغۇچىلارنى ئىجادىي پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجادىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك تەشكىللەش كېرەك. مەسىلەن، مەكتەپ پىلانلىق، مەقسەتلىك، تەشكىللىك ھالدا ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئىجادىيەت، كەشپىيات مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە كونكرېت قىلىپ ئېيتساق، ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقە پائالىيىتى، گۈزەل-سەنئەت ئىجادىيىتى مۇسابىقىسى ۋە كەشپىيات مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.ئوقۇغۇچىلار ئىجاد قىلغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى، گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلار كەشىپ قىلغان ھەرخىل كەشپىياتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، ئارخىپلاشتۇرۇش، يۇقىرىغا يوللاش، ئىلغارلىرىنى مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.
(تەھرىر : admin)
«ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ھ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلاردا پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىمايلى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يې
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمس
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يې
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگ
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆرد
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈ
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە يېمەك
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئا
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە–ئەخلا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ