باشلانغۇچ مەكتەپ ماقالا مەشىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارن
باشلانغۇچ مەكتەپ ماقالا مەشىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا
يېزىقچىلىق-تەبىئىي پەنگىمۇ، ئىجدىمائىي پەنگىمۇ ئورتاق، ئۇ ئەدەبىي يېزىقچىلىق ۋە ئەمەلىي يېزىقچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئىجدىمائىي تۇرمۇشتا (كىشىلىك مۇئامىلىدە) كەم بولسا بولمايدىغان ۋاستىلەرنىڭ بىرى.
يېزىقچىلىق مەشىقى دەرسلىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش تەجىرىبىلىرىنى ئىلمىي يەكۈنگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەيلى ئەدەبىيات، سىياسەت،فىزىكا ياكى خېمىيە پەنلىرى بولسۇن ئوقۇغۇچىلار ئەمىلىي يېزىقچىلىق ياكى ئەدەبىي يېىقچىلىق تۇرلىرى بويىچە كامىل بىلىمگە ئىگە بولىدىكەن ئوزنەتىجىلىرىنى كەسىپداشلىرىغا ياكى شۇ كەسىپ ئەھلىگە ئېنىق ھەم مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ ياكى يەكۇنلەپ بېرەلەيدۇ.
ئىزدەنگۇچىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن تەجىرىبىلىرىدىن شۇنداق خۇل- اسىگە كېلىمىزكى، ئىپادىلەش- ئىلىم ئېگىسى ئۈچۈن ئەڭ موھىم ئۆتكەل.
ئەگەر ئىزدەنگۈچى ئېرىشكەنلىرىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىكەن، ئۇھالدا ئۇ ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن بولىدۇ. ھەتتا يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئەمگەك مىۋىسىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن تەجىرىبىگە، يەكۇنگە ئېرىشكەن بولىدۇ. تۇلۇق نەزىىرىيىۋى ئاساس تۇرغۇزۇلغاندا بولسا، ئۇنى ئۆز ئەمىلىيىتىگە تەدبىقلاشنىڭ ئەڭ قابىل قورالىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
بەزىلەر«يېزىقچىلىق يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئىشى، بىز ئوزكەسپىمىزنى ئۆگەنسەكلا بولىدۇ، ئۆزخىزمىتىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقساقلا بولىدۇغۇ.» دەپ قارايدۇ. لىكىن ئەنە شۇنداق قاراشتىكى كىشىلەرگە ئىلمى ماقالە، پىلان، خۇلاسە، ئەقەللىيسى بىر پارچە ھۆججەت يېزىشقا توغرا كەلسە ئاسانلا خاتالىققا يول قويىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ بىر پارچە ھۆججەتنى قاملاشتۇرۇپ، تۈرلۈك يېتەرسىزلىكلەرگە يول قويمىغان ھالدا يېزىپ چىقالمىسا، ساپا مائارىپى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە ئەپۇ قىلىدىغان ئىش ئەمەس.
ئادەتتە، ھەممە كىشىلەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەمەلىي يېزىقچىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ئالماشتۇرۇشىدىكى، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىدىكى ئەھۋال ئىگىلىشىدىكى قورالى. مەسىلەن، يۇققىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكتىن يوليورۇق سوراغاندا «دوكىلات» يازىمىز، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ دوكىلاتلىرىغا جاۋاپ قايتۇر- غاندا «تەستىق» يازىمىز. خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا «پىلان» تۈزىمىز، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى تاپشۇرىۋالغاندا «ئىسپات» ياكى«ھۆججەت» يازىمىز، بىر ئىشقا ھاجەتمەن بولساق «ئىلتىماس» يازىمىز. ئەلۋەتتە بىر پارچە رۇخسەت سوراش خېتىنىڭمۇ، سالام خەتنىڭمۇ مۇۋاپىق قائىدىسى بولىدۇ. ناھايەت، يوقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىلمىنىڭ ئۆگىنىش دائىرسى ئىچىگە كىرىدۇ.
دېمەك، يېزىقچىلىق- مەلۇم كەسىپتىكىلەرنىڭ ئېگەللەشكە تېگىشلىك شەرتى بولماستىن، بەلكى ھەر بىر ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك موھىم شەرتى. شۇنداق ئىكەن، ئۇنى مەلۇم بىر كەسىپ ئەھلىگە، ئىجادىيەتنىڭ مەلۇم بىر تارمىقىغا( ژانىرىغا) يۇكلەپ قويۇش تولىمۇ كۈلكۈلۇك ئىش. ئوقۇتقۇچىلار بۇ نوقتىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق چۈشەندۇرۇشى كېرەك.
ئىلگىركى كىشىلەر ساۋاتسىزلىق تۇپەيلى پۈتۈكچىلەرگە خەت يازدۇراتتى. بىراق بۇگۇنكى كۇندە يېزىقچىلىقنى يازغۇچىلارنىڭ ئىشى دەپ ئۆزى ھازىرلاشقا تېگىشلىك تەلەپنى باشقىلارغا يۇكلەپ قويۇشمۇ ناھايىتى كۈلكىلىك ھەم ئېچىنىشلىق ئەھۋال.
ھالبۇكى، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا يېزىقچىلىق دەرسى، يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغانلارنىڭلا ئىشى دەپ، بۇ دەرسكە سۈس قارايدىغان، بىر پارچە مەشىق ماقالىسى يېزىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلسا، يېزىقچىلىقتا ئاز- تولا ساۋادى بار ساۋاقداشلىرىغا ھاجەتمەن بولۇپ قالىدىغان ئىشلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. يېزىقچىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ، ئۆزى ئىشلىمىگەن خىزمەت ۋە پائالىيەتلەرنى ئوڭشاپ باشقىلارغا ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن ئادەم قانداقمۇ ئۆز ئالدىغا بىر ساھەدە ئىزدىنىپ نەتىجە قازىنىپ، مۇستەققىل بىر ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويالىسۇن؟ شۇنداق ئىكەن ، ئۆزى قىزىقىدىغان بىر كەسىپنىڭ سۆيۈپ، بىلىشى شۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدىغان ئادەمنى مۇككەممەل كەسىپ ئېگىسى دېيىش خاتا ! ئۆزى قىزىققان، كۈچى يېتىدىغان مەلۇم دەرسكىلا بېرىلىپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنى چەتكە قاقىدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئەلۋەتتە ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولالمايدۇ.
يېزىقچىلىق مەشىقى دەرسى- ئەدەبىيات دەرسىنىڭ موھىم بىر تەركىبى قىسمى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل- نوتۇق قابىلىيىتى، يېزىقچىلىق ماھارىتى، مۇھاكىمە – تەھلىل ئىقتىدارىنى يېتىلدۇ-رۇشتىكى موھىم ھالقا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەشتىكى ئەمەلىي ئۆلچەم.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى- ئوقۇتىشلا بولماستىن، بەلكى ئوقۇغۇ-چىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈشكە يېتەكلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىش-ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش داۋامىدا ھەرخىل ئۈنۈملۈك يوللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەييەن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تاللاشقا، ئېگىلەشكە ۋە ئۇنى قوللىنىشقا يېتەكلەپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇققىرى كۆتىرىش جەريانىغا قارىتىلغان.
نۆۋەتتە، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپمۇ ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردا ئۆز كەسپىگە يۈزەكى قاراپ ئوقۇتۇشقا چوڭقۇر چۆكمەيدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى، ئىستىتىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە سەل قارايدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا.
مەن تۆۋەندە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا يېزىقچىلىق دەرسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەم يېزىقچىلىق مەشىقى دەرسىدە ئوقۇ- غۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش ھەم ئۇلارنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارىنى قانداق يوققىرى كۆتىرىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
1. ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر.
(1)تەشكىللەش ئۇسۇلى ياخشى بولماسلىق.
يىل بېشىدىكى كالىندار پىلاندا، دەرسلىك تەلىپى بويىچە ھەر بىر يېزىش مەشىقى ئۈچۈن ئىككى سائەت ئەتىراپىدا ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. بۇۋاقىت ئەسلىدە خارەكتىرى ئوخشاش بولغان ئەسەرلەردىن ئۈلگە كۆرسىتىش، ژانىر ئالاھىدىلىكىنى ئەسلىتىش، ئەسەرنىڭ تېما دائىرسىنى بەلگىلەش، يېزىش مەقسەت- تەلەپلىرىنى چۈشەندۇرۇش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئاجىرىتىلغان. شۇنداقلا ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەر ئۈستىدە ئويلىنىشى ۋە يېزىشى ئۈچۈن بېرىلسىمۇ بولىدىغان ۋاقىت. لېكىن ئوقۇتقۇچىلار يېزىقچىلىق مەشىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز قىزغىنلىقى ئاساسىدا ئائىلىسىدە ئىشلەيدىغان مەشىق دەپ قاراپ، يېزىقچىلىق مەشىقى دەرسىدە مۇئەييەن مەقسەت ۋە نىشان بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىققا تەشكىللىمەيدىغان، شۇ سائەتلىك يېزىقچىلىقتىن خۇلاسە قىلماي يۈزە ئۆتكىزىۋاتىدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا.
(2) بەلگىلەنگەن ژانىر بويىچە يېزىش مەشىقى ئېلىپ بارماسلىق.
يىللاردىن بۇيان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۇش ئىمتىھانلىرىدا مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىش ھەم بايان ماقالىسى، نەسىر يېزىش قېلىپلاشقان ئاساسلىق تۈر بولۇپ قالغاچقا، ھېكايە، شئېر، نەسىر، ئوبزۇر يېزىش ئۈچۈن پىلانلىغان ئاساسلىق سائەتلەر نەسىر، مۇھاكىمە، بايان ماقالىسىغا ئالماشتۇرۇلدى. ھەتتا بەزى جايلاردا نەسىر، مۇھاكىمە ماقالىلىرىنىڭ تەلەپكە يەتكەن ئۈلگىلىرىدىن ئون- يىگىرمىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا يادىلاتقۇزىدىغان، ئوقۇغۇچىلار شۇ قېلىپ بويىچە ناھايىتى ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدىغان بولدى. شئېر- ھېكايە، ئوبزۇرلارنى يازالمايدىغان ھەتتا پەرىقلەندۇ- رەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەدەبىياتتىن جۈملىدىن يېزىقچىلىقتىن ئالغان نومۇرى خېلىلا كۆزگە كۆرىنەرلىك بولدى. نەتىجىدە ئەدەبىياتتىكى ئەمەلىي بىلىم بىلەن ئالغان نومۇر ئوتتۇرسىدا پەرق زورىيىپ كەتتى.
(3) پىروگىراممىغا ھۆرمەت قىلماي، پەنلەرنى خالىغانچە سېلىشتۇرۇش.
ئەدەبىيات دەرس پىروگىراممىسىدا ۋە دەرسلىك كىتاپتا بىر مەۋسۇمدە تۆت- بەش قېتىم يېزىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش ئورۇنلاشتۇ- رۇلغان. بۇ كىتاپ تۇزگۈچى خادىملارنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي تەجىرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى بولۇپ ھەقىقەتەن رىئال دەرس پائالىيىتىگە ئۇيغۇن. لېكىن بەزى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇشقا مەسئۈل خادىملار تاپشۇرۇق قېتىم سانىنى نوقۇل ھالدا ماتىماتىكا، خەنزۇ تىلى......... قاتارلىق پەنلەرنىڭ تاپشۇرۇق قېتىم سانى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئەدەبىيات دەرسىگە ئېغىر تاپشۇرۇق تەلىپى قويىۋالدى. تاشۇرۇق قېتىم سانىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئەدەبىيات پىرىنسىپىغا يات ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق ئەسەرلىرىگە چەك بەلگىلەپ بېرىدىغان ئىللەت سادىر بولدى. ( مۇھاكىمە ماقالىسى بىر بەت، نەسىر يېرىم بەت.....دېگەندەك) شۇنىڭ بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق مەشىقى بىر قېتىملىق ۋەزىپە تاپشۇرۇقىغا ئايلىنىپ قېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەپەككۇر قابىلىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇشكە سەل قارالدى.
(4) باھالاش جانلىق بولماسلىق.
مائارىپ باشقۇرۇشنىڭ قاتمال سەۋىيىدىن ھالقىپ كېتەلمەسلىكى، تۈرلۈك تەبىئىي ۋە ئىجدىمائىي شارائىتلارنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىرىنى يىغىۋېلىپ تەكشۇرەيدىغان، ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ خاس ھېس-تۇيغۇسى ۋە سەۋىيىسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بېرىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ خاھىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرەر بەت « ئەسەر» نى يازىدىغان، ئۆز قەلبىنى ئىپادىلەشنى بولسا ئويلاپمۇ باقمايدىغان ناچار ئىستىلنى شەكىللەدۇرىۋالدى.
يوقارقىدەك بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، خېلى يوققىرى مەكتەپلەرنىڭ دېپلومىنى ئالغان ئوقۇغۇچىلارمۇ يېزىق تىلىدا ئادەتتىكى مەسىلىلەرنى ئىپادىلەشتە خېلىلا قىينىلىدىغان بولۇپ قالدى، مەدەنىيەت قاپىقى بىلەن ئەمەلىي سەۋىيىسىنىڭ ماسلاشماسلىقى ساپا مائارىپى تەكىتلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە كىشىنى قايتا ئويغا سالىدىغان ئشقا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق مەشىقى دەرسىگە بولغان قىزىقىشى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىش ئىقتىدارىنى يوققىرى كۆتىرىشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
(1)يېزىش مەشىقى ئۇيۇشتۇرغاندا يازىدىغان تېما، يازدۇرۇشتىكى مەخسەت- مۇددىئا ۋە يېزىشقا قويۇلىدىغان تەلەپلەر ئەتىراپلىق چۈشەندۈرۈلگەندىن تاشقىرى، شۇ خىل ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەسلىتىپ، بىرقانچە ئۈلگىلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، يېزىش ئۈچۈن ئاساس ھەم شۇ خىل ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە مەنىۋى كەيپىيات يارىتىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا چوقۇم مۇكەممەل بولغان نەزىرىيىۋى ئاساس ھەم ئەمەلىي يېزىقچىلىق ساپاسى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ھەجۋى رەسىم، فوتو سۈرەت ۋە باشقا ئەمەلىي ۋاستىلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى چۈشەندۈرۈش ماقالىسى، بايان ماقالىسى، مۇھاكىمە ماقالىسى، نەسىر قاتارلىقلارنى يېزىشقا ئۇيۇشتۇرۇش، ساياھەت ئورۇنلىرى، مۇزىيخانا، ئۈمۈد مەيدانلىرى، باغچە-ئارامگاھ، ئورمان، تاغ-دەريا، كۆللەرنى ئايلاندۇرۇپ، مەنزىرە تەسۋىرى، نەسىر يېزىشقا تەشكىللەش، بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى كۆپ خىللاشقان جەمئىيەت تاپشۇرۇقى يەنى ئۆز رايۇنىدىكى خەلق مەيدانلىرى، موزىيخانا، مەكتەپلەرگە كېلىش ۋە كېتىش جەريانىدا ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرلەش........قاتارلىق تاپشۇرۇق شەكلى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
(2)تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ قاتماللىقىنى تۈگىتىش، ئوقۇتقۇچى ئۆزى باش چۆكىرىپلا باھالاش ئېلىپ بېرىشتىن ھالقىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى يېزىلغان ئەسەرلىرىنى تاللاپ گۇرۇپپىلار بويىچە سىنىپ كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوقۇتقۇچىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا باھالاش، كوللىكتىپ ئورتاق پىكىر قاتناشتۇ- رۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەنى پارالىللار يىغىلىشىدا، مەكتەپ رادىئو ئۇزىلىدا، مەكتەپ ئەدەبىيات كۇرژىك دوسكىسىدا ھېچ بولمىغاندا سىنىپ ئىچىدە ئوقۇپ مۇئەييەنلەشتۇرۇش، شارائىت يار بەرسە ئۆز رايۇنىدىكى گېزىت ھەم ژورناللاردا مەخسۇس ئېلان قىلدۇرۇش توختامى تۈزەپ ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىش ماھارىتىگە ئىلھام بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق مەشىقى دەرسىنى جانلىق كەيپىياتقا ئىگە قىلغىلى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزڭقچقلىققا بولغان قىزىقىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەرگىلى بولىدۇ.
(3) پىرۇگىرامما ۋە دەرسلىكنىڭ تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىش.
مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى دەرسلىكنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يېزىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش، دەرسلىكتىن سۆزلەنگەن نەزىرىيە، كۆرسىتىلگەن ئۇلگە ئاساسىدا ئەسەر يازدۇرۇش لازىم. بەت سانى بەلگۈلەپ بېرىش، ژانىر ئالماشتۇرۇش..... قاتارلىقلار پەقەت ۋاقىتلىق ئېھتىياجى ۋە شەكىلنىڭ تەلىپى بولۇپ، مىللەت ۋە خەلقنىڭ ئىزباسارلىرىغا نىسبەتەن بۇنداق «كۆۋرۇكتىن ئۆتىۋىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىش تولىمۇ نادانلىق ھەم ئەخماقلىقتۇر. ئەدىبىيات-سەنئەتنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلماي تەبىئىي پەنلەرنىڭ قېتىم سانى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ھەقىقىي ئەدەبىي ئىقتىدار يېتىلدۇرۇشكە سەل قاراش تولىمۇ ھاماقەتلىكتۇر. بۇ پەن تۇرىگە سەل قاراپ، نوقتىلىق يېزىقچىلىق مەشىقى دەرسى ۋاقتىغا كەم قالغان دەرسلەرنى تۇلۇقلايدىغان ئوقۇتقۇچى تولىمۇ ساختا ۋە بىكۆيۈم ئوقۇتقۇچىدۇر.
يېزىش مەشىقى قىلدۇرۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۈچۈنلايېزىش ئەمەس، بەلكى ھېرىپ چارچاشتىن قورۇقماي ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ ھەم ئىزدىنىپ، مۇكەممەل ئەسەر بولغىچە توختىماي يېزىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يېزىقچىلىق مەشىقى دەرسىنى جانلىق كەيپىياتقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى، يازما تىل ۋە نوتۇق قابىلىيىتىنى يۇققىرى كۆتىرىش مەقسىتىگە يېتىشتە يۇققىرىدا كۆرسىتىلگەن نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەيئىلەرنى كۈزىتىش ئىقتىدا- رىنىمۇ يۇققىرى كۆتىرىشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى شەيئىلەرنى كۈزىتىشكە يېتەكلەشىنى يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يۇققىرى كۆتىرىشنىڭ، يېزىق تىلى ۋە نوتۇق قابىلىيىتىنى يۇققىرى كۆتىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يۇققىرى كۆتىرىشتە ئوقۇتقۇچى چوقۇم كۈزىتىش ھەم كۈزىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى ياخشى يەتكۈزىشى ھەم ئەمەلىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا ياخشى يېتەكلەش كېرەك.
كۈزىتىش-ئوبىكتىپ تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى بىلىشتىكى بىر خىل سەزگۈ پائالىيىتى. ئۇ، تەپەككۇر تەسىرىگە ئۇچىرايدىغان، ئوبىكتىپ بىلەن سوبىكتىپ بىرلەشتۈرۈلگەن بىلىش جەريانى، كۈزىتىش ئوبىكتى بەلگىلىك دەرىجىدە مۇقىم خاراكتىرگە ئېگە. لىكىن كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسىياتى بىلىم سەۋىيىسى، بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئوخشاش بىر كۈزىتىش ئوبىكتىدىن چىقىرىلغان يەكۈنمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
كۈزىتىشتە كۈزىتىش ئوبىكتى بىلەنلا چەكلەنمەي، بەلكى يەنە ئاڭلاش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، تېتىش سېزىمى، تېرە سېزىمى قاتارلىقلارمۇ ئىشقا سېلىنىشى لازىم. ئاتاقلىق يازغۇچى ۋاڭ مىڭ باھار يامغۇرىنى كۈزىتىش ئارقىلىق: « سەن يامغۇرنى كۆردىڭ، بۇ بىر كۆرۇش ئوبرازىدىن( سېزىمى) دىن ئىبارەت. بۇ يامغۇر بەلكى سىم- سىم يامغۇر بولىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ بىر قېتىملىق باھار يامغۇرىدۇر. ئۇ چېلەكلەپ قۇيغاندەك ياغىدىغان ياز يامغۇرى ئەمەس. سەن بەلكى سوۋۋىغاندەك ھېس قىلىشىڭ مۇمكىن. بەزىدە يامغۇر ياققاندىن كېيىنكى پاتقاقنىڭ پۇرىقى ھەتتا دەرەخ يوپۇرماقلىرى ۋە گۈللەرنىڭ رەڭگى، پۇرىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش يۈزبېرىدۇ. يامغۇر ياققاندا بەزى كىشىلەردە خوشاللىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ دېھقان بولسا خوشاللىق ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى، يەنە نۇرغۇن جايلىرى يامغۇرغا مۇھتاج. ئەگەر چارۋىچىلىق رايۇنلىرى بولسا، باھار يامغۇرىغا بولغان تۇيغۇ تېخىمۇ سەزگۈر بولىدۇ. بىر قېتىملىق باھار يامغۇرىدىن كېيىن ھەممە جاي ياپ- يېشىللىق بىلەن قاپلىنىدۇ. ھەتتا كالا، قوي، چارۋىچىلارمۇ ئۆزىنى ئىنتايىن خوشال ھېس قىلىدۇ. شۇڭا يامغۇر ئادەتتىكى بىر خىل تەبىئەت ھادىسىسى بولسىمۇ، ئۇ سېنىڭ كۆرۈش سېزىمىڭ، ئاڭلااش سېزىمىڭ قاتارلىق مۇرەككەپ سېزىم (تۇيغۇ) لىرىڭدىن ئايرىلالمايدۇ. » دىگەن.
كۈزىتىش- مەقسەتلىك كۈزىتىش ۋە مەقسەتسىز كۈزىتىش دەپ ئىككى خىلغا بولىنىدۇ.
يازغۇچىنىڭ رىئال تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئىگە بولغان ماتىرىيالى ئاساسەن مەقسەتلىك كۈزىتىش ئارقىلىق بولىدۇ. ئۇ، مەقسەتلىك پىلان بولغان بىر خىل ئاڭلىق پائالىيەت.
مەقسەتسىز كۈزىتىش- تاسادىبىي ئەھۋال ئاستىدا بولغان بىر خىل كۈزىتىش. ماتىرىيالغا ئىگە بولۇش نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا بۇ ئىككى خىل كۈزىتىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىنتايىن زۆرۇر. بۇنداق كۈزۈتىشتە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، شەيئىلەنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك. چۈنكى مەيلى ئادەم ياكى كۈزىتىش بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇنداق ئالاھىدىلىك شەئىيلەرنىڭ پەرىقلىق خارەكتىرىدە بولىدۇ. كۈزىتىشتە ئالدى بىلەن بۇنداق پەرقلەرنى تۇتۇش لازىم. ئىككىنچىدىن، شەيئىلەردىكى بىر پۇتۇنلىكنى كۆرىۋىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى تەسۋىرلەركىشىگە بىر ئومۇمىي چۈشەنچە بەرگەندىلا، ئاندىن تەسۋىرلەنگەن ئادەم ياكى شەئىيگە ئەتىراپلىق ۋە مۇۋاپىق باھا بەرگىلى بۇلىدۇ. ئۇچىنچىدىن: ئادەم ۋە شەئىيلەرنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆزگىرىش يۈز بىرىشنىڭ باش-ئاخىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۈزىتىشتە يەنە تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۇر.
1.پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. ئوبىكتىپ تۇرمۇش ھادىسلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ. يۈزەكى كۈزەتكەندە، كۆپىنچە توغرا بولماي قالىدۇ. شۇڭا موھىم نوقتىلار ئۈستىدە ئەستايىدىل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش كېرەك.
2.كۈزىتىشتە ئەستايىدىل بولۇش كېرەك. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ چىنلىقى- تەسۋىرنىڭ توغرىلىقىدا بولىدۇ. بۇ كۈزىتىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. لۈشۈن ئەپەندى”ھەرقانداق شەئىيگە نىسپەتەن كۈزىتىش توغرا، چوڭقۇر، ئەتىراپلىق بولغاندىلا ئاندىن قەلەم تەۋرىتىش ئاسان بولىدۇ “،”يازغۇچىنىڭ ئىجدىمائىي تەجىرىبىسى چوڭقۇر بولمىسا، كۈزىتىشى يېتەرسىز بولسا ئوخشاشلا زور بەدىئىي ئەسەرنى ھۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ “ دىگەن.
3.كۈزىتىش بىلەن ئەستە قالدۇرۇش زىچ مۇناسىۋەتلىك.
كۈزىتىشتىن مەقسەت- يېزىقچىلىق ماتىرىيالىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈندۇر. شۇڭا مەيلى كۈزىتىلىدىغان ياكى كۈزىتىلگەن نەرسە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتىرسىنى چوڭ مېڭىدە قالدۇرۇش كېرەك. كىمنىڭ ئېسىدە كۆپ ۋە تىز قالسا، شۇنىڭ يېزىقچىلىق ئۈنۈمى مول بولىدۇ.
4.كۈزەتكەندە يېڭىچە بايقاشقا ئىگە بولۇش لازىم. ماتىرىيال تاللاشتا باشقىلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغاندا، ماقالە- ئەسەردە ھېچقانداق يېڭىلىق بولمايدۇ.
5.كۈزەتكەندە ئوخشاش بىر شەيئىنى ئوخشاشمىغان ئورۇن، ۋاقىت ۋە ئوخشاشمىغان نوقتىلاردىن كۈزىتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئوخشىمىغان يەكۈن ۋە تەسىراتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
كۈزىتىش ئىقتىدارى- كۈزىتىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشقا كاپا- لەتلىك قىلىدىغان بىر خىل پىسخېك ئالاھىدىلىك. ئۇنى يېتىلدۇ- رۇشتە توۋەندىكى نوقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
(1) قىزىقىش پەيدا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
قىزىقىش- مەلۇم بىر خىل شەيئىنى پائال تەكشۈرۈشتە زۆرۇر بولغان ئاڭ مايىللىقى. كۈزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۇرۇش دەل مانا مۇشۇ خىل ئاڭ مايىللىقىنى كۈچەيتىش ۋە بۇ ئىچكى ئامىلنى قېزىشتىن ئىبارەت. ئېينىشتېيىن:”قىزىقىش- ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇ- چىدۇر“ دىگەن. ئەگەر بىر كىشىدە ئۆز ئىشىغا نىسبەتەن ھېچ قانداق قىزىقىش بولمىسا، ئۇنىڭ ئۇ ئىشتىن نەتىجە ھاسىل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.
قىزىقىش تۇغما ئەمەس. ئۇ ئەمەلىيەت ۋە ئېھتىياج ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. پوتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆرمىگەن كىشىنىڭ پوتبول ھەۋەسكارى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. دىمەك، قىزىقىش- كۈزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۇرۇشتىكى موھىم ئامىل.
(2) تەرتىپ بىلەن تەدىرىجى ئىلگىرلەش كېرەك.
كۈزىتىش قابىلىيىتى بىر- ئىككى قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىقلا شەكىللىنىپ قالىدىغان ئاددىي نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭغا بىر جەريان كېرەك. ئاساندىن قىيىنغا، ئاددىيدىن مۇرەككەپكە ھادىسىدىن ماھىيەتكە، تېشىدىن ئىچىگە، سەۋەپتىن نەتىجىگە ئۆتۈش جەريانىدا كۈزەتكۈچىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە مۇستەققىللىقى تەدىرىجىي يوققىرى كۆتىرىلىدۇ.
(3) ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش لازىم.
كۈزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۇرۇش بەلگىلىك بىلم، ئىلم- پەن، تېخنىكا ئىگىلەشتىن سىرىت، يەنە ئۇزاق مۇددەتلىك مەشىق ۋە كۈزىتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشقا مۇھتاج. بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، كۈزىتىش مەشىق پىلانى تۈزۈش، پىلاننى تەرتىپ بويىچە تەدىرىجىي ئىلگىرلەش ئۇسۇلى بويىچە يېزىش كېرەك. كۈزىتىش پائالىيىتىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرمىغاندا، كۈزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۇرگىلى بولمايدۇ. ئىككىمچىدىن، كۈزىتىشتىن خاتىرە قالدۇرۇشقا دىققەت قىلىش زۆرۇر. چۈنكى كۈزىتىش نەتىجىسى يېزىق بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، كۈزەتكۈچى قەلەم بىلەن خاتىرە دەپتەرنى يېنىدىن ئايرىماسلىقى لازىم. خۇددىي يازغۇچى ماۋدۈن ئېيىتقاندەك: مەيلى قەيەرگە بارمايلى، ھەممىسىدە قۇلاق ئوچۇق، كۆز روشەن بولۇش، كاناي چالغۇچى ئەسكەر- دەك ھۇشىيار بولۇپ، كۆرگەن، ئاڭلىغان، ھېس قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى خاتىرلەش كېرەك.
كۈزىتىش خاتىرىسى ئۇزۇنمۇ، قىسقىمۇ بولىدۇ، چوڭقۇرمۇ، تېيىزمۇ بولىدۇ. ئادەمنى يېزىشقىمۇ، شەيئىنى يېزىشقىمۇ، جىمجىتلىقنى يېزىشقىمۇ، ئۆزگەرگەن ھالەتنى يېزىشقىمۇ بولىدۇ. بۇنداق خاتىرە يېزىقچىلىقنىڭ ئەڭ ياخشى خام ماتىرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
ھەركۈنى كۈزىتىش خاتىرىسى يېزىش- تەپەككۇرنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئەقلىي قابىلىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يازما ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى يوققىرى كۆتىرىشكىمۇ پايدىلىق.
دىمەك، كۈزىتىش بىلەن يېزىقچىلىق ئىقتىدارى دىئالىكتىك بىرلىك مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يوققىرى كۆتىرىش ئۈچۈن يېزىقچىلىق مەشىقى ئېلىپ بېرىشتىن سىرت يەنە ئەڭ ياخشى بولغان كۈزىتىش ئۇسۇلى ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش كېرەك. شۇڭا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا بۇ نوقتىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىگەندە دەۋىر رىقابىتىگە ماسلىشالايدىغان ساپالىق ئەۋلاتلاردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش مەقسىتىگە يېتەلىگەن بولىدۇ.
(تەھرىر : قۇياش ئوغلى)
«باشلانغۇچ مەكتەپ ماقالا مەشىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارن»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: تاپشۇرۇق بىرىپ خۇلاسىلاشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىللە
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يې
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمس
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يې
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگ
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆرد
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
eli0996 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-16 12:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-20 15:03
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈ
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە يېمەك
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئا
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە–ئەخلا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ