ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

ئىرادىسىز ئوقۇغۇچى قانىتى يوق قۇشقا ئوخشايدۇ

ۋاقىت : 2012-02-15 23:27 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئىرادىسىز ئوقۇغۇچى قانىتى يوق قۇشقا ئوخشايدۇ

 

غالىب مۇھەممەد قارلۇق

 

ئىرادىسىز ئوقۇغۇچى قانىتى يوق قۇشقا ئوخشايدۇ
 

 

 

بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىياتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ تۇرمۇش سەۋىيەمىز ياخشىلاندى. نورمال ياشاش تەلىپىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدۇق. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كىشىلىرىمىزدە راھەتپەرەسلىكمۇ ئەۋج ئالدى. بالىلاردىمۇ جاپادىن قېچىپ راھەتكە بېرىلىدىغان، تەييارغا ھەييار بولىدىغان، مېھنەتسىز نەتىجىنى ئارزۇلايدىغان جىسمانىي ۋە روھىي بوشاڭلىق پەيدا بولدى.

ئىرادىسىزلىك بىر خىل ئىللەت، ئۇ ئىنساندىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى بوغىدۇ. تالانتنى ئىسراپ قىلىدۇ، ھاياتنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، ئىستىقبالنى قاراڭغۇلاشتۇرىدۇ، روھىيەتنى كاردىن چىقىرىدۇ. ئىرادىسىزلىكتىن ھەتتا مىللەت ناباب بولىدۇ. ئەكسىچە ئىرادىلىك بولۇش ئادەمدىكى ئەڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، غايەت زور ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، ئىشەنچ ۋە ئىستىقبالنى نۇرلاندۇرىدۇ، ئىنساننى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، مىللەت ۋە خەلقنى قۇدرەتلىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلاردىكى ئىرادىسىزلىك خاھىشى ۋە ئىپادىلىرىگە دىققەتنى ئاغدۇرۇپ، ئۇلارغا بولغان ئىرادە تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

بىر ئاتا ئوغلى ئوقۇشقا قىزىقمىغاندىن كېيىن:

− ئوقۇمىساڭ مەيلى، ئەتىدىن باشلاپ، دېھقانچىلىق قىلغىن، - دەپتۇ. بۇ دېھقانچىلىقنىڭ تازا ئالدىراش مەزگىلى ئىكەن. ئوغلى ئەتىسىدىن باشلاپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىپتۇ. ئەمما 3-كۈنىگە كەلگەندە دېھقانچىلىقمۇ ئوغۇلغا ئېغىر تۇيۇلۇپتۇ. بۇ چاغدا ئاتا: داۋاملىق ئوقۇمسەن ياكى دېھقانچىلىق قىلامسەن؟ - دەپ سوراپتىكەن، ئوغلى:

− يەنىلا ئوقۇغىنىم تۈزۈككەن، - دەپتۇ.

− شۇنداق، ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق جاپاسى بار، ئوغلۇم، - دەپتۇ ئاتا كەينىدىنلا، - «سەن ئوقۇشنىڭ ئاز - تولا جاپاسىنى دەپلا ۋايسىساڭ بولمايدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىڭ». بۇنىڭدىن ئاتىنىڭ تەربىيە مېتودى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىرادە تەربىيەسىگە ئائىت جانلىق «دەرس» چىقىپ تۇرىدۇ. دېمەك، بالىلىرىمىزدىكى ئىرادە سۇسلۇقىغا قارىتا، «جاپا تارتقۇزۇش تەربىيەسى»نىڭمۇ مۇئەييەن زۆرۈرىيىتى ھەم قىممىتى بار، جۈملىدىن، بالىلارغا ئىرادە تەربىيەسى بېرىشنىڭ شارائىتى ھەم پۇرسىتىمۇ ھەر قاچان ھەريەردە بار. جۇڭگونىڭ مۇتەپەككۇرى لياڭ چىچاۋنىڭ «كەسىپنىڭ يۇقىرى - تۆۋىنى يوق» دېگەن گېپى بار. دېھقانچىلىق ھالال كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقانداق كەسىپتىن قېلىشمايدۇ. يۇقىرىقى سۆزدە ئاتا دېھقانچىلىقنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن كۆرمىگەن، بەلكى، ئىرادە تەربىيەسىنى ئۇستىلىق بىلەن بەرگەن. يەنە بىر جەھەتتىن بالىلارنىڭ زوقى ھەم قەلبىنى مەرىپەتكە ئۈندەشتىن ئىبارەت ئاتىلار بۇرچى ئىشارە قىلىنغان.

«ياغ ئىچىدىكى بۆرەك» تەك چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىزنى ئاز - تولا جاپامۇ تارتقۇزۇپ قويايلى، ئۇلارمۇ ئەجىر - مېھنەتنىڭ قەدرىگە يەتسۇن. بالىلىرىمىزنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تەشكىللەيلى، روھى ئۇرغۇسۇن، ۋۇجۇدى تاۋلانسۇن. بالىلىرىمىز ئۆگىنىشنىلا بىلىپ قالماي، ئىرادە تىكلەشنى، ئىرادىلىك بولۇشنىمۇ ئۆگەنسۇن. چۈنكى، «ئىرادىسىز ئوقۇغۇچى قانىتى يوق قۇشقا ئوخشايدۇ» ئەمەسمۇ؟!

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(6)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ