ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

مۇئەللىم ، سىز لاياقەتلىك ئاسسىست

ۋاقىت : 2010-03-17 21:58 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
مۇئەللىم ، سىز لاياقەتلىك ئاسسىستېنتمۇ ؟



پاتىمە ئەيسا


  قىزىم، چىرايىڭىز نېمانچە تاتىرىپ كەتتى؟ ئېلىڭ، ماۋۇ چايدىن بىر ئوتلىۋېلىڭ.

    ئانا، جىددىيلىشىپ كېتىپ بىلىدىغان سوئاللارنىمۇ يازالمىدىم، – خاسىيەت شۇنداق دېگىنىچە ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى.

  قىزىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئالايىتەن ئاتۇشتىن كەلگەن بۇئايشەم ھەدە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، قىزىنىڭ يىغىسىغا قوشۇلدى، ئەتراپتىكىلەرنىڭمۇ ئۇلارغا قاراپ كۆڭلى يېرىم بولدى. خاسىيەت نېمىشقا بىلىدىغانلىرىنى يازالمىدى؟

  ئەسلىدە ئىش مۇنداق بولغانىدى: خاسىيەتنىڭ خىمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە پەنلىرىدىكى نەتىجىسى ئۈچ يىل جەريانىدا ئىزچىل مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ پەنلەردىكى ئىمتىھاننى چوقۇم ياخشى بېرىشكە ئىشەنچىسى بار ئىدى، ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ پەنلەردىن يۇقىرى نومۇر ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئويلىمىغان يەردىن، ئىمتىھان نازارەتچىسىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى توشۇشقا 40 مىنۇت قالغاندىن باشلاپ، ۋاقىتنىڭ ئاز قالغانلىقىنى، بىلىدىغانلىرىنى تېزرەك يېزىشنى ئارقا – ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم ئەسكەرتىشى بىلەن خاسىيەت جىددىيلىشىپ قالدى، بىلىدىغانلىرىنى يازاي دېسىمۇ، قولى تىترەپ، قەلەمنىمۇ ئوبدانراق تۇتالمىدى، ئىمتىھان ۋاقتى توشۇشقا 15 مىنۇت قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەندە، كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ، ھېچقانداق سوئالنى ئېسىگە ئالالمىدى.

  بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، بەزى ئىمتىھان نازارەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ئىمتىھان مەيدانىدا بەزى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئوقۇغۇچىلار زىيادە جىددىيلىشىپ، بىلىدىغان سوئاللىرىغىمۇ ياخشى جاۋاب بېرەلمەيدىغان يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئاندا – ساندا كۆرۈلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىمتىھانغا قاتناشقان فەرۇخ، سۈن لىلار بىر ئىمتىھان نازارەتچىسى ئۇياقتىن – بۇياققا مېڭىۋەرگەچكە، ئاياغ تىۋىشىدىن جىلى بولۇپ، دىققىتىنى يىغالمىغانلىقىنى، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نازارەتچىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىمتىھان قەغىزىگە پات –  پات قاراپ قويغانلىقىدىن جىلى بولۇپ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.

  ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار پسىخىك جەھەتتە ئاجىزراق كېلىدۇ، بولۇپمۇ ھاياتىدىكى زور بۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىغان بۇنداق چوڭ ئىمتىھانلاردا ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ، جىددىيلىشىدۇ. ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ چارچىغان، جىددىيلىشىپ تۇرۇۋاتقان بالىلارغا ئىمتىھان مەيدانىدىكى بىرەر كىچىك  ئىشمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن، ئىمتىھان مەيدانىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىمتىھاننىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئىمتىھان نازارەتچىسى ئۆزىگە ‹‹مەن لاياقەتلىك ئىمتىھان نازارەتچىسىمۇ؟›› دېگەن سوئالنى قويۇپ،  ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئازادە، خاتىرجەم مۇھىت يارىتىپ، كىچىككىنە مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن، باشقىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى زۆرۈرمۇ، قانداق؟!

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىمتىھان مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى قاتارلىق بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلاردا ئىمتىھان نازارەتچىلىرى ئىمتىھاندىن ئىلگىرى مەخسۇس تەربىيىلىنىپ، ئىمتىھان مەيدانىدا يۇقىرىقىدەك ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ئۆگىتىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز ۋە قېرىنداش ئۆلكىلەرنىڭ ئىمتىھان نازارەتچىلىرى بەلگىلىمىسىدىمۇ ئۇلارنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى توشۇشقا 15 مىنۇت قالغاندا، ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقىتنى، ئاخىرقى ئىككى مىنۇتتا ئىسىم فامىلىسى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى قاتارلىقلارنى يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتىش، ئىمتىھان مەيدانىدا ئۇياقتىن –  بۇياققا كۆپ ماڭماسلىق، بەك ئۈنلۈك تىۋىش چىقىرىدىغان ئاياغلارنى كىيىپ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرمەسلىك، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىمتىھان قەغىزىگە قاراپ تۇرۇۋالماسلىق قاتارلىقلار توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمىلەر بار ئىكەن. بەلگىلىمە  تۇرۇپ،  ياخشى ئىجرا قىلىنمىسا، سەۋەبىنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟

  بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياغلاشتى، لېكىن، بۇنداق ئىمتىھان ھەر يىلى ئېلىنىدۇ. بەزى ئىمتىھان نازارەتچىلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى نەزەرگە ئىلماي، ئىمتىھان ۋاقتى توشۇشقا 30 – 40 مىنۇت قالغاندىن تارتىپ، ۋاقىتنى توختىماي ئەسكەرتىۋەرسە، تىۋىش چىقىرىپ ئۇياقتىن – بۇياققا كۆپ ماڭسا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ، يازغىنىغا قاراپ تۇرۇۋالسا، ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار جىددىيلىشىپ بىلىدىغانلىرىنىمۇ تولۇق يازالمايدۇ. ئىمتىھان نازارەتچىلىرىنىڭ كىچىككىنە مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقى بىكار بولىدۇ، ھەتتا بىر ئۆمۈرلۈك تەقدىرى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ئىمتىھان نازارەتچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگە ‹‹مەن لاياقەتلىك ئىمتىھان نازارەتچىسىمۇ؟›› دېگەن سوئالنى قويۇپ، ئىمتىھان مەيدانىدا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆزىدە لاياقەتلىك ئىمتىھان نازارەتچىسىگە خاس ساپا يېتىلدۈرۈشى، ئىمتىھان بېرىۋاتقان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارغا ھەقىقىي كۆيۈنۈپ، ئىمتىھاننىڭ ئازادە مۇھىت ئىچىدە تەرتىپلىك، بىخەتەر ئېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى  2009– يىل6– ئاينىڭ17– كۈنىدىكى سانىدىن ئىلىندى.
 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(1)
100%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ