ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى
ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۇرۇشنىڭ ئاساسى
مۇبارەك ئابلىمىت
مەن يېڭى دەرسخانا قانداق جاي؟ دېگەن كىتابنى ئوقۇپ چىقىپ، ئۆزۈمنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىغا قايتا نەزەر سېلىپ، ئۆز - ئۆزۈمگە ئون نەچچە يىللىق بالا تەربىيىلەش جەريانىدا زادى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئاكتىپچانلىقىنى قانچىلىك جارى قىلدۇردۇم؟ دېگەندەك سوئاللارنى قويۇپ باقتىم.
بۇ كىتابتا يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى قېلىن تام ئۆرۈۋېتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلىشىپ، تۈرلۈك تېمىلاردا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشەلەيدىغان، ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىنى تۆكەلەيدىغان، يولۇققان مۈشكۈلاتلىرىغا ئوقۇتقۇچىدىن مەسلىھەت سورىيالايدىغان بولىدۇ دېيىلگەن.
مېنىڭچە بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە شۇ دەرىجىگە يېتەلىسەك، ئۇ ھالدا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ تەشكىلسىزلىكىدىن، دەرس ئوقۇماي كەلگەنلىكىدىن، بىز بىلەن تىغمۇ تىغ تۇرۇپ ئېلىشىشىدىن ئەنسىرىمىگەن، ۋايسىمىغان بولاتتۇق. ئەپسۇسكى، بىز جۈملىدىن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئابرۇيىمىزنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىشنى، سىردىشىشنى ئانچە خالاپ كەتمىدۇق. ياكى سىرداشقان تەقدىردىمۇ ناھايىتى يۈزەكى، شەكلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، يەنىلا شۇ قېلىن تامنى ساقلاپ قالدۇق.
بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىز بىلەن سىردىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بىزدىن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتتى. نەتىجىدە ئۇلار بىزنى دوست، سىرداش، مەسلىھەتچى، ھەدە، ئاپا، ئاكا، دادا ئورنىدا ئەمەس بەلكى دۈشمەن ئورنىدا كۆرىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.
بۇ مەسىلىلەر بىز ئوقۇتقۇچىلارنى زادى قانچىلىك ئويلاندۇردى؟ بىز بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇل - چارىلىرى ئۈستىدە زادى قانچىلىك ئىزدەندۇق؟ بۇ بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەل قىلىشقا، ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە.
ئەگەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالىساق ھازىرقى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا تەكىتلىنىۋاتقان يېڭى دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار قوشۇمچە رولى بولماستىن، بەلكى پائالىيەتنىڭ سۇبيېكتى دېگەن ئاساسىي تەلەپنى تولۇق ئورۇنداپ كەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار دەرسلىك بىلىملىرىدىكى ئۆزى گۇمانلانغان، ئۆزى ئۈچۈن سىر بولۇپ كېلىۋاتقان سوئاللارنى ئوقۇتقۇچىلاردىن دادىللىق بىلەن سورايدىغان، ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزغىن ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن تېخىمۇ مول بىلىملەرنى ئىگىلەشكە قىزىقىدىغان ياخشى كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ -دە، بۇنىڭ بىلەن ھازىرقىدەك ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش قىل دەپ كەينىگە كىرىۋالىدىغان ئەھۋال ئۆزگىرىپ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىدىن تېخىمۇ كۆپرەك پەننىي بىلىملەرنى بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ، دەپ قارايمەن.
مۇشۇ خىل ئەھۋال شەكىللەندۈرەلىسەك، بىز ئوقۇتقۇچىنى ئەمەس بەلكى ئوقۇغۇچى بىزنى ئالدىغا سېلىپ، تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىم بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى.
(تەھرىر : بەشتاش)
«ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يې
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمس
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يې
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگ
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆرد
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈ
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە يېمەك
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئا
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە–ئەخلا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ