ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

تور دۇنياسىدىكى 10 كىلاسسىك ئۇرۇش

ۋاقىت : 2014-10-22 22:32 | مەنبەسى : ئەرقال | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
تور دۇنياسىدىكى 10 كىلاسسىك ئۇرۇش
 
تور دۇنياسىدىكى 10 كىلاسسىك ئۇرۇش
TOP10  بەيدۇ دەسلەپتە ئادەمنى قانداق يىغقان؟

بەيدۇ ئۆز ۋاقتىدا بازارنى ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىگىلىگەنمۇ، ئىزدەش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن گۇگىلدىن ياخشىمىدى؟ ياق. ئۇ ۋاقىتتا بەيدۇنىڭ MP3 ئىزدەش  ئىقتىدارى بار ئىدى. ئىشلەمچى بالىلار ھەرگىز مەن بەيدۇنىڭ ئىزدەش موتورى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىزدەش موتور تېخنىكىسىدىن پايدىلاندىم دېمەي بەلكى ناخشىنى ھەقسىز ئاڭلىغىلى ۋە چۈشۈرگىلى بولىدىغان  بىر تور بېكەت بار ئىكەن، سەنمۇ سىناپ باق دېيىشەتتى. مۇشۇنداق بىر ئاددىي سەۋەب بارغانسېرى كۆپ بەيدۇ ئىشلەتكۈچىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بۈگۈنكى بەيدۇنى بارلىققا كەلتۈردى.

QQ TOP9 قانداق قىلىپ ھەقسىز مۇلازىمەتتىن پۇل تاپالىدى؟

ھازىر جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاساسەن QQ نومۇرى بار، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا بىر قانچىسى بار.  كۆپ قىسىم كىشىلەر QQ دىن پايدىلىنىپ ھەقسىز پاراڭلىشىدۇ. لېكىن QQ نىڭ كۆك ياقۇت، يېشىل ياقۇت، ئويۇن ئويناش قاتارلىق كۆپ خىل قوشۇلما مۇلازىمىتى بار. ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئويۇن ئويناش QQ نىڭ ئاساسى مۇلازىمىتى بولۇپ ھەقسىز ئوينايدۇ. لېكىن پۇخادىن چىققۇچە ئويناش، ياكى باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن QQ جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىشى كېرەك.

TOP8 شىياۋمى قانداق قىلىپ ئەنئەنىۋى يان تېلېفون شىركەتلىرىنى مەغلۇپ قىلالىدى؟

شىياۋمى قانداق قىلىپ ئەنئەنىۋى يان تېلېفون شىركەتلىرىگە بۇنچە ئېغىر زەربە بېرەلىدى؟ ئەمەلىيەتتە شىياۋمىنىڭ ئەندىزىسى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ھەقسىز ئالاقە تور قاتتىق دېتال ئۇقۇمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. شىياۋمىنىڭ تېلېفونلىرى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، بۇلار قاتتىق دېتال سودىسىنى مۇستەقىل بىر سودا دەپ قارىمىغان. ئىشلەتكۈچىلەر تېلېفوندا كىنو كۆرىدۇ، ئويۇن ئوينايدۇ. كىنودىن ئېلان كىرىمى كىرىدۇ، ئويۇن ئوينىغانلار ھەق تۆلەيدۇ. شۇڭلاشقا شىياۋمى تېلېفونىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن، قاتتىق دېتال سېتىپ پۇل تاپىدىغان تىجارەت ئەندىزىسى قاتتىق زەربە يېدى.

TOP7  ئۈندىدار قانداق قىلىپ ئەنئەنىۋى شىركەتلەرنى مەغلۇپ قىلالىدى؟  

ئۈندىدار گەرچە ھەقسىز بولسىمۇ، لېكىن تېڭشۈن ئىنتايىن كۆپ مەبلەغ سالدى. چۈنكى ئۈندىدار تېڭشۈن ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليون ئابونېنت يىغىپ بېرەلەيدۇ. مۇشۇنداق بىر غايەت زور ئىشلەتكۈچىلەر توپى بولغاچقا، تېڭشۈن ئۈندىدارغا O2O ياكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى قېتىپ پۇل تاپالايدۇ.  توردا بىر ئويۇن (游戏) چىقىرىپلا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى «ئايروپىلان سوقتۇرۇپ» پۇل تاپالايدۇ. شۇڭلاشقا تېڭشۈن كەلگۈسىدە ئۈندىدار ئابونېنتلىرىدىن يىلدا نەچچە 10 مىليارد يۈەن پۇل تاپالايدىغان بولۇپ، بۇ خەۋەرلىشىشكە تايىنىپ پۇل تېپىشتىن كۆپ ئاسانغا توختايدۇ.

TOP6 360  قوغدىغۇچىسى قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى؟

2006-يىلى 360 يېڭى پەيدا بولغاندا سودا قىلىش مۇددىئاسى يوق ئىدى. ئۇ دەۋردە ۋاڭيى (网易) دىن باشقا ئالاقە تور شىركەتلىرى يۇمشاق دېتاللىرىنى قىستۇرۇپ، ئابونېنتلارنىڭ كومپيۇتېرىغا مەجبۇرى قاچىلاپ، ئېقىم مىقدارىنى ئوغرىلايتتى ياكى قالايمىقان ئېلان چىقىراتتى. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ خىل قىستۇرما دېتاللارنى «لۈكچەك دېتال» دەپ ئاتايتتى. 360 ھەر بىر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىنى ھەقسىز قورال بىلەن تەمىنلەپ، «لۈكچەك دېتاللار» نى ئۇجۇقتۇردى. 360 نىڭ «يادىدا يوقلا» ئۇتۇق قازىنىپ قېلىشىنى ھازىرقى نۇقتىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا، ئاساسلىق سەۋەب ئۆز ۋاقتىدا جۇڭگو ئالاقە تور ئىشلەتكۈچىلىرى «لۈكچەك دېتاللار» نىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئادەم چىقمىغان ئىدى.

TOP5   تاۋباۋنىڭ ebay نى مەغلۇپ قىلىشى

ما يۈن ئېلېكتىرونلۇق سودىنى باشلاپ، تاۋباۋ (淘宝) دا ھەقسىز دۇكان ئېچىشنى يولغا قويغاندا، رىقابەتچىسى eBay دا دۇكان ئېچىش ھەقلىق ئىدى.eBay  ھەقلىق بولغاچقا، ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىنىڭ بىرلىشىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ساتقۇچىنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە خەت ساندۇق ئادرېسىنى ئاشكارىلاشقا يول قويمىغان. جۇڭگولۇقلار مال سېتىۋالغاندا ئۆز-ئارا بىۋاسىتە ئالاقىلاشمىسا بىخەتەر ھېس قىلمايدۇ، تاۋباۋدا  بىۋاسىتە ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ ھەمدە سودا قىلسا ھەق تۆلىمەيدۇ. تاۋباۋ يەنە تاۋباۋ ۋاڭ ۋاڭ (淘宝旺旺) دەك پاراڭلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ سودا قىلغۇچىلارنى تېپىشتۇرۇپ قويىدىغان مۇلازىمەتنى يولغا قويدى.

تاۋباۋ قولايلىق ھېسابات قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ئۆز-ئارا ئىشەنچ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئالىپاي سېتىۋالغۇچىلار مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن پۇل تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرىدىغان ئۇسۇلنى يولغا قويۇپ، تاۋباۋنىڭ سودىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخىرى ebay نى مەغلۇپ قىلدى.

TOP4    شەخسىي كومپيۇتېر IBM نى قانداق مەغلۇپ قىلدى؟

شەخسىي كومپيۇتېر1975 -يىلى پەيدا بولغاندا ھېسابلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز ھەتتا سىرتقى قېپىمۇ يوق بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى بىر نەچچە چوڭ تىپلىق كومپيۇتېر ئىشلەش شىركىتى «شەخسىي كومپيۇتېر دېگەن بۇ نەرسە ئومۇملىشالمايدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلغان. لېكىن شەخسىي كومپيۇتېر بازارغا چىقىپلا ئىستېمالچىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، چۈنكى پەقەت 1000 دوللار خەجلەپ قويسىلا ئۆيىدە ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرى بولۇپ، قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلالايتتى. ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ پەقەت بىرەر ئىقتىدارى ئىستېمالچىلارنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قالسىلا بازار تېپىپ كېتەلەيدۇ ھەمدە مەھسۇلاتنى توختىماي ياخشىلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. شەخسىي كومپيۇتېر دەل مۇشۇ نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ IBM نى مەغلۇپ قىلالىدى.

TOP3 ئامازون خېرىدارلاردا ياخشى تەسىرات قالدۇرۇش ئارقىلىق غەلىبە قىلدى.

1994-يىلى ئامازون توردا كىتاب سېتىشنى باشلىغاندا ئالاقە تورىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل يېڭىلىق يارىتىپ، خېرىدارلاردا ياخشى تەسىرات پەيدا قىلدى. مەسىلەن ئوقۇرمەنلەرنى كىتابقا باھا يېزىشقا ئۈندەش ياكى سېتىۋالغان كىتابىغا ئاساسەن، باشقا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويدى. بۇ يېڭىلىقلار باشقىلار تەرىپىدىن تېز سۈرئەتتە تەقلىد قىلىنغاندىن كېيىن، ئامازون ئەشيا ئوبوروت ساھەسىگە غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، مال يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردى. خېرىدارلار مېلىنى تېز تاپشۇرۇۋېلىپلا قالماي، زاكاز قىلغان مېلىنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت توردا تەكشۈرۈپ تۇرالايدىغان بولدى. ئامازوننىڭ خېرىدارلار تەسىراتى جەھەتتە ياراتقان يېڭىلىقلىرى ئىزچىل تەقلىد قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم بۇ جەھەتتە ئامازوندىن ئېشىپ كېتەلمىدى.

TOP2  ھەقسىز مۇلازىمەت ئارقىلىق 360 باشقا ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنى قانداق مەغلۇپ قىلدى؟

360 نىڭ ھەقسىزگە بولغان تونۇشى بەكلا ئاددىي، يەنى ھەممە ئادەم ئېھتىياجلىق بولسىلا ھەقسىز بولۇشى كېرەك. شۇڭا ھەقسىز  ئارقىلىق «لۈكچەك دېتال» لارنى يوقىتىپ، ياغاچ ئات خاككىرلىرىنى (木马黑客) يەر ئاستىغا تىقىۋەتتى. 360 ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆمۈرۋايەت ھەقسىز قىلالىدى. 3 ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا 360 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى 100 مىليوندىن ئېشىپ، ئەمەلىيەت ئىستېمالچىلار ئېھتىياجىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 360 نىڭ ھەقسىز سودا ئەندىزىسى رۈيشىڭ (瑞星)، جىنشەن (金山) قاتارلىقلارنىڭ ھەقلىق سودا ئەندىزىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

TOP1  جوبىس 2-قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەشتە ipod ئارقىلىق قانداق ئۇتۇق قازاندى؟

جوبىس ئىككىنچى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلىگەندە، ئىشنى كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېھتىياجىدىن باشلىغان بولۇپ، مانا مۇشۇ نۇقتا ئۇنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئاساسى. بەزىلەر جوبىسنى ئېھتىياج پەيدا قىلىشقا ماھىر دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر قۇرۇق گەپ بولۇپ، مۇزىكا ئاڭلاشقا بولغان ئېھتىياج ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىنلا بار، جوبىسنىڭ قىلغىنى پەقەتلا ipod ئارقىلىق مۇزىكا ئاڭلاشتىن ئېرىشكەن تۇيغۇنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. ipod نىڭ مودا بولۇپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ لايىھەلىنىشى ئىنتايىن نەپىس، يەنە بىرى ipod قا 10000 ناخشا ساقلىغىلى بولىدىغان توشىبا (东芝) نىڭ كىچىك قاتتىق دىسكىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ipod تىن باشلاپ يارىتىلغان ھەربىر كىچىك يېڭىلىق داۋاملىق ئۆزگەرتىلىپ، «ئۇلۇغ» بىر مەھسۇلاتنى روياپقا چىقاردى.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ