‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايدىلىنىش›› ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرايل
مەلۇمكى، نۆۋەتتە مەملىكىتىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا تۈرلۈك تور بېكەتلەرنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، توردا تارقىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا دەخلى قىلىدىغان پىتنە-ئىغۋالارمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. تۇردىكى مۇشۇنداق ھەرخىل پىتنە-ئىغۋالارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، كىشىلەرنىڭ قانۇنىي ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىگە ‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايدىلىنىش›› ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامىسىنى تارقاتتى. ‹‹تەشەببۇسنامە››نىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىگە تارقاتقان ‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايدىلىنىش›› ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامىسى
ياش-ئۆسمۈر دوستلار:
مىكروبىلوگ ۋە توردا ئۇچۇر ئىنتايىن كۆپ، بۇ ئۇچۇرلار دوستلار چەمبىرىكىدىمۇ كەڭ تارقىلىۋاتىدۇ، توردا ياكى تېلېفونىڭىزدا ئۇچۇر ئەۋەتكىنىڭىزدە، شۇ ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ جايلىرى تور پىتنە-ئىغۋالىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ساقچى يولداشلار بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، جەمئىيەتتە ۋەھىمىنىڭ تارقىلىشىدا سىزنىڭمۇ ‹‹ھەسسىڭىز›› بارمۇ؟ تور دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ساغلام تور مۇھىتى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق قوللىشىغا موھتاج. توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا قارىتا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ئاپتونوم رايوندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە ‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايدىلىنىش›› ھەرىكىتىنى ئالاھىدە يولغا قويدى.
بىز شۇنداق چاقىرىق قىلىمىزكى:
قانۇن ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، پىتنە-ئىغۋالارنى ئاڭلىق توسۇپ، ئالاقە تورى قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەدەنىي ۋە قانۇنلۇق تورغا چىقىپ، توردىكى پىتنە-ئىغۋالاردىن يىراق تۇرۇپ، توردىكى پىتنە-ئىغۋالارنىڭ تارقىلىشىنى توسايلى!
ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پىتنە-ئىغۋالارغا بوشلۇق قالدۇرماي، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، پىتنە -ئىغۋالارغا ئىشەنمەي، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي، توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرمايلى!
جەمئىيەتنى ئەقىل كۆزىمىز بىلەن تونۇپ، پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، مۆتىدىل پىسخىكىلىق ھالەت يېتىلدۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، پىتنە-ئىغۋالارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ساغلام پىسخىكىلىق تور ئەھلى كەيپىياتىنى يارىتايلى!
كەڭ تور ئەھلىنىڭ ھەرىكەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ساغلام تور بەرپا قىلىپ، ئائىلىلسىدىكىلەرنى، دوست-بۇرادەرلىرىنى توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىپ، توردىكى پىتنە-ئىغۋالارنى ئاكتىپ ئېچىپ تاشلاپ ۋە پاش قىلىپ، پىتنە-ئىغۋالارنىڭ مەنبەسىنى تىرىشىپ يوقىتىپ، ساغلام تور مۇھىتىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولايلى!
ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشىگە موھتاج، گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسى مەدەنىيەت ۋە قانۇنچىلىقتىن باشلىنىدۇ، ياشلىقتىكى ئارزۇيىمىز ئارىمىزدا ساغلام تارالغاي؛ پىتنە-ئىغۋالارنى توسالايدىغان ئاقىللاردىن، پىتنە-ئىغۋالارنى يوقىتالايدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولايلى. توردىكى ھەق بىلەن ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، تور باشلامچىلىقىنى قولغا كەلتۈرەيلى، ياشلىقتىكى گۈزەل ئارزۇلارنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى!
(تەھرىر : admin)
«‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايدىلىنىش›› ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرايل»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: «ئوباما»نىڭ كىملىكى بىلەن تېزىمغا ئالدۇرۇشقا يول قويغانلىقتىن مىڭ يۈەن جەرىمانە ت
- dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش
- DEDECMS غا ULYۋەUSY دا كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى قو
- DEDECMS غا ئارقا بەتتىن ئەزا قوشۇش ئىقتىدار
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمە
- مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا كۆڭۇل بول
- mysql图形化管理软件
- تور ئەركىنلىكى مۇتلەق ئەركىنلىق ئەمەس
- كومپيۇتېر ئېتىكىسى توغرىسىدا ئون نەسىھ
- كومپۇتېردىكى تىز كۇنۇپكىلار
- قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي ت
- رادىئو سىگىناللىرىنى تارقىتىش پىرىنسىپ
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگ
- كومپيۇتېرڭىزنىڭ ئىچىدە نىمىلەر بارلىقى
- 32 بىت ۋە 64 بىت
- dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش
- DEDECMS غا ULYۋەUSY دا كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى قوشۇش
- DEDECMS غا ئارقا بەتتىن ئەزا قوشۇش ئىقتىدارىنى ق
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا كۆڭۇل بولگەن ب
- mysql图形化管理软件
- تور ئەركىنلىكى مۇتلەق ئەركىنلىق ئەمەس
- كومپيۇتېر ئېتىكىسى توغرىسىدا ئون نەسىھەت
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تۇتقاقل
- ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى 26 يېشىدا مىليادىر
- ‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايد
- توردا مال سېتىۋېلىشتا تۈرلۈك توزاقلاردىن ھەز
- تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى نەرسە ئەمەس
- «چېچەن» ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىندى
- تور بەت يۇزى ئىلكىتاب كۆرگۇچىسى 网上在线PDF阅读
- iphone 4s پەقەت 1150 يۈەنگە يارايدۇ
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا
- DEDECMS غا ULYۋەUSY دا كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى قوشۇش
- DEDECMS غا ئارقا بەتتىن ئەزا قوشۇش ئىقتىدارىنى ق
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- بۇ يەتتە چارە كومپيۇتېرڭىزنى پەرۋ
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش
- قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ ر
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا كۆڭۇل بولگەن ب