يان تېلېفونىڭىز ساغلاممۇ؟
يان تېلېفونىڭىز ساغلاممۇ؟
تۇرسۇن كېرىم قارچۇق
كومپيۇتېر ۋە تور مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن QQ، مۇنبەر، مىكرو بلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىلغار، قولاي ئالاقە تۈرلىرى بارلىققا كېلىپ ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە، ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىمىزنى قولاي شارائىتلار بىلەن تەمىن ئەتمەكتە. شۇ ۋەجىدىن خىزمەتداشلار، ساۋاقداشلار، كەسىپداشلار، دوست – بۇرادەرلەر، يۇرتداشلار QQ ۋە ئۈندىداردا توپ بولۇشۇپ، ئۇچۇرلىشىش، ئالاقىلىشىش ئومۇملاشماقتا، تېخىمۇ قولاي، ئاشكارا بولسۇن ئۈچۈن يەنە ئاياللار توپى، ئەرلەر توپىمۇ بارلىققا كەلدى. بۇ يۈزلىنىشنىڭ بىزگە كۆپ ئەسقېتىۋاتقىنىدىن مەمنۇن بولماي تۇرالمايمىز. ھازىرقى مۇھىم مەسىلە بۇ ۋاسىتىلەردىن پايدىلانغىنىمىزدا ھوشيارراق، سەزگۈررەك بولمىساق بولمايدىغانلىقىنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە.
بىلىپ تۇرىمىزكى، توپتىكى سىرداشلار، مۇناسىۋىتى قويۇقلار بەزىدە بىر – بىرىگە مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ئۇچۇر، سۈرەت ياكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى، ھەتتا تېكىستى ناچار، سۆز – ئىبارىلىرى ئېغىزغا ئالغۇسىز ناخشىلارنى قىزىقچىلىق قىلىپ يوللايدۇ. لېكىن بۇ قىززىقچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولۇپ، ئاچچىق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەۋەب بولۇپ، ئۆزىمىزگە خىجالەتچىلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك.
ھەممىمىزگە ئايان، ھازىر بالىلارنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلاتى سەۋىيەسى، بولۇپمۇ يان تېلېفون ئويناش، QQ غا چىقىش، ئۈندىداردا سۆز قالدۇرۇش، سۈرەتكە تارتىش قاتارلىقلاردىكى ئىقتىدارىغا ھەيران قالماي تۇرالمايمىز. سىز ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئائىلىدىكى تۈرلۈك ئىشلار بىلەن بەنت بولۇسىز ياكى بىردەم ئارام ئالىسىز... ۋاھاكازالار. ئەمما يان تېلېفونىڭىزنى دائىم يانچۇقۇمدىن ئايرىمايمەن دەپ ھۆددە قىلالمايسىز. مۇشۇنداق دىققەت قىلمىغان چاغدا پەرزەنتىڭىزنىڭ يان تېلېفونىڭىزنى ئويناپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. پەرزەنتىڭىز يان تېلېفونىڭىزدىكى ئاشۇ ‹‹كېسەللىكلەر››نى كۆرۈپ قالسا قانداق بولارسىز؟ ئېنىقكى، بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئۈچۈن يەر قاتتىق، ئاسمان يىراق بولۇپ كېتىدۇ.
دېمەك، بىزگە قىزىق تۇيىلىدىغان شۇ‹‹كېسەللىكلەر›› يان تېلېفونىمىزدا ھەرگىز ساقلىنىپ قالمىسۇن، تۈنەپ قالمىسۇن. ئۇنى ۋاقتىدا تازىلاپ، ‹‹دېزىنفېكسىيە›› قىلىپ تۇرايلى، يان تېلېفونىمىزنىڭ پاكىز، ساغلام بولۇشىغا ھەر ۋاقىت كاپالەتلىك قىلايلى! شۇنداق بولغاندا ھازىرقى قولاي ئۇچۇر – ئالاقە قورالىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، خاتىرجەم پايدىلىنالايمىز، يۈرەكلىك ئىشلىتەلەيمىز، يان تېلېفونىمىزنىمۇ ئۆيدە خاتىرجەم زەرەتلەپ، خاتىرجەم قويۇپ قويالايمىز.
(تەھرىر : admin)
«يان تېلېفونىڭىز ساغلاممۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايدىلىنىش›› ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرايل
- dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش
- DEDECMS غا ULYۋەUSY دا كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى قو
- DEDECMS غا ئارقا بەتتىن ئەزا قوشۇش ئىقتىدار
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمە
- مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا كۆڭۇل بول
- mysql图形化管理软件
- تور ئەركىنلىكى مۇتلەق ئەركىنلىق ئەمەس
- كومپيۇتېر ئېتىكىسى توغرىسىدا ئون نەسىھ
- كومپۇتېردىكى تىز كۇنۇپكىلار
- قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي ت
- رادىئو سىگىناللىرىنى تارقىتىش پىرىنسىپ
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگ
- كومپيۇتېرڭىزنىڭ ئىچىدە نىمىلەر بارلىقى
- 32 بىت ۋە 64 بىت
- dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش
- DEDECMS غا ULYۋەUSY دا كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى قوشۇش
- DEDECMS غا ئارقا بەتتىن ئەزا قوشۇش ئىقتىدارىنى ق
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا كۆڭۇل بولگەن ب
- mysql图形化管理软件
- تور ئەركىنلىكى مۇتلەق ئەركىنلىق ئەمەس
- كومپيۇتېر ئېتىكىسى توغرىسىدا ئون نەسىھەت
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تۇتقاقل
- ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى 26 يېشىدا مىليادىر
- ‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايد
- توردا مال سېتىۋېلىشتا تۈرلۈك توزاقلاردىن ھەز
- تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى نەرسە ئەمەس
- «چېچەن» ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىندى
- تور بەت يۇزى ئىلكىتاب كۆرگۇچىسى 网上在线PDF阅读
- iphone 4s پەقەت 1150 يۈەنگە يارايدۇ
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا
- DEDECMS غا ULYۋەUSY دا كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى قوشۇش
- DEDECMS غا ئارقا بەتتىن ئەزا قوشۇش ئىقتىدارىنى ق
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- بۇ يەتتە چارە كومپيۇتېرڭىزنى پەرۋ
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش
- قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ ر
- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا كۆڭۇل بولگەن ب