ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

iphone 4s پەقەت 1150 يۈەنگە يارايدۇ

ۋاقىت : 2011-11-16 12:12 | مەنبەسى : بەشتاش تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

iphone 4s نىڭ تەننەرقىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ھەيران قالىسىز،

 

پەقەت 1150 يۈەنگە يارايدۇ

iphone 4s پەقەت 1150 يۈەنگە يارايدۇ
 

iphone 4s بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. گەرچە بۇ يانفوننىڭ باھاسى ئەرزان بولمىسىمۇ، ئەمما سېتىلىش مىقدارى يەنىلا يېڭى رېكورت ياراتتى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 12-نويابىردا iphone 4s نىڭ ياسىلىش تەننەرخىنى ئوقۇرمەنلىرىگە ئىنچىكىلىك بىلەن ئانالىز قىلىپ بەردى، بۇنى راستتىنلا «كۆرمىسەڭ بىلمەيسەن» دېيىشكە بولىدىكەن.

iphone 4s بۇ يىل 10-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن بويان، قىسقىغىنا ئۈچ كۈن ئىچىدە، ئەنگلىيە بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارى 4 مىليون پوند ستېرلىڭدىن (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 40 مىليون 760 مىڭ يۈەن) ئېشىپ كەتتى، بۇنداق كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەت، ھەتتا نۇرغۇن سادىقiphone ھىمايىچىلىرىنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن. كۆپ قىسىم سېتىۋالغۇچىلار بەلكىم نەپىس سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولغان ipohone 4sنىڭ ياسىلىش تەننەرقى ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭلاشقا سېتىلىش باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس.

پەن-تېخنىكا شىركىتى isuppliنىڭ مەخسۇس تەھلىلچىلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلاپ چىققاندىن كېيىن، سۈرەت شەكلى ئارقىلىق سىرتقا بۇ يانفوننىڭ ھەر بىر زاپچاسلىرىنى ئېنىق نامايان قىلىپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى سېزىمچان ئېكران بىلەن كۆرسەتكۈچ بىرىكمە دېتال ئەڭ قىممەت بولۇپ، 23 پوند ستېرلىڭ كېتىدۇ. شۇ ئەمەسمۇ ياخشى نەرسە قىممەت بولىدۇ. ئەمما باشقا زاپچاسلارنىڭ باھاسىنى كۆرگەندىن كىيىن بەلكىم بىئارام بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن: ئېلېكتىر مېخانىك زاپچاسلىرى جەمئىي 20.6 پوند ستېرلىڭ، سىمسىز ئانتېننا 18.75 پوند ستېرلىڭ، تېز ساقلىغۇچ (闪存) 11.98 پوند ستېرلىڭ، فوتوكامېرا 10.98 پوند ستېرلىڭ، ئاساسلىق توك يولى تاختىسى 9.36 پوند ستېرلىڭ، دىنامىكىلىق ئىختىيارى ئېلىپ-سېلىش ئىچكى ساقلىغۇچى 5.68 پوند ستېرلىڭ، ئومۇمىي ئۇلاش ئۇچى بىلەن باتارېيە باشقۇرۇش سىستېمىسى 4.49 پوند ستېرلىڭ، باتارېيە 3.68 پوند ستېرلىڭ. ھەممىسىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا، بىر iphone 4s يانفونىنىڭ ياسىلىش تەننەرقى پەقەت 112.89 پوند ستېرلىڭ (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1150 يۈەن)! يۆتكەش، يۇمشاق دېتال قاتارلىق ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك چىقىملارنى چىقىرىۋەتسەك، ئالما شىركىتىنىڭ يەنە ناھايىتى چوڭ پايدا بوشلۇقى بار.

شۇڭلاشقا بۇندىن كېيىن iphone نىڭ باتارىيەسىدىن ئاغرىنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، 38 يۈەنلىك باتارېيە قانچىلىك بولماقچىدى ئەمدى!

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«iphone 4s پەقەت 1150 يۈەنگە يارايدۇ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ