ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

تور ئەركىنلىكى مۇتلەق ئەركىنلىق ئەمەس

ۋاقىت : 2013-07-21 18:34 | مەنبەسى : خەلق تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
تور ئەركىنلىكى مۇتلەق ئەركىنلىق ئەمەس

 بەزى غەرب ئەللىرى نەزىرىدە، تور نازارەتچىلىكى ئەسلىدە دېموكراتىيە كەمچىل، ئەركىنلىك چەكلەنگەن بىر قىسىم دۆلەتلەردە تۇغما بولىدىغان جىنايەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، چوقۇم قارشى تۇرۇش كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئېغىر تور بىخەتەرلىكى تەھدىتى ئاستىدا نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ ئاڭ فورماتسىيە بىر ياققا قايرىپ قويدى: ئاۋسترالىيەنىڭ باش ۋەزىرى «تور نازارەتچىلىكى كىنو نازارەتچىلىكىگە ئوخشاش نورمال» دەپ كۆرسەتتى؛ گېرمانىيە ئابۇنىچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Facebook نى سوتقا ئەرز قىلدى؛ زوراۋانلىق ۋە ناچار خەۋەرلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى گۇگۇل تورى ئاستىدىكى Youtube ۋىدېئو چاستوتا تورىنىڭ بارلىق كۆرۈنۈشلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئەمەلىيەتتە، غەرب دۆلەتلىرى ئەزەلدىن تور نازارەتچىلىكىنى بوشاشتۇرۇپ قويغىنى يوق، پەقەت ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تېخنىكا ئاساسىغا تايىنىپ «توسۇش ئەمما باشقىلارغا بىلدۈرمەسلىك» پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ كەلدى: ئۇلار بىر تەرەپتىن توردىكى چېكىدىن ئاشقان ئىدىيە ۋە شەھۋانىي مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشىغا چەك قويدى. يەنە بىر تەرەپتىن تور ئەركىنلىكىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەسلىك ئارقىلىق جەمئىيەت نارازىلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇردى. شۋېتسىيەلىك بىر مۇتەخەسسىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيادا تور نازارەتچىلىكىنى ئىلىپ بارمايدىغان بىرمۇ دۆلەت يوق بولۇپ، تورنىڭ قانۇن ۋە ئەخلاقتىن ھالقىغان نوقۇل ئەركىن ماكان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئىنسانلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر يېڭى شەيئىنىڭ تەسىر دائىرىسى جەمئىيەتنىڭ ھەربىر ساھەسىگىچە كېڭەيگەندە، ئۇنىڭغا چوقۇم چەك قويۇلىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ياخشى جەمئىيەت تەرتىپى يارىتىلىدۇ.

  كىشىلەر بۈگۈنكى گۇگۇل 2-ۋول كوچىسىغا ئايلىنىپ قالارمۇ؟ دېيىش ئارقىلىق راسا گۈللىنىۋاتقان تور شىركەتلىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى. ھازىرقى يېڭى تور تېخنىكىسى خۇددى ئەينى يىللاردىكى پۇل –مۇئامىلە كۆپەيتمە مەھسۇلاتىغا ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگىرىۋاتىدۇ، كىشىلەرنى مەھلىيا قىلىپ ھەتتا مېھرىنى ئۈزۈلمەس قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. گۇگۇل، Facebook قاتارلىق تور كاتتىۋاشلىرى خۇددى ئەينى يىللاردىكى ۋول كوچىسىدىكى ئاكسىيە زومىگەرلىرىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ھەۋەس قىلىشىدىن ھۇزۇرلانماقتا. 2010-يىلى 5-ئايدا، Facebookنىڭ 50-مىليونجى ئابۇنىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇردى. «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ شۇۋاقىتىكى سانىدا، بۇ ئامېرىكا نوپۇسىدىن 3/2ھەسسە كۆپ ئاھالىگە ئىگە دۇنيادىكى 3-چوڭ دۆلەت، ئۇ بىزنىڭ ئالاقە قىلىش گىنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، بىزنى تېخىمۇ ئەركىن قىلىۋەتتى دەپ كۆرسىتىلدى. لېكىن كىشىلەر ناھايىتى تېزلا ‹ئالاقە گېنى›نىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.
  Facebookئۆز ئابۇنتىنى شەخسى بوشلۇق بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى بۇ بوشلۇقلارنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئەمما شىركەت دەل ئابۇنتلارنىڭ مۇشۇ سانلىق مەلۇماتىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق پايدا ئىلىش مەقسىتىگە يىتىدۇ. گېرمانىيەنىڭ ئىستېمالچىلارنى قوغداش مىنىستىرى ئىلشا ئاگنىر ئاگاھلاندۇرۇپ: Facebookنىڭ ئابۇنىتلىرى يانفونلىرىدىكى تېلىفۇن ئادرېسلىرىنى تورغا چىقىرالايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ تورغا كىرىشنى خالىمايدىغان كىشىلارنىڭ شەخسىي نومۇرىمۇ بار، Facebookپايدا ئېلىش مۇمكىنچىلىقى بار بۇ ماتېرىياللارنى ساقلىماسلىقى كېرەك-دېدى. ئۆتكەن ھەپتە ئاگنىر ئىپادە بىلدۈرۈپ، Facebookگېرمانىيەدە 9مىليون ئابۇنىتقا ئىگە، ھەمدە ھامبۇرگدا ئىش باشقۇرۇش ئورنى تەسىس قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم گېرمانىيە قانۇنىغا بويسۇنۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى. غەرب ئەللىرىدە، گۇگۇلنىڭ ‹تور خەرىتىسى› مۇلازىمىتىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىدى. چۈنكى، تور خەرىتىسى مۇلازىمىتىگە مەسئۇل سۈرەت تارتىش ماشىنىسى تورغا چىققۇچىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق يوللانمىسىنىڭ مەخپىي نومۇرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغالايدىكەن. ھىندىستاندا يەرلىك تېلېگراف بىرلەشمىسى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ گۇگۇل، ياخۇ، مىكروسوفت بىۋاسىتە ئالاقە دېتالى قاتارلىق تور مۇلازىمەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. سەۋەبى بولسا ھىندىستاننىڭ يەرلىك تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى % 12.36ئەمگەك-مۇلازىمەت بېجى ۋە %6 توردا سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن، ئەمما گۇگۇل بۇ تۈرلەردىن پۈتۈنلەي قېچىپ قۇتۇلغان. بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا، گېرمانىيە «فوكۇس» ھەپتىلىك ژۇرنىلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر تور نازارەتچىلىكى قاتتىق بولمىسا تېخىمۇ كۆپ مەسىلە كىلپ چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن، گېرمانىيەدە يېڭى ناتسىستلار تەشكىلاتلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى، ئۇلار Facebook تورىدا تەشۋىقات قىلىش، ئالاقە باغلاش، سەپەرۋەر قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە باش ئاغرىقى تېپىپ بەردى. بىر نەپەر گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزاسى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ھازىر بىر قىسىم تور شىركەتلىرىنىڭ ئىگەللىگەن جامائەت ئۇچۇرى ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭكىدىنمۇ كۆپ دېدى.

  Facebook، Twitter، iPhone، گۇگۇل قاتارلىق تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى ئاممىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىدىن كەڭ-كۇشادە پايدىلىنىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى جىلاردمۇ ئۆتكەن يىلى يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ۋەدە بېرىپ، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدا ساقلىنىۋاتقان قاراڭغۇ بوشلۇقلارنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تور تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلار ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزمەكتە.
  ھىندىستاندا يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان «ئۇچۇر تېخنىكىسى قانۇنى»دا، بارلىق تور تىجارەتچىلىرى چوقۇم ھۆكۈمەت بىلەن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىشى، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ بەزى مەزمۇنلارنى پېچەتلىشىگە ياكى ئۆچۈرۈشىگە ماسلاشمىسا، جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقى ياكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلىدىغانلىقى بەلگىلەندى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۇچۇر-ئالاقە كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزىدىغان «تېلېگراف ئالاقىسى قانۇنى»غا پايدىلىق ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن، گۇگۇل قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن تور نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش مەزمۇنىدا سۆھبەتلەشتى. ئىتالىيە ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ تور ئەركىنلىكىدىن پەخىرلىنەتتى، ئەمما زوراۋانلىق ۋە سېرىق مەزمۇنلاردىكى ۋىدىئولارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئىتالىيە زۇڭلىسى بىيلۇسىكونى بۇيرۇق چۈشۇرۇپ بارلىق ۋىدىئولارنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «نيۇ يورك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ ‹توردا سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ› دېگەن بىر جۈملە سۆزى ناھايىتى كەڭ تارقالغان، ھەتتا تور ئەركىنلىكىنىڭ خىتابنامىسى بولۇپ قالغان. ئەمما ئامېرىكىلىقلارنىڭ تورغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدا ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولماقتا. گەرچە ئامېرىكىلىقلار توردىكى ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە شۇنچە چوقۇنسىمۇ، لېكىن توردىكى شەخسىي مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشنى ۋە توردىكى نامسىز ئۇچۇرلاردىكى قالايمىغان ۋە ئەخلاقتىن ھالقىغان گەپ-سۆزلەر ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، تورغا ھەقىقىي نامى بىلەن چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشتى. شۋېتسىيە ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفسسۇرى ئاندېرس بولۋىن مۇنداق دېدى: ئاۋامنىڭ تورغا تۇتقان پوزىتسىيىسى پەخەس قىلىش، مەپتۇن بولۇش، ئايرىلالماسلىقدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بىسىپ ئۆتىدۇ، ھازىر تور كىشىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى، ھەتتا تور ئابۇنىسى كۆزدىن ساقىت قىلسا بولمايدىغان بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  شۇڭلاشقا تور نازارەتچىلىكىگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، يەنى تور ھەرگىزمۇ قانۇن ۋە ئەخلاقتىن ھالقىغان نوقۇل ئەركىن ماكان بولۇپ قالماسلىقى لازىم، بۇ ھازىر كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ ئورتاق كۆز قارىشىغا ئايلانماقتا. گەرچە بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭغا ئانچە قوشۇلۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر يېڭى شەيئىنىڭ تەسىر دائىرىسى جەمئىيەتنىڭ ھەربىر ساھەسىگىچە كېڭەيگەندە، ئۇنىڭغا چوقۇم چەك قويۇلىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ياخشى جەمئىيەت تەرتىپى يارىتىلىدۇ. كىتاب قاتارلىق نەشىر بۇيۇملىرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئۇ دەسلەپتە پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تارقالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇنىغا ۋە شەكلىگە ھېچقانداق چەك قويۇلمىغان ئىدى، لېكىن نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتكە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، شۇنىڭغا ئالاقىدار قانۇن –تۈزۈملەر تەدرىجىي مەيدانغا كەلگەن. گەرچە نەشىر بۇيۇملىرىغا قارىتىلغان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن بارلىق دۆلەتلەر نازارەت قىلىش تۈزۈملىرىنى يولغا قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن تورغا قارىتىلغان نازارەتچىلىكمۇ ئوخشاش تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ تور نازارەتچىلىكى ئېلىپ بارماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، يەنى بەزى دۆلەتلەر ئاغزىدىكى «مۇتلەق تور ئەركىنلىكى» ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان شۇنداقلا مەۋجۈت بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ