ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

«ئالما» ماركىسى نېمىشقا بىر چىشلەم پۇچۇق؟

ۋاقىت : 2013-09-04 15:13 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

«ئالما» ماركىسى نېمىشقا بىر چىشلەم پۇچۇق؟

«ئالما» ماركىسى نېمىشقا بىر چىشلەم پۇچۇق؟
 
 

  ئالما ماركىسى دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور ماركىلارنىڭ بىرى، ئالما كومپىيۇتېرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شىركەت بەلگىسىنى بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇقماسلىقى مۇمكىن. ئەينى چاغدىكى شىركەت Logo سى بولسا نىيۇتۇننىڭ ئالما دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرغان رەسىمى ئىدى. بەلگىنىڭ ئاستى-ئۈستى لېنتىلار بىلەن ئورالغان، يۈزىگە Apple Computer دېگەن خەت بېسىلغان بولۇپ، سىرتقى جازىسىغا ئەنگىلىيە شائىرى ۋىللىئام ۋوردسۋورسنىڭ مۇنداق بىر قىسقا شېئىرى يېزىلغانىدى:

  نيوتۇن، بىر روھ، ناتونۇش خىياللار دېڭىزىدا مەڭگۈ ئۈزۈۋاتىدۇ... يالغۇز....

   بۇ بەلگە ھەقىقەتەنمۇ رومانتىك تۈسكە ئىگە. ئالما پەقەت بىر ماشىنىلا ئەمەس، ئۇ ئەدەبىيلىك ۋە ئادىمىيلىك بىلەن تولغان. بۇ بەلگىنى رون ۋاين دىگەن كىشى لاھىيىلەپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئالما شىركىتىنى باشقا ئىككى قۇرغۇچىسىدىن قالسا، ئەڭ بۇرۇن ئالما شىركىتىگە كىرگەن كىشى. لېكىن بۇ نيوتۇن بەلگىسى ئانچە ئۇزۇن ئىشلىتىلمىدى. جوبس ئۇنى بەك مۇرەككەپ، كۆپەيتىپ تارقىتىشقا ئەپسىز دەپ قاراپ، ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركىتى Regis Mckenna نىڭ گۈزەل سەنئەت نازارەتچىسى Rob Janov غا يېڭىدىن بىر بەلگە لاھىيەلەشنى بۇيرىدى.

  Janov ئەڭ بۇرۇن بىر رەڭسىز ئالمىنىڭ تەسۋىرىنى ياساپ چىقتى، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا بىر نەرسە كەمدەك تۇيۇلاتتى، ئۇ مۇنداق چۈشەندۈردى: «مەن ئالمىنىڭ شەكلىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئويلىدىم ھەم ئۇنىڭ كۆرۈنۈشتە پەمىدۇرغا ئوخشاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يان تەرەپتىن بىر چىشلەم چىشلىۋېلىنغان كۆرۈنۈشنى چىقاردىم».

  ئارقىدىنلا، Janov ئالتە خىل رەڭلىك گورىزونتال رەڭ قاناللىرىنى كۆپەيتتى ۋە ئەسلىي لاھىيەدىكى قارا ئىنچىكە سىزىقلار ئوخشىمىغان رەڭ قاناللىرى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن بېسىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرمۇ ئازايتىلدى. لېكىن جوبس بۇ پىكىرگە قوشۇلمىدى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە بىزگە تونۇش بولغان رەڭلىك ئالما بەلگىسى ۋۇجۇدقا كەلدى.

  ئالما بەلگىسىنى كۆرگەن ھەربىر كىشى ئىختىيارسىز ھالدا: «ئالما نېمىشقا چىشلىۋېلىنغان؟» دەپ ئويلايدۇ. بۇ دەل بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا لايىھەلىگۈچى ئۈمىد قىلغان ئۈنۈم بولۇشى مۇمكىن. ئالمىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى بىلەن تونۇش بولغان كىشىلەر ئۇنى ھاياتىي كۈچ ۋە جاسارەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، چىشلىۋېلىنغان يوچۇق بولسا كىشىلەرنىڭ گۇمان ۋە قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، دەپ چۈشەندۈردى.

  2003-يىلى ئالما شىركىتى بەلگە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئەسلىدىكى رەڭلىك ئالمىنى يېرىم سۈزۈك، يالتىراپ تۇرىدىغان كۈمۈش رەڭلىك بەلگىگە ئۆزگەرتتى. يېڭى بەلگە كۆرۈنۈشتە تېخىمۇ سىتىرېئولۇق، مودا ۋە قالتىس ئىدى

 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(10)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ