تور بىزنى نېمىلەردىن يىراقلاشتۇردى؟

ھەممىلا يەرنى قاپلىغان تور بىزنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش بىلەن بىللە، يىراقتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنىمۇ يېقىنلاشتۇردى. بولۇپمۇ، غېرىپسىنغان، ئىچىڭىز پۇشقان ۋاقىتتا، تور رەڭدار مەزمۇنلىرى ئارقىلىق سىزگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن ھەممە كىشى توردىن ئايرىلالمايدىغان ھالغا يەتتى، تور شەخسنىڭ يان تېلېفون، كومپيۇتېرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۇرمۇشىمىزغا مول مەزمۇنلارنى قوشتى.
ئەمما تور دۇنياسىغا مەپتۇن بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تورغا باغلىنىپ قالغان ۋاقتىمىزدا، تور سىرتىدىكى دۇنيانىڭمۇ ئوخشاشلا رەڭدار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز. ئويلاپ باقساق، تور يوق چاغدا بوش ۋاقتىمىزنى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتۇق؛ تور يوق چاغدا، دىققەت نەزەرىمىزنى جانلىق تەبىئەتكە ياكى دالىغا ئاغدۇرۇپ، سىرتلارغا چىقاتتۇق؛ تور يوق چاغدا، تىنچ ئولتۇرۇپ ئۆيدىكىلەر، دوستلار بىلەن سىردىشىپ، مۇڭدىشىپ، مېھىر-مۇھەببەتتىن بەھرىلىنەتتۇق.
ئۇنداقتا تور بىزنى نېمىلەردىن يىراقلاشتۇردى؟ تور بالىلارنى تەڭتۇشلىرى بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە خۇشال بولىدىغان ۋاقىتتىن، پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلدى. تەتىللەردە بالىلار كۆپ قىسىم ۋاقتىنى بىلىپ-بىلمەي تورغا سەرپ قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار دوستلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئەمەس، بەلكى توردىكى مەۋھۇم دۇنيادا پاراڭلىشىدۇ، تور ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
تور بىزنى مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ئەتراپقا نەزەر سالساق، ئىلگىرىكى كوچا دوقمۇشلىرى، ئاۋات رەستىلەر، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىكى گېزىت-ژۇرنال بوتكىلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. مەلۇم كىتاپ بوتكىسىنىڭ خوجايىنى گېزىت-ژۇرناللارنىڭ بازىرى بولمىغاچقا، گېزىت-ژۇرنال ساتمايدىغان بولدۇق، دېدى. تور يەنە بىزنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. يان تېلېفونغا باشچىلاپ بېرىلىپ كەتكەنلەر ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە گەپ قىلىشقا، ئەتراپىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئېتىبار قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.
(تەھرىر : سەپەر)
«تور بىزنى نېمىلەردىن يىراقلاشتۇردى؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- تور بىزنى نېمىلەردىن يىراقلاشتۇردى؟
- 4G نىڭ كارامىتى قانچىلىك؟
- رادىئاتسىيە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان
- جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بويىچە يانفونلارنى
- كونۇپكا تاختىسىدىكى كارامەتلەر
- يانفونىڭىزنىڭ توكى نەگە كەتتى؟
- ياخۇ Yahoo Aviate ناملىق ھەقسىز ئۈستەل يۈزى ق
- 5.5 ديۇملۇق iPhone 6 يانفونىنىڭ 128GB لىق نۇسخى
- جۇڭگونىڭ ئوغرى نەشىردىكى يۇمشاق دېتال ئ
- تارىختىكى داڭلىق 15 نەپەر كومپىيۇتېر ئال
- ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىش
- XP توختىتىلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز Linux سىس
- نوكىيا شىركىتى باش شىتابىغا مىكروسوفتن
- قەغەز ئۈستىدە «يۆتكىلىدىغان» پىرىنتېر
- سامسۇڭ راستىنلا ئاندىرويىدتىن پۈتۈنلەي
- گوگول ئەپ بازىرىغا ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بى
- تور بىزنى نېمىلەردىن يىراقلاشتۇردى؟
- 4G نىڭ كارامىتى قانچىلىك؟
- رادىئاتسىيە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان 20 خىل ي
- جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بويىچە يانفونلارنىڭ ۋېرو
- كونۇپكا تاختىسىدىكى كارامەتلەر
- يانفونىڭىزنىڭ توكى نەگە كەتتى؟
- ياخۇ Yahoo Aviate ناملىق ھەقسىز ئۈستەل يۈزى قىستۇر
- 5.5 ديۇملۇق iPhone 6 يانفونىنىڭ 128GB لىق نۇسخىلىقىم
- جۇڭگونىڭ ئوغرى نەشىردىكى يۇمشاق دېتال ئورنىت
- تارىختىكى داڭلىق 15 نەپەر كومپىيۇتېر ئالىملىر
- يانفونىڭىزنىڭ توكى نەگە كەتتى؟
- ياخۇ Yahoo Aviate ناملىق ھەقسىز ئۈستەل يۈزى قىستۇر
- Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە ئۈچۈن بېلەت تاشلاڭ.
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تۇتقاقل
- ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى 26 يېشىدا مىليادىر
- ‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايد
- توردا مال سېتىۋېلىشتا تۈرلۈك توزاقلاردىن ھەز
- تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى نەرسە ئەمەس
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- بىزگە مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوغلانلار كېرەك!
- بىت تەڭگىسى (Bitcoin) ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز!
- مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- ئالما تارىخىدىكى ئون چوڭ مەغلۇپ مەھسۇلات
- بۇ يەتتە چارە كومپيۇتېرڭىزنى پەرۋ
- تور ئەركىنلىكى مۇتلەق ئەركىنلىق ئەمەس
- قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ ر
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز