يانفونىڭىزنىڭ توكى نەگە كەتتى؟
1. يانفوننى بەدەنگە تەگكۈزۈپ قويۇش.
بۇيەردە دېيىلگەن بەدەنگە تەگكۈزۈش يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشنى كۆرسەتمەيدۇ، دىمەكچى ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا قويۇش دېگەندەك دائىم بەدەن تېمپىراتۇرىسى بىلەن تېگىشىش ياكى سۈركىلىش ھاسىل بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. باتارىيەنىڭ توكى نەم قىززىق مۇھىتتا تېز خورايدىغان بولۇپ، CPU نىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇنداقلا ئوڭايلا باتارىيەنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناچار سۈپەتلىك مەھسۇلات بولسا قىسقا يول بولۇپ قېلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋىپى ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن.
2.ئۇچۇر ئەسكەرتىش چىرىقىغا ئېتىبارسىز قاراش.
نۇرغۇنلىغان ئابونت ئۇچۇر ئەسكەرتىش چىرىقىنى ئېچىپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما دائىم ئۇچۇر كەلگەندە جەزىملەشتۈرىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى چىراق يورىسىمۇ كارى بولمايدۇ، نەتىجىدە بۇ چىراق باتارىيەنىڭ توكىنى خورىتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىقتىدارنى ئېتىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
3.تۆۋەن تىمپىراتۇرىلىق مۇھىتتا ئۇزاققىچە مەشغۇلات قىلىش.
لىتىيلىق باتارىيەنىڭ توك بېسىمى تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، زاپچاسلارنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، 20 سىلتسىيە گرادۇسلۇق مۇھىتتا، سۈپەتلىك ئەقلىيفوننىڭ سۆزلىشىش ۋاقتى تەخمىنەن 200 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەمما 10 سىلىتسىيە گرادۇسلۇق مۇھىتتا پەقەت 100 مىنۇت ئەتراپىدىلا سۆزلىشىشكە يېتىدۇ.
4.سىگنال ناچار مۇھىتتا كۆپ ئىشلىتىش.
سىگنال ناچار ۋە مۇقىم بولمىغان جايلاردا، يانفون ئاپتوماتىك ھالدا مىكرو دولقۇن تارقىتىش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى توك سەرپىيات ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭىلاشقا سىگنال ناچار جايلاردا يانفوننى ئېتىۋىتىش ياكى سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى توختىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
5.بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە قوللىنىشچان دېتالنى قوزغىتىش.
ھازىرقى ئەقلىيفونلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئارقا سۇپىدا بىر قانچە دېتالنى يۈرگۈزۈشنى قوللايدۇ، بۇنداق بولغاندا يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىنى ئىگىلەپلا قالماي يۈرۈش سۈرئىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ، شۇنداقلا توك سەرپىياتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار ئاپتوماتىك ئارقا سۇپىدا قوزغىلىدۇ، شۇڭىلاشقا مۇناسىۋەتلىك قورال دېتاللار ئارقىلىق ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
6.ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى قىلىپ تەڭشەش.
باتارىيە توك سەرپىياتىنىڭ %60 دىن كۆپرەكى ئېكرانغا سەرىپ قىلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزۈلمىگەن ئاساستا ئېكراننىڭ يورۇتۇلۇش دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ قويساق، ھەم توك سەرپىيات تۆۋەن بولىدۇ، ھەم كۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
7. بىر كۈن 24 سائەت تور ئۇلىنىشىنى ئوچۇق قويۇش.
نۇرغۇن كىشىلەر مەيلى كەچ مەيلى كۈندۈز بولسۇن، 24 سائەت WIFI، كۆك چىش قاتارلىق تور يەتكۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئوچۇق قويۇشقا ئامراق، بۇنداق بولغاندا باتارىيەنىڭ توك سەرىپ بولۇشى تېز بولىدۇ، شۇڭلاشقا ھېچ بولمىغاندا ئۇخلىغاندىمۇ بولسا تورلارنى ئېتىۋېتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
(تەھرىر : سەپەر)
«يانفونىڭىزنىڭ توكى نەگە كەتتى؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: كونۇپكا تاختىسىدىكى كارامەتلەر
- كونۇپكا تاختىسىدىكى كارامەتلەر
- يانفونىڭىزنىڭ توكى نەگە كەتتى؟
- ياخۇ Yahoo Aviate ناملىق ھەقسىز ئۈستەل يۈزى ق
- 5.5 ديۇملۇق iPhone 6 يانفونىنىڭ 128GB لىق نۇسخى
- جۇڭگونىڭ ئوغرى نەشىردىكى يۇمشاق دېتال ئ
- تارىختىكى داڭلىق 15 نەپەر كومپىيۇتېر ئال
- ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىش
- XP توختىتىلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز Linux سىس
- نوكىيا شىركىتى باش شىتابىغا مىكروسوفتن
- قەغەز ئۈستىدە «يۆتكىلىدىغان» پىرىنتېر
- سامسۇڭ راستىنلا ئاندىرويىدتىن پۈتۈنلەي
- گوگول ئەپ بازىرىغا ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بى
- Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە ئۈچۈن بېلەت تاشلا
- سىموس شېفىرىنى يېشىشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇل
- ئاندىرويىد ئابونتلىرى خۇددى «مۇردا» غا
- iOS ئەپلىرىنىڭ خېيىم-خەتەر دە
- كونۇپكا تاختىسىدىكى كارامەتلەر
- يانفونىڭىزنىڭ توكى نەگە كەتتى؟
- ياخۇ Yahoo Aviate ناملىق ھەقسىز ئۈستەل يۈزى قىستۇر
- 5.5 ديۇملۇق iPhone 6 يانفونىنىڭ 128GB لىق نۇسخىلىقىم
- جۇڭگونىڭ ئوغرى نەشىردىكى يۇمشاق دېتال ئورنىت
- تارىختىكى داڭلىق 15 نەپەر كومپىيۇتېر ئالىملىر
- ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىشىنىڭ
- XP توختىتىلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز Linux سىستېمىس
- نوكىيا شىركىتى باش شىتابىغا مىكروسوفتنىڭ بەل
- قەغەز ئۈستىدە «يۆتكىلىدىغان» پىرىنتېر
- يانفونىڭىزنىڭ توكى نەگە كەتتى؟
- ياخۇ Yahoo Aviate ناملىق ھەقسىز ئۈستەل يۈزى قىستۇر
- Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە ئۈچۈن بېلەت تاشلاڭ.
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تۇتقاقل
- ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى 26 يېشىدا مىليادىر
- ‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايد
- توردا مال سېتىۋېلىشتا تۈرلۈك توزاقلاردىن ھەز
- تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى نەرسە ئەمەس
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- بىزگە مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوغلانلار كېرەك!
- بىت تەڭگىسى (Bitcoin) ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز!
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا
- ئالما تارىخىدىكى ئون چوڭ مەغلۇپ مەھسۇلات
- تور ئەركىنلىكى مۇتلەق ئەركىنلىق ئەمەس
- بۇ يەتتە چارە كومپيۇتېرڭىزنى پەرۋ
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ ر