ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

ئاندىرويىد ئابونتلىرى خۇددى «مۇردا» غا ئوخشايدۇ

ۋاقىت : 2014-02-25 21:42 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئاندىرويىد ئابونتلىرى خۇددى «مۇردا» غا ئوخشايدۇ

روژىستىۋا بايرىمى ۋە «قارا جۈمە كۈنى» قاتارلىق يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان مال سېتىۋىلىش يۇقىرى دولقۇنى مەزگىلىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەر قولغا كەلتۈرگەن سېتىش نەتىجىسى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بازىرىدىكى ئايفون ۋە ئايپەد ئابونتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مال سېتىۋېلىش سوممىسى 93.94 دوللار، ئاندىرويىد ئابونتلىرىنىڭ بولسا 48.10 دوللار بولغان؛ ئىستېمالچىلارنىڭ سانى جەھەتتىن قارىغاندا، ئالما iOS ئابونتلىرى ئاندىرويىدنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، «سىز قانداق سىستېما سەپلەنگەن ئەقلىي يانفوننى ياقتۇرىسىز؟ » دىگەن تېمىدىكى ھەرخىل راي سىناش نەتىجىسىدە بولسا، ئاندىرويىدنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى %80 دىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق IBM شىركىتى ئىلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەر ئادەتتە ئىنتايىن توغرا چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ پەقەت بىرلا خىل ئېھتىماللىقنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاندىرويىدنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى ئالمىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، بىراق، ئاندىرويىد ئابونتلىرى قولىدىكى يانفوننىڭ ئىقتىدارى قانچە كۈچلۈك، ئىكرانى قانچە سۈزۈك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلار بۇ يانفوننى ھىچقانداق بىر ئىشقا ئىشلەتمەيدۇ، ھېچبولمىغاندا سودا ساھەسىگە نىسبەتەن شۇنداق، يەنى ئاندىرويىدچىلار يانفوندا مال سېتىۋېلىشقا ئانچە قىزىقمايدۇ.

businessinsider ناملىق داڭلىق تېخنىكا خەۋەرلىرى توربېكىتى يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنى دائىم ئۆز ماقالىسىدە ئىنكاس قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ماقالىسىنىڭ تېمىسى دائىم دىگۈدەك « گۇگېلنىڭ ناچار مەخپىيەتلىكى» دىگەندەك مەزمۇنلاردا بولىدۇ، ئۇلار بۇ ماقالىلەرنى گۇگېلغىمۇ ئەۋەتىپ تۇرىدۇ، بىراق گۇگېل ئەزەلدىن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ باقمىغان.
 
داڭلىق كۆچمە سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش شىركىتى Flurry نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىمىن راف ئەپەندىنىڭ بۇ ھادىسىگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ ئۆزگىچە، ئۇ ئاندىرويىد يانفونلىرىنى خۇددى بىر «مۇردا» غا ئوخشاش، ھېچقاچان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرمايدۇ دەپ قارايدۇ. كىشىلەر ئاندىرويىد يانفونلىرىدا تېلفون ئۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش ۋە ياكى ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناش بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ، بىراق، ئۇ ئارقىلىق مال سېتىۋىلىشنى ئويلىشىپ قويمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قولىدىكى ئاندىرويىد يانفونى خۇددى ئىلگىرىكى ئەقلىي ئىقتىدارسىز يانفونلار بىلەن پەرقسىز بىر نەرسە، ئۇلار ئەزەلدىن قولىدىكى يانفوننى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە دەپ قاراپ باقمىغان، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا بۇ ئەھۋال كىشىنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.

بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاندىرويىدنىڭ بازار ئۈلۈشىنىڭ نېمە ئۈچۈن iOS دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىشى مۇمكىن، بىراق، ئالما شىركىتى بۇ ئەھۋالدىن ھېچقاچان كىرزىس ھېس قىلىپ باقمىغان، چۈنكى ئەپ ئاچقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار پۇل تېپىش ئۈچۈن ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا iOS گە تايىنىدۇ، ھەتتاكى مەخسۇس مال سېتىۋىلىش تۈرىدىكى ئەپ دېتالى بولسىمۇ، ئۇ پەقەت ئاندىرويىد نۇسخىسىلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ بىر نەرسە ساتالىشى ناتايىن.

باشقا بىر نۇقتىدىن مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە، بازار ئۈلۈشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل. بىز كۆچمە ئۈسكۈنە كەسپىنى تېخى ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان بىر كىچىك ئارال دىسەك، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ %20 قىسمىنى ئالما ئىگەللىگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان؛ قالغان %80 قىسمى بولسا گۇگېلغا تەۋە، ھالبۇكى بۇ يەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى «يېزا-قىشلاق» لار بولۇپ، تېخى ئېچىلمىغان. ئۇنداقتا، كەلگۈسى كىمگە مەنسۇپ؟ ئېنىقكى بۇنىڭ جاۋابى گۇگېل، بىراق، بۇ يەردىكى كىشىلەر زامانىۋى تۇرمۇشقا ئانچە قىزىقمايدىغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا گۇگېلنىڭ ۋەزىپىسى بارچە ئاماللارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئەھۋالنى ياخشىلاش.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ