سامسۇڭ راستىنلا ئاندىرويىدتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچەلەمدۇ؟
【سامسۇڭ بىلەن ئالما ئوتتۇرىسىدىكى پاتنېت جېڭى داۋامىدا ئاشكارىلانغان ئىچكى ھۆججەتلەردە، سامسۇڭنىڭ ئىزچىل ھالدا ئاندىرويىد سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئويىدا بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئاندىرويىد ئىكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ «غالىبىيەتچى» بولغان سامسۇڭ راستىنلا ئاندىرويىدتىن ۋاز كېچەمدۇ-يوق؟】
يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان پاتنېت دەۋاسى جەريانىدا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئالما ۋە گۇگېل شۇنداقلا باشقا ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىنى ياسىغۇچى كارخانىلارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ سامسۇڭ گەرچە ئاندىرويىدقا تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئاندىرويىدتىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش خىيالىدا بولۇپ كەلگەن.
ھالبۇكى، خىيال دىگەن يەنىلا خىيال، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولسا باشقا بىر گەپ.
سامسۇڭنىڭ ئاندىرويىدتىن ۋاز كەچمەكچى بولۇشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
2010-يىلى 2-ئايدا، سامسۇڭ شىركىتى ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى ئەپ دۇكىنىنى ئېچىپ، سامسۇڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئابونتلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئىزچىل ھالدا مەھسۇلاتلىرىغا ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرىنى قوشۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق، مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ئىبارەت بۇ چەكلىمە ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قويغان. گۇگېل شىركىتى Google Play نامىدىكى بايراقدار ئەپ دۇكىنى ئارقىلىق، مەشغۇلات سىستېمىسى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى مۇلازىمەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى، شۇنداقلا غايەت زور كۆلەمدىكى ئابونتلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئېلان ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تاپتى. گۇگېلنىڭ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىكى بىرىنچى مەقسىتى بازار ئىگەللەش، بۇ نۇقتىغا كەلگەندە ئۇ سامسۇڭ بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلاشتى، سامسۇڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كارخانىسىغا ئايلاندى، گۇگېل بولسا ئاندىرويىد سىستېمىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەشغۇلات سۇپىسىغا ئايلاندۇردى.
گۇگېلنىڭ ئەڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغىنى دەل ئابونتلارنىڭ باشقا كارخانىلار يولغا قويغان مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئىشلىتىشى، سامسۇڭ ئەگەر يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يولىدا بۆسۈش ھاسىل قىلسا، ئۇ ھالدا چوقۇم گۇگېل بىلەن مەنپەئەت توقونۇشى كىلىپ چىقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سامسۇڭ چوقۇم ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
گۇگېلنىڭ قاتتىق دېتال ساھەسىدە تەرەققىي قىلىش ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، سامسۇڭ قاتارلىق كارخانىلارمۇ ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يېتىپ، يوشۇرۇن ھالدا بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق گۇگېلنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار ئىشلەپچىقارغان قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشىغا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە سامسۇڭ شىركىتى ئۆزىنىڭTizen ناملىق مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بولدى، ھەتتا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىگە قاچىلاشنى سىناق قىلىۋاتىدۇ.
بىراق، گەپنى قايتۇرۇپ كەلسەك، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، سامسۇڭنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىسىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىش ئېھتىماللىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. سامسۇڭ يەنىلا ئاندىرويىد ئىكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچى.
2. ئالما شىركىتىنىڭ سامسۇڭغا بولغان تەھدىتى گۇگېلغا قارىغاندا چوڭ.
3. Tizen مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى چەكلىمىلىككە ئىگە.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«سامسۇڭ راستىنلا ئاندىرويىدتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچەلەمدۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: قەغەز ئۈستىدە «يۆتكىلىدىغان» پىرىنتېر
- قەغەز ئۈستىدە «يۆتكىلىدىغان» پىرىنتېر
- سامسۇڭ راستىنلا ئاندىرويىدتىن پۈتۈنلەي
- گوگول ئەپ بازىرىغا ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بى
- Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە ئۈچۈن بېلەت تاشلا
- سىموس شېفىرىنى يېشىشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇل
- ئاندىرويىد ئابونتلىرى خۇددى «مۇردا» غا
- iOS ئەپلىرىنىڭ خېيىم-خەتەر دە
- Windows XP نى قوللاشنى ئۇزارتىش ھەق
- 5.7 سۇڭلۇق iPhone 6 مەيدانغا كېلىدۇ
- Windows Phone8.1 گە T9 شەكىللىك كۇنۇپكا
- سونى Xperia Tablet Z2 ئاشكارلاندى
- مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن ياسالغان سامسۇڭ تە
- ئالما «Mac mini» 3-ئايدا ئېلان قىلىدۇ
- بىزگە مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوغلانلار كېر
- Windows نىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر
- كېيىنكى ئەۋلاد Windows سېستىمىسى پىلانى
- قەغەز ئۈستىدە «يۆتكىلىدىغان» پىرىنتېر
- سامسۇڭ راستىنلا ئاندىرويىدتىن پۈتۈنلەي ۋاز ك
- گوگول ئەپ بازىرىغا ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بىلەت تا
- Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە ئۈچۈن بېلەت تاشلاڭ.
- سىموس شېفىرىنى يېشىشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇللىرى
- ئاندىرويىد ئابونتلىرى خۇددى «مۇردا» غا ئوخشا
- iOS ئەپلىرىنىڭ خېيىم-خەتەر دەرىجى
- Windows XP نى قوللاشنى ئۇزارتىش ھەققى
- 5.7 سۇڭلۇق iPhone 6 مەيدانغا كېلىدۇ
- Windows Phone8.1 گە T9 شەكىللىك كۇنۇپكا راي
- Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە ئۈچۈن بېلەت تاشلاڭ.
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تۇتقاقل
- ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى 26 يېشىدا مىليادىر
- ‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايد
- توردا مال سېتىۋېلىشتا تۈرلۈك توزاقلاردىن ھەز
- تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى نەرسە ئەمەس
- «چېچەن» ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىندى
- تور بەت يۇزى ئىلكىتاب كۆرگۇچىسى 网上在线PDF阅读
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- بىزگە مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوغلانلار كېرەك!
- مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- بىت تەڭگىسى (Bitcoin) ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز!
- تور ئەركىنلىكى مۇتلەق ئەركىنلىق ئەمەس
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ ر
- ئالما تارىخىدىكى ئون چوڭ مەغلۇپ مەھسۇلات
- iPhone 6 كېلەر يىلى سېنتەبردە دۇنياغا كېلىشى مۇم