ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

جۇڭگودا سېتىلىدىغان ئاندىرويىد يانفونلىرىغا نېمە ئۈچۈن گۇگېل مۇلازىمىتى قوشۇلماي

ۋاقىت : 2014-09-09 23:19 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم


جۇڭگودا سېتىلىدىغان ئاندىرويىد يانفونلىرىغا نېمە ئۈچۈن گۇگېل مۇلازىمىتى قوشۇلمايدۇ؟
 

جۇڭگودا سېتىلىدىغان ئاندىرويىد يانفونلىرىغا نېمە ئۈچۈن گۇگېل مۇلازىمىتى قوشۇلمايدۇ؟

ئاندىرويىد يانفونى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك دۆلىتىمىزدە سېتىلىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىدىكى ئاندىرويىد يانفونلىرىغا گۇگېل مۇلازىمەت تۈرلىرى قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئابونتلار بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ كەتمەيدۇ، ئاندىرويىد سىستېمىسى گۇگېل تەرىپىدىن ياسالغان تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە سېتىلىدىغان ئاندىرويىد يانفونلىرىغا گۇگېلنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرى كىرگۈزۈلمەيدۇ؟ بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇنداق بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىش كىرەك، يەنى گۇگېل مۇلازىمەتلىرى (GMS) ئەمەلىيەتتە ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، ئاندىرويىد بىلەن گۇگېل مۇلازىمەت تۈرلىرى ئىككى خىل مۇستەقىل مەھسۇلاتدۇر.

ئەگەر يانفونغا گۇگېل مۇلازىمەت تۈرلىرىنى قوشۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا چوقۇم گۇگېلنىڭ CTS/GTS تەكشۈرۈش تۈرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، گۇگېل بىلەن ھوقۇق بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىنىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى يانفونغا ئالدىن قاچىلاشقا بولىدۇ.

سامسۇڭ، سونىي، HTC ۋە LG قاتارلىق خەلىقئارالىق يانفون كارخانىلىرى ۋە ئېلىمىزدىكى خۇاۋېي، لىيەنشىياڭ ۋە جۇڭشىڭ قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ھەممىسى گۇگېل بىلەن ھوقوق بېرىش كىلىشىمى تۈزگەن، بۇلار ئىشلەپچىقارغان يانفونلىرىغا گۇگېل مۇلازىمەتلىرىنى قوشسا بولىدۇ. بىراق، گۇگېل شىركىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتا سېتىلىدىغان ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ گۇگېل مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئىشلىتىشىگە چەك قويغان، يەنى گۇگېل چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىىدىكى ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ گۇگېل مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئىشلىتىشىگە ھوقۇق بەرمىگەن. ھالبۇكى، بۇ يانفونلار ئەگەر جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن باشقا بازارلارغا قارىتا سېتىلسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا گۇگېل مۇلازىمەتلىرىنى ئالدىن قاچىلاشقا بولىدۇ، مەسىلەن، خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئېكىسپورت قىلىدىغان ۋە تەيۋەن-شىياڭگاڭغا قارىتا سېتىلىدىغان يانفونلىرىغا گۇگېل مۇلازىمەت تۈرلىرى ئالدىن قاچىلانغان.

ئۇنداقتا گۇگېل شىركىتى نېمە ئۈچۈن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سېتىلىدىغان ئاندىرويىد يانفونلىرىغا گۇگېل مۇلازىمەتلىرىنى ئالدىن قاچىلاشقا چەك قويىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى، گۇگېل شىركىتى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا گۇگېلغا ئالاقىدار كەسپلەرنى تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ، ئەگەر گۇگېل شىركىتى چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىدا گۇگېل ھېساب نۇمۇرىغا ئالاقىدار كەسپلەرنى يولغا قويسا، چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كىرەك، ئەگەر ئۇ نازارەت قىلىنىشنى رەت قىلسا، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا بويسۇنمىغان بولىدۇ، ئەگەر نازارەت قىلىنىشقا قوشۇلسا، ئۇنداقتا ئابونتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشى مۇمكىن، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، گۇگېل ئابونتلارنىڭ شەخسي مەخپىيەتلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن، جۇڭگو بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تاللىغان.

 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئالدىنقىسى:iPhone مەخپىيەتلىك ئوغۇرلايدۇ؟
كېينكىسى: يوق
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ