ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ھەققىدە

ۋاقىت : 2014-09-17 03:23 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەلقاياش | تەھرىر : arqin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك ، بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋىر ئىنسانىيەت ئىجتىمائى ۋە ئىقتىزادى جەھەتتىن غايەت زور يۈكسىلىشلەرگە ئىرىشىۋاتقان دەۋىر بولدى . بولۇپمۇ كومپىيۇتىردىن ئىبارەت بۇ پەن تېخنىكا مەھسۇلاتىنىڭ بارلىققا كىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائى ۋە ئىقتىزادى جەھەتتىكى يۈكسىلىش قەدىمىنى تىزلەشتۈرىۋەتتى . دۇنيا جامائىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ، ئۇچقاندەك مېڭىۋاتقان بۇ تەرەققىياتلارغا يىتىشىۋېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدۇق . ئىنىقكى ، كومپىيۇتىر ئىشلىتىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ سان جەھەتتىكى ئازلىقى سەۋەپلىك ، دۇنيانىڭ سەۋىيىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلى ئارقىدا تۇرىۋاتىمىز .
نىمە ئۈچۈن بىزدىكى كومپىيۇتىر ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەر نىڭ سانى ئاز ؟ دىگەن مەسىلىگە تۈۋەندىكىدەك جاۋاپلارنى بىرىشىمىز مۇمكىن .
تىل قىيىنچىلىقى . كومپىيۇتىرنى دەسلەپتە ياساپ چىققۇچىلار ئىنگىلىس تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلىقلەر بولغاچقا ، شۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن ئومۇملاشقان . ئاندىن كىيىن ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى كۆپ بولغان بىر قىسىم تىللارغا خېلى بۇرۇنلا ئۆزلەشتۈرۈلدى . ئازسانلىق ھىساپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن ئەمدى تېخى 10 نەچچە يىل بولدى . كومپىيۇتىر دىگەننى دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن ئىنسانلاردىن بەكمۇ كىيىن ئۇچراتتۇق .مۇشۇ قىسقا ۋاقىتتا ، ئىرىشكەن نەتىجىلەر ھەم ئاز بولمىدى .
ئالىمىمىز ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ يىتەكلەپ مېڭىشى بىلەن ئاخىرى ئۇيغۇر تىلىمىز ۋىندوۋىس مەشغۇلات سېستىمىسىغا مۇستەقىل تىل سۈپىتىدە قۇشۇلدى . ئىقتىزادىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، ھەقىقى نۇسخىدىكى ئۇيغۇرچە قۇشۇلغان مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلىرىمىز كۆپەيگۈسى .
ئىقتىزادى سەۋەپ . نۆۋەتتە بىزنىڭ ماددى ئىھتىياجىمىز تۇلۇق كاپالەتكە ئىگە بوپ بۇلالمايۋاتقانلىق سەۋەۋىدىن ، پائالىيىتىمىز ئاساسەن ئەتە يەيدىغان ئاش ئۇزۇق تېپىش ھەلەكچىلىكىدە بۇلىۋاتىدۇ . كومپىيۇتىردىن پايدىلىنىپ ، ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىش پۇرسىتى يىتەرلىك ئەمەس . مەنىۋى ئىھتىياجىمىزنى قامداش ئۈچۈن ۋاقتىمىز ئېشىنمايۋاتىدۇ .
كومپىيۇتىرغا نىسبەتەن چۈشەنچىمىز مۇكەممەل ئەمەس . كومپىيۇتىرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىگە نىسبەتەن ئىلمى چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس . ياشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىلىرى كومپىيۇتىرنى ئۇيۇنچۇق قاتارىدا كۈرۈپ يۈرىۋاتىدۇ .
قورقۇش . ئىنتايىن كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىز كومپىيۇتىرنى ئىشلىتىشنى ئۈگىنەلىشىگە ئىشەنچ قىلمايۋاتىدۇ . ئاددىسى كومپىيۇتىرنىڭ كۆرسەتكۈچ ئىكرانىنى كومپىيۇتىر مۇشۇ دەپ تۇنۇيدىغانلار بىزدە ساماندەك . شۇنداقتىمۇ بىزدە كومپىيۇتىرنى ئومۇملاشتۇرغىلى بۇلىدىغان تۈۋەندىكىدەك ھەقىقى شارائىتلار مەۋجۇت .
كومپىيۇتىر ئىنتايىن ئەرزان نەرسە دىيىشكە تامامەن بولىدۇ . مەسىلەن ، 300 يۈئەنگە نۇرمال ئىشلەيدىغان كومپىيۇتىر سېتىۋالغىلى بولىدۇ . گەرچە نىمكەش بولسىمۇ ، ئۇنىڭ نىمكەشلىگى ئىشلىتىش قىممىتىگە دەخلى يەتكۈزەلمەيدۇ . بىر كومپىيۇتىر نۆۋىتىدە بىر DVD قويغۇچ ، بىر تېلۋىزۇر ، نۇرغۇن دەپتەر قەلەم ۋە نۇرغۇن كىتاپلارنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ .
تورغا چىقىش ھەققى بەك قىممەت ئەمەس .
بىر تور سىمى ئارقىلىق بىرنەچچە خوشنىلار ئورتاق تورغا چىققىلى بۇلىدۇ . يەنە كىلىپ لايىقىدا بولغاندا بۇ قانۇنسىز قىلمىش ھىساپلانمايدۇ . شۇنداق بولغاندا بىر كومپىيۇتىرنىڭ ئايلىق تورغا ئۇلىنىش ئۈچۈن ئوتتۇز - قىرىق يۈئەنلا كىتىدۇ .
ئەڭ مۇھىمى ھازىر ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللايدىغان ، پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان مەشغۇلات سېستىمىسى ئۇبۇنتۇ بارلىققا كەلدى . ئەلسۈيەر ئەزىمەتلىرىمىز بىر تېيىن ئىقتىسادى كىرىم قىلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەستىن، خالىس ھالدا بۇ تەرجىمە ئىشلىرىنى نەتىجىلىك تاماملىدى . ھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېخىمۇ قۇلاي ئۆزلەشتۈرىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرئىكىس نامىدىكى سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈردى .
بۇ سېستىمىنى قاچىلاش باسقۇچلىرىدىن تارتىپ مەشغۇلاتلارغىچە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئېلىپ بېرىلغاچقا ،
ئۇيغۇرچە ساۋادى بولغانلىكى ئادەم چۈشىنەلەيدۇ .
ھەم بۇ سېستىمىنى ۋىندوۋىس ياكى باشقا سېستىملار بىلەن بىرگە بىرنەچچە خىل ئۇسۇلدا تەڭ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .بارماق دىسكىغا قاچىلاپمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .

(تەھرىر : arqin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەلقاياش تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-09-17 02:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-09-17 15:09
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ