باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى دۇرىلار

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-14 03:23:56

جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى دورىلار


كاكىنەچ، بەدىيان، كاسىنە، بىنەپشە، ئەرقى شوخلا، ئەرقى نىلۇپەر، ئەرقى بىدىمىشكى، ئەرقى شاقاقۇنىئمان قاتارلىقلارغا ئوخشىغان قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ ، مەركىزىي نېرۋا سىستىمىسىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى پەسەيتىپ ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
ئىككىنچى: ئۇيقۇ كەلتۈرگۈچى دورىلار:
 
نېرۋا سېستىمىسىنىڭ نورمال قوزغىلىشىنى تۇرمۇزلاپ ، جىنسىيەت ھەققىدىكى تۈرلۈك غىدىقلىنىشلارنى ئۈنۈملۈك قۇبۇل قىلىپ، ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئاخىرقى ھېسابتا جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
بۇلار نىشە، ئەپيۇن. بەزۇرۇلبەنجى، جەۋزى ماۋسىل، كۆك يۇمغاقسۈت، كاپۇر، ئۇسۇڭ، ئۈستىقۇددۇس، بادىرەنجىبۇيا، ئالما قاتارلىقلارغا ئوخشاشلار…
 
ئۈچىنچى : مەنىي تۇتقۇچى دورىلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش؛
 
بۇ خىل دورىلار دەسلەپكى مەزگىلدە نورمال ، قەرەللىك ھالدا ئىشلەتكەندە جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى ئۈنۈملۈك داۋالىسىمۇ ، بۇ خىل دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئادەت قىلىۋالغۇچىلاردا ئۇرۇق بېزىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاناسىل ئەزالار بەزلىرىنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇلار ؛ كۇچۇلار، سالاجىت،جەۋزى ئەزەم،ھەببى ئىمساك،ھەببى رىگماھى،ھەببى مۇمسىك،ھەببى ئەپيۇن،مەجۈنى مەسىھا دىلكۇشاد ۋە باشقىلار….

 
تۆتىنچى : ئىسپرتتىن زەھەرلىنىش-مەركىزىي نىرۋا سېستىمىسى تۇرمۇزلىنىپ قېلىش بىلەن جىنسىي پائالىيەت توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ھەمدە بەدەن زەئىپلىشىپ جىنسىي قۇۋۋەت (شەھۋەت) ئاجىزلايدۇ.
 
بەشىنچى : بەشىنچى : قان بېسىمى يۇقىرىلىقنى داۋالىغۇچى دورىلار؛
 
بۇ خىل دورىلار مەركىزى نېرۋا سېستىمىسنىڭ خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، تاناسىل ئەزا قايىم بولىدىغان چاغدا قان تومۇرلارنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىدۇ. بۇلار؛ كەرەپشە ئۇرۇقى، گاۋزىۋان، ئەرقى سەندەل، ئەرقى گاۋزىۋان، مەتبۇخى ئەپتىمۇن، ئەرقى بىدىمىشكى، دۇفۇ، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار…..
 
ئالتىنچى: ئىچىنى سۈرگۈچى دورىلار؛
 
بۇ دورىلار ئۇزۇن مۇددەت بەدەننى تازىلاش (تەنقىيە) قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، بۆرەك ۋە جىنسىي بەزلەر ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلار؛ ھەببى شەبيار، ھەببى ئايارەج، ھەببى سەبرى، شاھمىھەنزەل، سەبرى، تۇرغۇت، خىياشەنبەر  ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل سۈرگۈچى دورىلار جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
ئەسكەرتىش: كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن دورىلار ھەر قانداق ئادەمگە يامان تەسىر بېرىشى ناتايىن. دورىلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىۋەتمەسلىك كېرەك. دورىلارنى كېسەل داۋالاش ئۈچۈنلا ئىشلىتىش ، شەھۋەت ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىك لازىم.
 
 
 
 
 
   مەنبە __________________                 ئۇيغۇر   تىبابەتچىلىكى    قامۇسى

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2