دۆلىتىمىزدىكى بىر پەن تەتقىقات ھۆججەت-ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشچە، جىنسىي تۇرمۇش قانچە ئۇرغۇپ تۇرغانسېرى شۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن.
تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ 80 ياشتىن ئاشقان ئەر ئۆمۈر چولپانلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشچە، 40% ئۆمۈر چولپانلىرى تا ھازىرغىچە نورمال جىنسىي تۇرمۇشنى ساقلىغان بولۇپ، پەقەت 10% بوۋاي 70 ياشتىن ئىلگىرى جىنسىي تۇرمۇشنى توختاتقان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، ئەگەر ياشىنىپ قالغان بولۇپ، پۈتۈنلەي جىنسىي تۇرمۇشى يوق،ھەمدە بۇ جەھەتتىكى ھەۋىسى بولمىسا، قالغان ئۆمۈرى ئاز قالغان بولۇشى مومكىن: ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە قالغان ئۆمۈرى پەقەت 10 يىل، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە قالغان ئۆمۈرى پەقەت 13 يىل بولۇشى مومكىن.كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى، جىنسىي ئىقتىدارنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بولسا تېنى ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭ ئۆلچىمى.
ئەمەلىيەتتە، ئەر-ياكى ئايال بولسۇن، جىنسىي تۇرمۇش بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقاتقا كۆرسىتىلىشچە، بىر قېتىملىق قايناق ھىسياتقا تولغان جىنسىي تۇرمۇش ئوتتۇرھال سۈرئەتتە ۋېلىسىپىت مىنىپ 1 كىلومېتىر مۇساپىنى باسقاندىكى ئىسسىقلىق مىقدارى سەرپىياتىغا تەڭ كىلىدىكەن.شۇڭا جىنسىي تۇرمۇش بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ، سالامەتلىككە ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ياردىمى بار ئىكەن.