جىنسىي ئەزالار بولسا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇشنىڭ قورالى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئورنى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، شۇڭالاشقا،جىنسىي ئەزالارنىڭ تاكامۇللاشقان بولۇشى،نورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇشنىڭ زۆرۇر شەرتى ھىساپلىنىدۇ. ئەرلەر زەكىرىدە مەلۇم غەيرىلىكلەر بولسا مەسىلەن:زەكىرى زىيادە بەك كىچىك بولسا زەكەرنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسى ئارقىسىغا جايلاشقان بولسا ، زەكەر قوش بولۇپ قالسا، تۇغما ھالدا زكەر بولمىسا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇشكە ئامالسىز قالىدۇ، ئەرلەرنىڭ زەكەر قاتارلىق جىنسىي ئەزالىرىدىكى مەلۇم كېسەللىك زەكەر قوپىشىغا ھەمدە جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدا مەلۇم غەيرىلىكلەر بولسا:مەسىلەن،تۇغما ھالدا جىنسىي يول يوق بولۇش، جىنسىي يوڭلدا توغرا توسۇق پەردە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردا نورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇشنىڭ ئورنى مەيدانى بولماي قالىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزالىرىدىكى مەلۇم ياللۇغلىنىشلار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقاندا جىنسىي ئەزالارنىڭ ئاغرىشىنى ياكى قاناشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. شۇ ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى روھىي ھالەتكە تەسىر يېتىدۇ.
|