كۈزنىڭ مېۋىسى كۆزىڭىزنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدۇ .نۇرغۇن ئاياللارمېۋىنى تاماقنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ .بىراق ئۇلار بىر قىسىم مېۋىلەرنى يىگەندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا سەمىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى مېۋىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى گۈرۈچ تامىقىنىڭكىدىن تۆۋەن بۇلىدۇ ،بىراق ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈش سۈرئىتى گۈرۈچ تامىقىنىڭكىدىن تېز بۇلىدۇ .يەنە كېلىپ قەنت مىقدارىنىڭ سۈمۈرلۈش سۈرئىتىنىڭ تېز -ئاستا بولۇشى سەمىرىش ۋە سەمىرمەسلىكنى بەلگىلەيدۇ .شۇڭا، قەنتلىك يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن سۈمۈرلۈش مىقدارىنىڭ تېز -ئاستا بولۇشى ئەڭ مۇھىم ئامىل . ئۇ، ئسسىقلىق مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتسىز .ئادەتتە كىشىلەر گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تاۋۇزنىڭكىدىن يوقىرى ، شۇڭا ،گۈرۈچ تامىقى يىگەندە ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە ،چۈنكى گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تاۋۇزنىڭكىدىن يۇقىرى بولسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ قەنت تۈرى كۆرسەتكۈچى تاۋۇزنىڭكىدىن تۆۋەن ،يەنى گۈرۈچ تامىقىنىڭ قەنت تەركىبىنىڭ سۈمۈرلۈش سۈرئىتى تاۋۇزنىڭكىدىن ئاستا بۇلىدۇ .تاۋۇز يىگەندە قاندىكى قەنت مىقدارى تۇيۇقسىز يۇقىرلايدۇ . لىگو ،تاۋۇز ،ئاناناس ،كۇلى بىھىسى قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ قەنت تۈرى كۆرسەتكۈچى گۈرۈچ تامىقىنىڭكىدىن يۇقىرى، شۇڭا ئورۇقلاش نىيىتىدىكى كىشىلەر بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك . غەيرى مېۋە ،بانان ،ئۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ قەنت تۈرى كۆرسەتكۈچى يىرىك گۈرۈچ تامىقىنىڭكىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ ،شۇڭا ئورۇقلاش نىيىتى بار كىشىلەر بۇ مېۋىلەرنى يىمەسلىكى كېرەك . ئۈزۈمسىمان ئاپلىسىن ،ئالما،نەشپۈت ،ئالوچا ،گىلاس ،شاپتۇل .سىترۇس قاتارلىقلارنىڭ قەنت تۈرى كۆرسەتكۈچى گۈرۈچ تامىقىنىڭكىدىن تۆۋەن ،بۇلار ئورۇقلاش نىيىتىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇق.
|